ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قۇرئان ۋە ئىترەت ئسلام تورىغا خۇش كەپسىز


   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!!!
                 كىشىلەرنى ھەق يولغا ھېكمەتلىك ئۇسلۇب ۋە ياخشى ۋەز - نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلىشقا بۇيرىغان ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ سانالەر بولسۇن، ئاللاھ تائالاغا داۋاملىق ھەمدۇ سانا ئېيتىمىز، بارلىق ئەيىب - نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئىتىقاد قىلىمىز، نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىمىز، بىزنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىشىنى، ئىخلاسمەنلەردىن قىلىشىنى سورايمىز، ئاللاھدىن باشقا ھەق مەبۇد يوق، ئاللاھ يىگانە، ئاللاھنىڭ شېرىكى يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى، دەپ گۇۋاھلىق بىرىمىز، ئى ئاللاھ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا، بارلىق ساھابىلىرىغا رەھمەت، بەرىكەت ئاتا قىلغىن.
   سۆزلەرنىڭ دەرىجىلىرى، مەرتىۋىلىرى ئوخشاش بولمايدۇ، ئەڭ مەنپەئەتلىك سۆز توغرىلىققا، پەزىلەتكە، ئالىجاناپلىققا دەۋەت قىلىدىغان ۋە باشقىلارنىڭ بەخت - سائادىتى مەقسەت قىلىنىپ ئېيتىلغان نەسىھەت سۆزلىرىدۇر.


ئەي ئاللاھ!
ساڭا ھەمدۇ ئېيتىمىز. سەندىن ياردەم تىلەيمىز. سەندىن ھىدايەت تىلەيمىز. سەندىن گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىنى سورايمىز.
بارلىق ياخشى ئىشلارنى سەندىن دەپ بىلىمىز. ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمىز. نېئمەتلىرىڭنى ئىنكار قىلمايمىز.
ئەي ئاللاھ!
ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز.ساڭا باش قويۇپ ناماز ئوقۇيمىز.سەن تەرەپكە ئىنتىلىمىز.ھەممە ئىشتا ساڭا تايىنىمىز.سېنىڭ رەھمىتىڭنى ئۈمىد قىلىمىز.ئازابىڭدىن قورقىمىز.

ئەي ئاللاھ!
بارلىق ماختاش ساڭا مەنسۇپ. بارلىق تەشەككۈر ساڭا مەنسۇپ. بارلىق ئىشلار ئاشكارا بولسۇن، مەخپىي بولسۇن، مەنبەسى سېنىڭ ئىلكىڭدە.
ماختىنىشقا سەن ئەڭ ھەقلىق. ئىبادەت قىلىنىشقىمۇ سەن ھەقلىق. سەن ھەممىگە قادىرسەن.

ئىسلام، بىر ئىلىم – ئىرفان دىنىدۇر. ئۆگىنىشكە، ئۆگىتىشكە، تەكشۈرۈش ۋە تقىق قىلىشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك دىنىمىزنىڭ دەسلەپكى ئەمرى «ئوقۇغىن» شەكلىدە كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن باشتىلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كەلگەن دەسلەپكى ۋەھىي بىلەن ئوقۇش ئەمر قىلىنغان بولۇپ، ئىنساننىڭ بىلمىگەنلىرىنى ئۆگىنىش جەريانىدا پايدىلانغان قەلەم بىلەن ئۆگىتىش تىلغا ئېلىنغاندۇر[1].
جاھالەت ھاكىم بولغان، ئۇقۇش – يېزىشقا ھېچقانداق ئەھمىيەت بېرىلمىگەن، ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىشنىڭ ئائىلىدىن ئەۋلادلارغا ئۆتىشىدىن ئىبارەت بولغان بىر جەمئىيەتتە، يېڭى دىننىڭ بۇ بىرىنچى ئەمرى بىلەن بۇ ھەقتە ئىنقىلاب خاراكتىرلىق ئۆزگىرىشنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ تارىختا ئىزاھلاش قىيىن بولغان ھادىسىلىرىدىن بىرى قۇبۇل قىلىنغان ئىسلامنىڭ باشلانغۇچتا كۆرسەتكەن تىز سۈرئەتلىك ئۆزگىرىشنىڭ سەۋەبىنى، كۆپىنچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلىمگە، ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىشكە ۋە ئىنسان تەلىم – تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدە ئىزدەش لازىم[2].

پايدىلانغۇچىلارنىڭ سانى

2.png3.png1.png7.png5.png6.png
بۈگۈنكى22
تۈنۈگۈنكى275
بۇ ھەپتىدىكى 2043
بۇ ئايدىكى7727
ئومۇمى231756

2018 يىل ماي-27 يەكشەنبە 01:02

تور بېكىتىمىزدە خاتا بۇلۇپ قالغان مەزمۇن بولسا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋاقتىدا بىزگە ئۇچۇر قىلىپ قۇيۇشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز .  ئىنسان خاتالىقتىن مۇستەسنا ئەمەس،
اللە ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر . تور بېتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ. بېكىتىمىز ،سېرىق ھەم دۆلەت قانۇنىغا زىت بولغان ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر   يەتكۈزدىغان ئۇچۇر ۋە يازمىلارنى قەتئىي  چەكلەيدۇ. ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ .