ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قۇرئان ۋە ئىترەت ئسلام تورىغا خۇش كەپسىز

ئىسمى كىتاپ : تەپسىرى نەمۇنە

ئەسلى تىل  : ئەرەپچە ۋە پارىسچە

يازغۇچى : ئايەتۇللا مەكارم شيرازى .

تەرجمە قىلغۇچى :  قارى ھاجم
تەپسىرى سۈرە فاتىھە و سۈرە بەقەرە.

داۋامى بار.....

ناھايتى خوشاللىنارلىقى شۇكى قۇرئان-كەرىم دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھاياتى تۇرمۇشىغا، بولۇپمۇ بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىتىغا كۈندىن-كۈنىگە كۆپلەپ سىرغىپ كىرىۋاتىدۇ. بىزنىڭ بۈگۈنكى جەمىيتىمىزدە چوڭ قارىلار، ئالى جاناپ ھاپىزلار ۋە ئۇقۇمۇشلۇق مۇپەسسىرلەر –ئاللاھ تائالاغا شۈكرى- ئاز ئەمەستۇر. مەخسۇس تەپسىر كەسپى قۇم شەھرىدىكى دىنى مەكتەپلەردە رەسمى فاكۇلتىتلارنىڭ بىرى بولۇپ شەكىللەندى ۋە ئۇنىڭدا ئوقۇشنى خالايدىغانلارمۇ ناھايتى كۆپتۇر. تەپسىر دەرسى يەنە دىنى مەكتەپلەردىكى رەسمى دەرىسلەرنىڭ بىرى ۋە ئىمتىھان مەنبەلىرىنىڭ قاتارىدىندۇر. تەپسىر نەمۇنە ئۆزىنىڭ چۈشىنىشلىك، راۋان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەزمۇنى مول، كۈندىلىك مەسىلىلەر ۋە زاماننىڭ ئېھتىياجلىرىنى نەزەردە تۇتقان بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇشۇ ئاساستا يېزىلغاندۇر. ئېھتىمال بۇ تەپسىرنىڭ ناھايتى تىز سۈرئەتتە كېڭىيىشىنىڭ دەلىللىرىنىڭ بىرى بولسا كەڭ خەلق ئاممىسېنىڭ قۇرئان-كەرىمگە يۈزلىنىشىنىڭ ئۆزى بولىشى مۇمكىن.
گەرچە بۇ تەپسىرنى تەييارلاشتا قۇم شەھرى دىنى مائارىپ ساھەسىدىكى پەزىلەتلىك ئۆلىمالاردىن تەشكىللەنگەن بىر گورۇھ دانىشمەنلەر (ئىسلام ئۆلىمالىرى بولغان جاناپلار: مۇھەممەد رېزا ئاشتىيانى، مۇھەممەد جەئفەر ئىمامى، داۋۇد ئىلھامى، ئەسەدۇللا ئىيمانى، ئەبدۇر رەسۇل ھەسەنى، سەييىد ھەسەن شوجائى، سەييىد نۇرۇللا تەباتەبائى، مەھمۇد ئەبدۇللاھى، مۇھسىن قىرائەتى ۋە مۇھەممەد مۇھەممەدى قاتارلىقلار) نىڭ ھەمكارلىقىدا ئون بەش يىل مۇددەت ئىچىدە كۆپلىگەن جاپالار چېكىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ تەپسىرنىڭ ئوخشىمىغان تەبىقىدىكى كىشىلەر، ھەتتاكى ئەھلى سۈننەت بۇرادەرلەر تەرپىدىن پەۋقۇلئاددە قارشى ئېلىشقا ئىرىشىشى، ئۇنى تەييارلاش جەريانىدىكى بارلىق چارچاشلارنى يوقاتتى ھەمدە بۇ كىتاپنىڭ ئاللاھ-تائالانىڭ دەرگاھىدا ـئاللاھ خالىسا– قوبۇل قىلىنغان بىر ئەسەر بولۇش ئارزۇسى يۇقارقى دوستلارنىڭ دىللىرىدا پەيدا بولدى.
بۇ تەپسىرنىڭ پارسىچە نۇسخىسى نەچچە ئون قېتىم بېسىلىپ تارقىتىلدى، ئۇنىڭ 27 جىلدىلىق كامىل نۇسخىسى ئوردۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، بىر قانچە قېتىم بېسىلدى ھەمدە ئۇ « ئەلئەمسەل فى تەفسىرى كىتابىللاھىل مۇنزەل » دېگەن نام بىلەن ئەرەپ تىلىغا پۈتۈنلەي تەرجىمە قىلىنىپ، بېرۇتتا بېسىلدى ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ خىلمۇ-خىل جايلىرىدا كەڭ-كۆلەمدە تارقىتىلدى. ئۇنىڭ ئىنگىلىسچە تەرجىمىسىمۇ ھازىرنىڭ ئۈزىدە تەييارلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇ پات ئارىدا ئىسلام نەشىرياتلىرى ئوپۇقلىرىدا ئاشكارا بولغۇسى.
نەمۇنە ناملىق بۇ تەپسىر نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان گورۇھلار ئۇنىڭ خۇلاسىسېنىڭ نەشىر قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى، چۈنكى ئۇلار قىسقا ۋاقىت ۋە ئازغىنە پۇل سەرىپ قىلىپ، ئايەتلەرنىڭ يۈزەكى مەزمۇنلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىخچام شەرھىلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشنى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قۇرئان-كەرىمنىڭ تەپسىرى نەزەردە تۇتۇلغان بەزى سېنىپلاردا ئۇنىڭدىن دەرىسلىك كىتاپ سۈپىتىدە بەھرىمان بولۇشنى ئارزۇ قىلغان ئىدى.
مانا مۇشۇنداق تەكرار تەلەپ قىلىش بىزنى ئۇ نەمۇنە تەپسىرىنىڭ 27 جىلدىسېنىڭ ھەممىسېنى بەش جىلدقا خۇلاسىلەپ چىقىش ئوي-پىكىرىگە چۈشىشىمىزگە مەجبۇر قىلدى، ئەلۋەتتە بۇ ئىش ئاسان ئەمەس ئىدى، شۇڭلاشقا بىر مەزگىل ئۇ توغرىلىق ئىزدىنىش، پىلانلاش ۋە زۆرۈر بولغان تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلدى، ئاخىردا تەپسىير نەمۇنىنىڭ ماۋزۇغا ئائىت مۇندەرىجىلىرىنى تەييارلاش جەريانىدىكى تەجرىبىلىك پائالىيەتلىرى، ئىرادىسى ۋە ماھىرلىقى بىزگە مەلۇم بولغان ھۆرمەتلىك، پەزىلەتلىك ۋە پاك نىيەتلىك جانابى ئەھمەد ئەلى بابائى بۇ مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئورۇنداشنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى ۋە ئۇ كىشىنىڭ ئۈچ يىل كېچە-كۈندۈز تىنىمسىز ئىشلىشى ئارقىلىق، ئۇنىڭ نەتىجىسى «تەپسير نەمۇنىنىڭ تاللانمىسى» دېگەن نام بىلەن مېۋە بەردى.
مەن ئۆزەمنىڭ يېتەرسىز ئوي-پىكرىم بىلەن ئۇ كىشىنىڭ يېزىپ تەييارلىغان نۇسخىلىرىنى كۆزدىن كەچۈردۈم ۋە يول كۆرسىتىشكە تېگىشلىك بولغان جايلاردا زۆرۈر مەسىلىلەرنى كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئەسلىتىپ ئۆتتۈم. خۇلاسىلاپ ئېيتقاندا ئاللاھ-تائالاغا شۈكرىكى ھەم قۇرئان-كەرىمنىڭ چۈشىنىشلىك راۋان تەرجىمىسېنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ھەم بىر قېتىم تىزلا كۆرۈپ چىقىش ئارقىلىق ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدىن خەۋەردار بولۇشنى خالايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئىخچام ۋە راۋان بولغان بىر قىممەتلىك تەپسىر بارلىققا كەلدى، دەپ ئويلايمەن.
ئاخىردا ئۆز نۆۋىتىمدە جانابى ئەھمەد ئەلى بابائىنىڭ تەۋرەنمەستىن تارتقان جاپا-مۇشەققەتلىرىگە تەشەككۇر ئېيتىمەن ھەمدە ناھايتى مۇھىم جايلاردىن تاللانغان ۋە تەپسىلى جايلاردىن مۈجمەل تەرىقىدە بايان قىلىنغان بۇ خۇلاسىلەنگەن ۋە ئىخچاملانغان نۇسخىنىڭ قۇرئان-كەرىمگە قىزىقىدىغان ۋە ئۇنىڭغا نەزەر سالىدىغان كەڭ خەلق ئاممىسېنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىشىگە شۇنداقلا ئاخىرەت كۈنىدە بىز ھەممىمىز ئۈچۈن زاپاس ساقلانغۇچى بولىشىغا تىلەكداشمەن.

بۇ يەردىن چۇشۇرۋىلىڭ !

Add comment


Security code
Refresh

پايدىلانغۇچىلارنىڭ سانى

2.png3.png1.png7.png5.png8.png
بۈگۈنكى24
تۈنۈگۈنكى275
بۇ ھەپتىدىكى 2045
بۇ ئايدىكى7729
ئومۇمى231758

2018 يىل ماي-27 يەكشەنبە 01:08

تور بېكىتىمىزدە خاتا بۇلۇپ قالغان مەزمۇن بولسا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋاقتىدا بىزگە ئۇچۇر قىلىپ قۇيۇشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز .  ئىنسان خاتالىقتىن مۇستەسنا ئەمەس،
اللە ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر . تور بېتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ. بېكىتىمىز ،سېرىق ھەم دۆلەت قانۇنىغا زىت بولغان ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر   يەتكۈزدىغان ئۇچۇر ۋە يازمىلارنى قەتئىي  چەكلەيدۇ. ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ .