ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قۇرئان ۋە ئىترەت ئسلام تورىغا خۇش كەپسىز

وعن البراء بن عازب و زيدبن ارقم ان رسول الله صلي عليه واله وسلم لما نزل بغدير خم اخذ بيد علي فقال : الستم تعلموا اني اولي بالمؤمنين من انفسهم ؟ قالوا بلي . فقال : الستم تعلموا اني اولي بكل مؤمن من نفسه ؟ قالوا بلي . فقال : اللهم من كنت مولاه فعلي مولاه . اللهم وال من والاه وعاد من عاداه فلقيه عمر بعد ذالك فقال له : هنيئا يابن ابي طالب اصبحت و امسيت مولي كل مؤمن ومؤمنة  . رواه احمد .
بەررا ئىبنى ئازىب ۋە زەيىد ئىبنى ئەرقەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالھى ۋەسەللەم دىن ھەدىس رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ : پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم غەدىير خۇم دىگەن جايغا كەلگەندە ھەزرەتى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ  : سىلەر بىلىسىلەرغۇ ، مەن بارلىق مۆئمىنلەرگە نىسبەتەن ئۇلارنىڭ جانلىرىدىن ئەزىز ئەمەسمۇ ؟ ئۇلار ( ساھابىلەر ) نىڭ ھەممىسى : ‹‹ھەئە ، شۇنداق ئى رەسۇلۇللاھ ›› دەپ جاۋاپ بەردى . پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دىدى : سىلەر بىلىسىلەرغۇ ، مەن ھەربىر مۆئمىنگە نىسبەتەن ئۇنىڭ جىنىدىن ئەزىز ئەمەسمۇ ؟ ئۇلار ئىيتتى :  ھەئە ، شۇنداق  ئى رەسۇلۇللاھ . ئۇنىڭدىن كىيىن جانابى رەسۇلۇللاھ : ‹‹ مەن كىمنىڭ پىشۋاسى بولغان بولسام ، ئەلى شۇ كىشىنىڭ پىشىۋاسىدۇر . ئى ئاللاھ كىم ئەلىنى دوست تۇتسا سەنمۇ ( ئۇ كىشىنى ) دوست تۇتقىن . كىمكى ئەلىنى دۈشمەن كۆرسە ئۇنى ( يەنى ئەلىنى دۈشمەن كۆرگەن كىشى ) نى دۈشمەن كۆرگىن ›› دەپ ئىيتتى . ئارقىدىنلا ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ھەزرەتى ئەلى ئەلەيھىسسالامگە مۇنداق دىدى : مۇبارەك بولسۇن ساڭا ئى ئەبۇ تالىبنىڭ ئوغلى ( ئەلى )  ! سەن ھەر قاچان ھەر-بىر ئەر ۋە ئايال مۆئمىننىڭ پىشىۋاسى ۋە رەھبىرى دۇر سەن . (مۇشكات شەرىف 565-بەت)

Add comment


Security code
Refresh

پايدىلانغۇچىلارنىڭ سانى

2.png3.png1.png7.png5.png7.png
بۈگۈنكى23
تۈنۈگۈنكى275
بۇ ھەپتىدىكى 2044
بۇ ئايدىكى7728
ئومۇمى231757

2018 يىل ماي-27 يەكشەنبە 01:05

تور بېكىتىمىزدە خاتا بۇلۇپ قالغان مەزمۇن بولسا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋاقتىدا بىزگە ئۇچۇر قىلىپ قۇيۇشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز .  ئىنسان خاتالىقتىن مۇستەسنا ئەمەس،
اللە ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر . تور بېتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ. بېكىتىمىز ،سېرىق ھەم دۆلەت قانۇنىغا زىت بولغان ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر   يەتكۈزدىغان ئۇچۇر ۋە يازمىلارنى قەتئىي  چەكلەيدۇ. ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ .