ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قۇرئان ۋە ئىترەت ئسلام تورىغا خۇش كەپسىز

 پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەئالىھى ۋەسسەللەم تىلىنىڭ پاساھەتلىگى ۋە يۇقىرى نۇتۇق ماھارىتى بىلەن ئالاھىدە ئورۇندا تۇراتتى. ئۇ تەبىئىتى مۇلايىم، تىلى راۋان، سۆزى مەزمۇنلۇق، چۈشەنچىسى دۇرۇس، تەكەللۇپسىز زات ئىدى.
ئۇنىڭغا لەبزى ئىخچام، مەزمۇنى مول ۋە ھىكمەتلىك سۆزلەش ئىقتىدارى ئاتا قىلىنغان ئىدى. ئۇ ئەرەپ تىل شىۋىلىرىنى پىششىق بىلەتتى. ئۇ ھەر بىر قەبىلە خەلقىغە شۇ قەبىلىنىڭ تىل تەلەپپۇزى ۋە سۆزلەش ئۇسلۇبى بۇيىچە سۆزلەيتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەئالىھى ۋەسسەللەم نىڭ تىل ۋە ۋۇجۇدىدا سەھرانىڭ ساددا، تەبىئى سۆزلەش ئۇسلۇبى بىلەن شەھەرنىڭ مەدەنىي، چۈرۈك تەلەپپۇزى ۋە ئىلاھى ۋەھى تەمىنلىگەن ئاللاھنىڭ قوللىشى ۋە مەدەت بىرىشى تولۇق مۇجەسسەملەشكەنىدى.

مۇھەممەد  پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەخلاقىدىن ئۆرنەكلەر
پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەخلاقى قۇرئان كەرىم ئىدى. ئۇ ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇشتا، ئىبادەتلەرنى ئورۇنلاشتا، ئاللاھ مەنئى قىلغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشتا، بارچە ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا ئىنسانلارنىڭ ئالدىنقىسى ئىدى. ئۇ گۈزەل ئەخلاق جەھەتتىمۇ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكتىن، ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسىگە ئايلانغان ئىدى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتىدىكى بارلىق ئىش - ئىزلىرىدا ئىپادىلەنگەن بولۇپ، تۆۋەندىكى ماۋزۇلاردا تېخىمۇ روشەن كۆرگىلى بولىدۇ:

پايدىلانغۇچىلارنىڭ سانى

2.png3.png1.png7.png5.png5.png
بۈگۈنكى21
تۈنۈگۈنكى275
بۇ ھەپتىدىكى 2042
بۇ ئايدىكى7726
ئومۇمى231755

2018 يىل ماي-27 يەكشەنبە 00:56

تور بېكىتىمىزدە خاتا بۇلۇپ قالغان مەزمۇن بولسا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋاقتىدا بىزگە ئۇچۇر قىلىپ قۇيۇشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز .  ئىنسان خاتالىقتىن مۇستەسنا ئەمەس،
اللە ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر . تور بېتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ. بېكىتىمىز ،سېرىق ھەم دۆلەت قانۇنىغا زىت بولغان ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر   يەتكۈزدىغان ئۇچۇر ۋە يازمىلارنى قەتئىي  چەكلەيدۇ. ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ .