ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قۇرئان ۋە ئىترەت ئسلام تورىغا خۇش كەپسىز

سالاملىشىش كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتتە كەم بولسا بولمايدىغان ئادەتلەرنىڭ بىرى. سالاملىشىش ئۆز ئارا ئالاقىنى كۈچەيتىپ، كىشلەرنى ئەدەپ-ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك، مەدەنىيەتلىك بولۇشقا يېتەكلەيدۇ، دوستلۇقنى كۈچەيتىدۇ، ھۆكۈمەت ۋە مېھىر-مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. سالاملىشىشتىن ۋۇجۇدىمىز بىر خىل سۆيۈنۈش تۇيغۇسىغا چۆمۈلۈپ، قەلبىمىز باھار ئاپتىپىدەك يورۇپ، ئىللىقلىققا تولىدۇ. دىلى رەنجىشىپ قالغان كىشلەرمۇ سالامنىڭ ھېكىمىتى ۋە ھارارىتى بىلەن ئارىدىكى ئاداۋەت، ئۇقۇشماسلىق، رەجىشلەرنى تۈگىتىدۇ.
مەھەللىمىزدە ئۇزاقتىن بۇيان ئىناق ئۆتۈپ كەلگەن قوشنىلار بار ئىدى.

 

قەشقەر ھېيتىگاھ مەسچىتى شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىنىڭ مەشھۇر كاتتا مەسچىتى .ئورنى قەشقەر شەھىرى ئازادلىق يولىدا . << ھېيتگاھ >> سۆزى ئەرەبچە << ھېيت >> دېگەن سۆز بىلەن پارىسچە << گاھ >> دېگەن سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن ياسالغان بولۇپ ، << ھېيت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدىغان جاي >> دېگەن مەنىدە . بۇ مەسچىت شىنجاڭدا مۇسۇلمانلار يىغىلىش - مۇراسىملارنى ئۆتكۈزىدىغان كاتتا مەسچىت ، دىنىي تەلىم - تەربىيە ۋە مەدەنىيەت مەركىزى . بۇ مەسچىتنىڭ قاچان سېلىنىشقا باشلىغانلىقى توغرىسىدا قولىمىزدا ئىشەنچىلىك ماتېرىيال يوق .

 

ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېرى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەرگەي لاۋروف بىلەن فرانسىيە پايتەختى پارىژ شەھىرىدە ئۇچراشقان بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبىتى سۈرىيە كىرىزىسى ئۈستىدە بولغان. سەرگەي لاۋروف سۈرىيەگە ۋاكالىتەن قىلغان سۆزىدە، يېقىندا چاقىرىلماقچى بولغان  ئىككىنچى قېتىملىق جەنۋە يىغىنىغا سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشتىراك قىلىشقا مۇۋاپىق كەلگەنلىكىنى ۋە مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭمۇ نۆۋەتتىكى جەنۋە قۇرۇلتىيىغا ئىشتىراك قىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى. لاۋروف يەنە سۈرىيەدىكى بەششار ئەل ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سۈرىيەگە ئىنسانىي ياردەملەرنى ئېلىپ كىرىشكە توسقۇنلۇق قىلمايدىغانلىقى ۋە ھەمكارلىشىدىغانلىقى ھەققىدە سۆز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پايدىلانغۇچىلارنىڭ سانى

2.png3.png0.png7.png2.png6.png
بۈگۈنكى68
تۈنۈگۈنكى298
بۇ ھەپتىدىكى 1013
بۇ ئايدىكى6697
ئومۇمى230726

2018 يىل ماي-23 چارشەنبە 06:53

تور بېكىتىمىزدە خاتا بۇلۇپ قالغان مەزمۇن بولسا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋاقتىدا بىزگە ئۇچۇر قىلىپ قۇيۇشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز .  ئىنسان خاتالىقتىن مۇستەسنا ئەمەس،
اللە ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر . تور بېتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ. بېكىتىمىز ،سېرىق ھەم دۆلەت قانۇنىغا زىت بولغان ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر   يەتكۈزدىغان ئۇچۇر ۋە يازمىلارنى قەتئىي  چەكلەيدۇ. ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ .