ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قۇرئان ۋە ئىترەت ئسلام تورىغا خۇش كەپسىز

<< غەدىير خۇم >> ۋە <<غەدىير ھەدىسى >>تۇغىرسىدا  ئەلمۇراجئات ناملىق كىتاپنىڭ يىگىرمە سەككىزىنجى مەكتۇپقا جاۋاپ دىگەن قىسمىى يۇللاندى.
1- تەبىئى قانۇنىيەتلەر غەدىير ھەدىسىنىڭ مۇتەۋاتىرلىقىنى تەقەززا قىلىدۇ.
2- ئاللاھ-تائالانىڭ بۇ مەسلىگە ئەھمىيەت بېرىشى.
3- پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋە سەللەم) نىڭ بۇ مەسلىگە كۆڭۈل بۆلىشى.
4- ئەمىيرۇل مۇئمنين ئەلى (كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇ) نىڭ بۇ مەسلىگە ناھايتى كۆڭۈل بۆلىشى.
5- ئىمام ھۇسەيننىڭ بۇ مەسلىگە كۆڭۈل بۆلىشى.
6- ئۇنىڭدىن كېيىنكى توققۇز ئىماملارنىڭ بۇ مەسلىگە ئەھمىيەت بېرىشى.
7- بارلىق شىيئەلەرنىڭ بۇ مەسلىگە ئەھمىيەت بېرىشى.
8- بۇ ھەدىسنىڭ جۇمھۇرلارنىڭ يولى ئارقىلىق مۇتەۋاتىرلىقى.


    1-  غەدىير ھەدىسىنىڭ مۇتەۋاتىرلىقى ئاللاھ-تائالا تەبىئەت دۇنياسىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە ياراتقان تەبىئى قانۇنىيەتلەرنىڭ تەقەززاسىدۇر. بۇ بولسا بارلىق كاتتا ئۈممەتلەر ئۇ ئارقىلىق پۇت تېرەپ تۇرىدىغان ۋە ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئۆزىدىن كېيىنكى كىشىلەرگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ھەر-خىل ئورۇنلاردا ۋە مىڭلىغان جەمىيەتلەرنىڭ كۆز ئالدىدا ۋە ئاڭلىشىدا ئۇنى ئېلىپ بارىدىغان ھەر-قانداق تارىخى چوڭ مەسلىلەرنىڭ ئەھۋالىدۇر. مەخسۇسەن ئۇ مەسلىلەر ئۆز ئاھالىلىرى ۋە ئەۋلىيالىرىدىن ئىبارەت ھەر-قانداق ئۆزىدىن كېيىن كەلگەن كىشىلەر ئۈچۈن ناھايتى كۆڭۈل بۆلىنىدىغان مەسلە بولسا، تىخىمۇ شۇنداقتۇر. ھەتتاكى ئۇنى تارقىتىشنى ۋە كېڭەيتىشنى ھەممە جايغا يەتكۈزىدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق، يۇقارقى خەۋەر بىر كىشى رىۋايەت قىلغان خەۋەرلەردىن بولىشى مۇمكىنمۇ؟ ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس، بەلكى ئۇ خەۋەر تاڭ نۇرىغا ئوخشاش تارقىلىشى ۋە قۇرۇقلۇق بىلەن دىڭىزلارنىڭ قىرغاقلىرىنى توشقۇزىشى كېرەك. ﴿ ئاللاھ-تائالانىڭ قانۇنيىتىدە ھىچقانداق ئۆزگىرىشنى تاپمايسەن ﴾.
    2- غەدىير ھەدىسى بولسا ئاللاھ-تائالانىڭ ناھايتى كۆڭۈل بۆلۈش ئورنى بولغان ئىدى، چۈنكى ئاللاھ-تائالا بۇ ھەدىسنى ئۆز پەيغەمبىرى (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋە سەللەم) گە ۋەھى قىلدى ۋە بۇ ھەقتە قۇرئان-كەرىمدىن ئايەت نازىل قىلغان بولۇپ، ئۇنى مۇسۇلمانلار كېچىنىڭ سائەتلىرىدە ۋە كۈندۈزنىڭ ئەتراپلىرىدا تەرتىيل بىلەن ئوقۇيدۇ، ئۇنى مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ خىلۋەت ۋە ئاشكارا جايلىرىدا، ئۆزلىرىنىڭ زىكرى-دۇئالىرىدا ۋە نامازلىرىدا ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ مۇنبەرلىرىنىڭ ياغاچلىرىنىڭ تۆپىسىدە ۋە ئۆزلىرىنىڭ مەسچىتلىرىنىڭ ئىگىز مۇنارلىرىنىڭ ئۈستىدە تىلاۋەت قىلىدۇ. ئۇ ئايەت بولسا تۆۋەندىكىچە: ﴿ ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ تەرپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزگىن، ئەگەر تۇلۇق يەتكۈزمىسەڭ، ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلمىغان بولىسەن. ئاللاھ تائالا سىنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن كاپىر قەۋمىنى ھىدايەت قىلمايدۇ ﴾ .
    پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋە سەللەم) شۇ كۈنى ئەلى (كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇ) نى ئىماملىققا ئوچۇق بىكىتىش ۋە ئۇنى ئۆزىدىن كېيىنكى خەلىپىلىككە تەيىنلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولغان چاغدا ئاللاھ-تائالا ئۇنىڭغا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: ﴿... مەن بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم... ﴾ ، پاھ-پاھ! ﴿ مانا بۇ ئاللاھ-تائالانىڭ مەرھىمىتى بولۇپ، ئۇنى كىمنى خالىسا، شۇنىڭغا بېرىدۇ ﴾. شەكسىزكى ھەر-قانداق كىشى بۇ ئايەتلەرگە دىققەت بىلەن نەزەر سالسا، ئاللاھ-تائالانىڭ بۇنداق كۆپ كۆڭۈل بۆلىشىگە باش ئىگىدۇ.
    3- ئاللاھ-تائالانىڭ بۇ مەسلىگە كۆڭۈل بۆلىشى يۇقارقىدەك بولغان ئىكەن، پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋە سەللەم) نىڭ كۆڭۈل بۆلىشىمۇ تۆۋەندىكىدەك بولىشى تەئەججۈپلىنەرلىك ئەمەستۇر. چۈنكى پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋە سەللەم) نىڭ ئەجىلى يېقىنلاشقان ۋە ئۇنىڭ ۋاپات تاپتۇرۇلىدىغانلىق خەۋىرى ئۇنىڭغا بېرىلگەن چاغدا ئۇ ئاللاھ-تائالانىڭ بۇيرىقى بىلەن چوڭ ھەج مەۋسۈمىدە ۋە بارلىق گۇۋاچىلارنىڭ ھازىرلىقىدا ئەلىنىڭ ۋىلايىتىنى ئاشكارا ئېلان قىلىشنى قارار قىلدى ۋە مەككىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش كۈنىدە بايان قىلغان «ھەدىسى دار» بىلەن ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئارقىمۇ-ئارقىدىن بايان قىلىنغان تېكىستلەر –ئۇنىڭ بەزىلىرىنى سىز ئاڭلىدىڭىز- بىلەن كۇپايىلەنمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەج مەۋسۈمىدىن ئىلگىرى كىشىلەرنىڭ ئارىسدا: مەن بۇ يىل ۋىدالىشىش ھەججىنى ئادا قىلىمەن، دەپ ئېلان قىلدى. شۇڭلاشقا كىشىلەر ھەر-قانداق بولۇڭ-پۇشقاقلاردىن كېلىپ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى ۋە ئۇ مەدىنىدىن يۈز مىڭ ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك  كىشىلەر بىلەن چىقتى، ئاندىن كېيىن ئۇ ئەرەفاتتا تۇرۇش كۈنى بولغاندا كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن مۇنداق دەپ ئوتتۇرغا قويدى: « ئەلى مەندىن ۋە مەن ئەلىدىندۇرمەن، مەن تەرەپتىن ئۆزەمدىن ياكى ئەلىدىن باشقا ھىچكىم (بىرەر مەسلىنى) ئادا قىلالمايدۇ » .
    پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋە سەللەم) ئۆزىنىڭ ھەمراھلىقىدىكى نەچچە مىڭلىغان كىشىلەر بىلەن قايتىپ «خۇم» ئېقىنىغا كەلگەن ۋە رۇھۇل ئەمىين (جىبرىئىل) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرپىدىن تەبلىيغ ئايىتىنى ئۇنىڭغا ئېلىپ چۈشكەن چاغدا پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋە سەللەم) شۇ يەردىلا ئۆزىنىڭ يۈك-تاقلىرىنى چۈشۈردى، ھەتتاكى ئۇنىڭدىن ئارقىدا قالغان كىشىلەر ئۇنىڭغا قوشۇلدى ۋە ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن كىشىلەر ئۇنىڭ قېشىغا قايتىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى توپلاشقان چاغدا پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋە سەللەم) ئۇلار بىلەن پەرىز نامازنى ئوقۇدى، ئاندىن كېيىن ئۇلارغا ئاللاھ-تائالا تەرپىدىن نۇتۇق سۆزلىدى ۋە ئەلىنىڭ ۋىلايىتى توغرىسىدا ئوچۇق تېكىست بايان قىلغان بولۇپ، سىز ئۇنىڭ ئاز بىر قىسىمىنى ئاڭلىدىڭىز ۋە ئۇنىڭ سىز ئاڭلىمىغان قىسىملىرى سەھىرەك ۋە رۇشەنرەكتۇر. شۇنداقتىمۇ سىزنىڭ ئاڭلىغانلىرىڭىز سىزگە كۇپايە قىلىدۇ.
    بۇ ۋەقەلىكنى شۇ كۈندە پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋە سەللەم) گە ھەمراھ بولغان كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋە سەللەم) دىن باشقىلارغا بايان قىلدى ۋە ئۇلار ھەر-قايسى شەھەرلەردىن بولۇپ، يۈز مىڭ كىشىدىنمۇ ھالقىيتتى. ئاللاھ-تائالانىڭ ئۆز مەخلۇقاتلىرى ئىچىدىكى ئۆزگەرمەيدىغان قانۇنيىتى گەرچە بۇ ھەدىسنى نەقىل قىلىشىتىكى چەكلىمىلەر قانچە كېرەك كۆپ بولغان بولسىمۇ، بۇ ھەدىسنىڭ مۇتەۋاتىر بولىشنى تەقەززا قىلدى. بۇنىڭغا قوشۇپ يەنە ئەھلى بەيت ئىماملىرىمۇ بۇ ھەدىسنى تارقىتىشقا ۋە ئۇنىڭ كېڭىشىگە سەۋەپ بولىدىغان كۆپ يوللارنى ئىشقا سالغاندۇر.
    4- ئەمىيرۇل مۇئمنين جانابى ئىمام ئەلىنىڭ ئۆزىنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە ئورنىدىن تۇرۇپ ئېلان قىلغان سۆزى سىزگە كۇپايىدۇر، چۈنكى ئۇ كىشىلەرنى بىر كەڭرى سەيناغا جەملىدى ۋە مۇنداق دېدى: « مەن ئاللاھ-تائالا بىلەن قەسەم قىلىمەنكى پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋە سەللەم) نىڭ «غەدىير خۇم» كۈنى دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ھەر-قانداق بىر مۇسۇلمان ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆزى ئاڭلىغان نەرسىگە قارتا گۇۋاھلىق بەرسۇن ۋە پەقەت ئۆزىنىڭ ئىككى كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە ئىككى قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغان كىشىلەرلا ئورنىدىن تۇرسۇن ». ئاندىن ئوتتۇز ساھابە ئورنىدىن تۇرغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئون ئىككىسى بەدرى ئۇرۇشىغا قاتناشقان كىشىلەر ئىدى. ئۇلار مۇنداق دەپ گۇۋاھلىق بەردى: پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋە سەللەم) ئەلىنىڭ قولىنى تۇتتى، ئاندىن كىشىلەرگە مۇنداق دېدى: « سىلەر مېنىڭ مۇئمىنلەرگە نىسبەتەن ئۇلارنىڭ جانلىرىدىنمۇ چارىرەك ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر ئەمەسمۇ؟ »، كىشىلەر: شۇنداق، دەپ جاۋاپ بېرىشتى. پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋە سەللەم) مۇنداق دېدى: « كىمكى مەن ئۇ كىشىنىڭ مەۋلاسى بولغان بولسام، مانا بۇ ئەلى ئۇ كىشىنىڭ مەۋلاسىدۇر. ئى ئاللاھ! ئۇ ئەلىنى دوست تۇتقان كىشىنى دوست تۇتقىن ۋە ئۇ ئەلىنى دۈشمەن تۇتقان كىشىنى دۈشمەن تۇتقىن ».
    سىز ياخشى بلىسىزكى ئوتتۇز ساھابىنىڭ يالغانغا ئىتتىپاق كېلىشى ئەقىلگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بىر ئىشتۇر ۋە ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشى بىلەنلا مۇتەۋاتىرلىقنىڭ ھاسىل بولىشى ھىچقانداق شەك يوق بولغان قەتئى مەسلىدۇر. يۇقارقى سەينادا بار بولغان كىشلەرنىڭ ھەممىسى ئۇ ساھابىلەردىن بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلدى ۋە ئۇلار ھەر-قايسى شەھەرلەرگە تارقالغاندىن كېيىن ئۇ ھەدىسنى كەڭرى تارقاتتى، شۇڭلاشقا ئۇ ھەممە جايغا يەتتى.
    شۇ مەخپى ئەمەستۇركى ئۇ سەيناغا يىغىلىش كۈنى ئەمىيرۇل مۇئمنيننىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە بولغان بولۇپ، ئەمىيرۇل مۇئمنىين ھىجرەتنىڭ ئوتتۇز بەشىنجى يىلى بەيئەت قىلىنغان ۋە غەدىير كۈنى بولسا ئونىنجى يىلى ۋىدالىشىش ھەججىدە يۈز بەرگەن. بۇ ئىككى كۈننىڭ ئوتتورسىدا ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ يىگىرمە بەش يىل ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ جەرياندا قىرغىن قىلغۇچى ۋابا كېسەللىرى ۋە ئىلگىركى ئۈچ خەلىپىلەرنىڭ دەۋرىدىكى ئىسلامنى كېڭەيتىش جەڭلىرى ۋە ھەر-خىل غازاتلار يۈز بەرگەندۇر. بۇ بىر چارەك ئەسىر مۇددىتى بولسا ئۆزىنىڭ ئۇزۇن بۇلىشى، ئۆزىنىڭ جەڭ ۋە ھۇجۇملىرى ھەمدە ئۆزىنىڭ قىېرىتقۇچ ۋابا كېسەللىرى بىلەن ساھابىلەرنىڭ پىشقەدەملىرى، ئوتتۇرياشلىرى ۋە جىھاتتا ئاللاھ-تائالاغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئۇچرىشىشقا ئالدىرىغان ياش يىگىتلەر قاتارلىقلاردىن ئىبارەت غەدىير كۈنىدە ھازىر بولغان كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسىمىنى ۋەيران قىلغان ئىدى. ھەتتاكى ئۇلاردىن ھايات قالغانلار ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە نىسبەتەن ناھايتى ئاز كىشىلەرلا قالغانىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بۇ ھايات قالغانلارمۇ ھەر-قايسى جايلاردا ناھايتى تارقاق ئىدى. چۈنكى بۇ سەيناغا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن پەقەت ئەمىيرۇل مۇئمنين بىلەن ئىراقتا ھەمراھ بولىۋاتقان ئەرلەرلا ئاياللارسىز ھازىر بولدى.
    مانا مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق، ئوتتۇز ساھابە ئورنىدىن تۇردى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئون ئىككى بەدرى ئۇرۇشىغا قاتناشقانلار بار ئىدى. ئۇلار «غەدىير ھەدىسى» نى پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋە سەللەم) دىن ئاڭلىغانلىقىغا گۇۋاھلىق بەردى. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئەنەس ئىبنى مالىكقا  ۋە باشقىلارغا ئوخشاش ئەمىيرۇل مۇئمنيننى دۈشمەن تۇتقانلىقتىن گۇۋاھلىق بېرىش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشتىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىپ، ئولتۇرۋالغانلارمۇ كۆپتۇر، شۇڭلاشقا ئۇلارنى ئەمىيرۇل مۇئمنيننىڭ دۇئاسى تۇتتى.
    ئەگەر جانابى ئىمام  شۇ كۈندە ھايات قالغان ساھابىلەرنىڭ ئەر-ئايال ھەممىسىنى جەملەشكە قادىر بولالىغان بولسا، ئاندىن كېيىن ئۇلارغا سەيناغا يىغىلىش كۈنى قەسەم قىلغاندەك قەسەم قىلغان بولسا، چوقۇم ئۇنىڭغا ئوتتۇزدىن بىر قانچە ھەسسە كۆپ كىشىلەر گۇۋاھلىق بېرەتتى ۋە ئەگەر ئۇ قەسەم قىلىش مۇراسىمى ھىجازدا (ئەرەبىستاندا) ۋە غەدىير ۋەقەلىكىگە بۇنچە كۆپ مۇددەت ئۆتۈشتىن ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان بولسا، سىزنىڭ گۇمانىڭىز نىمە؟ (قانچە كىشى گۇۋاھلىق بېرەتتى؟). سىز بۇ تەۋرەنمەس ھەقىقەتنى ياخشى ئويلانسىڭىز، ئۇنىڭ «غەدىير ھەدىسى» نىڭ مۇتەۋاتىرلىقىغا ناھايتى كۈچلۈك دەلىل ئىكەنلىكىنى بايقايسىز.
    سىزگە سەيناغا يىغىلىش كۈنى بايان قىلىنغان ھەدىسلەردىن ئىمام ئەھمەد ئۆز مۇسىنىدىنىڭ تۆتىنجى قىسىمى 370- بېتىدە زەيد ئىبنى ئەرقەمدىن رىۋايەت قىلغان تۆۋەندىكى ھەدىس كۇپايە قىلىدۇ: ئۇ ئەبى تۇفەيلدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئەلى (كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇ) كىشىلەرنى سەيناغا جەملىدى، ئاندىن كېيىن ئۇلارغا مۇنداق دېدى: « مەن ئاللاھ-تائالا بىلەن قەسەم قىلىمەنكى پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋە سەللەم) نىڭ «غەدىير خۇم» كۈنى دېگەن سۆزىنى ئاڭلىغان ھەر-قانداق مۇسۇلمان كىشى ئورنىدىن تۇرسۇن »، ئاندىن كىشلەرنىڭ ئارىسىدىن ئوتتۇز كىشى ئورنىدىن تۇردى. ئەبۇ نۇئەيم مۇنداق دېدى: كۆپلىگەن كىشىلەر ئورنىدىن تۇردى ۋە ئۇلار مۇنداق گۇۋاھلىق بەردى: پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋە سەللەم) ئەلى (كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇ) نىڭ قولىنى تۇتقان ۋاقىتتا كىشىلەرگە مۇنداق دېدى: « سىلەر مېنىڭ مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ جانلىرىدىنمۇ چارىرەك ئىكەنلىكىمنى ياخشى بىلىسىلەر ئەمەسمۇ؟ »، كىشىلەر: شۇنداق يا رەسۇلەللا! دېدى. ئاندىن پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋە سەللەم) مۇنداق دېدى: « كىمكى مەن ئۇ كىشىنىڭ مەۋلاسى بولغان بولسام، بۇ ئەلى ئۇ كىشىنىڭ مەۋلاسىدۇر، ئى ئاللاھ! ئۇنى دوست تۇتقان كىشىنى سەنمۇ دوست تۇتقىن ۋە ئۇنى دۈشمەن تۇتقان كىشىنى سەنمۇ دۈشمەن تۇتقىن ».
    ئەبۇ تۇفەيل مۇنداق دېدى: ئاندىن مەن ئۇ سورۇندىن سىرىتقا چىقتىم، ھالبۇكى مېنىڭ كۆڭلۈمدە بىر ئاز داۋالغۇش پەيدا بولدى -يەنى: كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ھەدىسكە ئەمەل قىلمىغانلىقى توغرىسىدا- ئاندىن زەيد ئىبنى ئەرقەم بىلەن ئۇچراشتىم ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدىم: مەن ئەلىنىڭ مۇنداق ۋە مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، زەيد مۇنداق دېدى: سەن نىمىنى ئىنكار قىلىسەن؟ مەن پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋە سەللەم) نىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم.
    مەن مۇنداق دەيمەن: ئەگەر سىز زەيدنىڭ بۇ گۇۋاھلىقىنى ۋە ئەلى (كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇ) نىڭ شۇ كۈندىكى بۇ تېما توغرىسىدىكى سۆزىنى يۇقارقى ئوتتۇز ساھابىنىڭ سۆزىگە قوشسىڭىز، بۇ ھەدسىنى شۇ كۈندە نەقل قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئوتتۇز ئىككى ساھابىغا يېتىدۇ. ئىمام ئەھمەد ئۆز مۇسنىدىنىڭ بىرىنجى قىسىمى 119- بېتىدە ئەلى (كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇ) نىڭ ھەدىسنى ئەبدۇر رەھمان ئىبنى ئەبى لەيلادىن ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلدى: مەن ئەلى (كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇ) نىڭ سەينادا كىشىلەرگە قەسەم قىلغانلىقىغا ھازىر بولدۇم، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئاللاھ-تائالا بىلەن قەسەم قىلىمەنكى ھەر-كىم پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋە سەللەم) نىڭ «غەدىير خۇم» كۈنى: « كىمكى مەن ئۇ كىشىنىڭ مەۋلاسى بولغان بولسام، مانا بۇ ئەلى ئۇ كىشىنىڭ مەۋلاسىدۇر »، دېگەن سۆزىنى ئاڭلىغان بولسا، دەرھال ئورنىدىن تۇرسۇن ۋە گۇۋاھلىق بەرسۇن ۋە پەقەت ئۇنى ئەينەن كۆرگەن كىشىلەرلا ئورنىدىن تۇرسۇن ».
    ئەبدۇر رەھمان مۇنداق دېدى: شۇ چاغدا ئون ئىككى بەدرى ئۇرىشىغا قاتناشقان كىشى ئورنىدىن تۇردى، گۇياكى مەن ھازىر ئۇلارنىڭ ھەر-بىرىگە قاراپ تۇرىۋاتىمەن، ئاندىن ئۇلار مۇنداق گۇۋاھلىق بەردى: بىز شۇنداق دەپ گۇۋاھلىق بېرىمىزكى بىز پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋە سەللەم) نىڭ «غەدىير خۇم» كۈنى: « مەن مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ جانلىرىدىنمۇ چارىرەك ئەمەسمۇ؟ ۋە مېنىڭ ئاياللىرىم ئۇلارنىڭ ئانىلىرى ئەمەسمۇ؟ »، دېگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق ۋە بىز: شۇنداق يا رەسۇلەللاھ!، دېدۇق. ئاندىن پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋە سەللەم) مۇنداق دېدى: « كىمكى مەن ئۇ كىشىنىڭ مەۋلاسى بولغان بولسام، ئەلى ئۇ كىشىنىڭ مەۋلاسىدۇر، ئى ئاللاھ! ئۇ ئەلىنى دوست تۇتقان كىشىنى دوست تۇتقىن ۋە ئۇنى دۈشمەن تۇتقان كىشنى سەنمۇ دۈشمەن تۇتقىن ».
    ئىمام ئەھمەد يۇقارقى بەتنىڭ ئاخىرسىدا يەنە بىر يول ئارقىلىق پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋە سەللەم) نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلدى: « ئى ئاللاھ! ئۇ ئەلىنى دوست تۇتقان كىشىنى سەنمۇ دوست تۇتقىن ۋە ئۇنى دۈشمەن تۇتقان كىشنى سەنمۇ دۈشمەن تۇتقىن. ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن كىشىگە سەن ياردەم بەرگىن ۋە ئۇنى خار قىلغان كىشىنى سەن خار قىلغىن » . رىۋايەت قىلغۇچى مۇنداق دېدى: ئاندىن گۇۋاھچىلار ئورنىدىن تۇرۇشتى پەقەت ئۈچ كىشى ئورنىدىن تۇرمىدى، شۇڭلاشقا ئىمام ئۇلارغا دۇئا قىلدى ۋە ئۇنىڭ دۇئاسى ئۇلارنى تۇتتى.
    ۋە سىز ئەگەر ئەلى (كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇ) نى ۋە زەيد ئىبنى ئەرقەمنى يۇقارقى ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان ئون ئىككى كىشىگە قوشسىڭىز، شۇ كۈندىكى بەدرى ئۇرۇشىغا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ سانى ئون تۆت كىشى بولىدۇ. مانا بۇ مەخپى ئەمەستۇر. ۋە كىمكى يۇقارقى سەينادىكى قەسەم ياد ئېتىش توغرىسىدا كەلگەن ھەدىسلەرنى ئىنىچكە تەتقىق قىلسا، ئەمىيرۇل مۇئمنيننىڭ «غەدىير ھەدىسى» نى كېڭەيتىش ۋە ئۇنى كەڭرى تارقىتىش توغرىسىدىكى ھىكمىتىنى تونۇپ يېتەلەيدۇ.
    5- شەھىيدلارنىڭ خوجايىنى بولغان ئەبى ئەبدۇللا ھۆسەيىن (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) نىڭ مۇئاۋىيەنىڭ دەۋرىدە، خۇددى ئەمىيرۇل مۇئمنيننىڭ ئۇ سەينادىكى مەيدانىغا ئوخشاش كەسكىن بىر مەيدانى بار بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەقىقەت رۇشەن ئاشكارا بولدى. چۈنكى ئۇ كىشىلەرنى ھەج مەۋسۈمىدە ئەرەفاتقا جەملىدى ۋە ئۆزىنىڭ چوڭ دادىسىنى، دادىسىنى، ئانىسىنى ۋە بىر تۇققان قېرىندىشىنى تىلغا ئالدى. كىشىلەر بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇنىڭغا ئوخشاش قۇلاقلارنى ئۆزىگە رام قىلىدىغان ۋە كۆزلەرنى ۋە دىللارنى ئۆزىگە تەسخير قىلىدىغان بالاغەتلىك ۋە ھىكمەتلىك نۇتۇقنى ئاڭلىمىغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ نۇتۇقىدا مۇھىم مەزمۇنلارنى جەملىدى ۋە ئۇنى دىللارغا ياخشى ئورناتتى تېمىلارنى ئىنىچكىلەپ بايان قىلدى ۋە چېكىگە يەتكۈزدى ھەمدە غەدىير كۈنىنىڭ ھەقىقىتىنى ياخشى ئادا قىلدى ۋە ئۇنىڭ ھىساباتىنى تۇلۇق ئورۇندىدى. مانا بۇ كاتتا مەيداننىڭ «غەدىير ھەدىسى» نىڭ مەشھۇر بولىشى ۋە ئۇنىڭ كەڭرى تارقىلىشىدا ناھايتى ياخشى تەسىرى بولغاندۇر.
    6- ئىمام ھۇسەيىننىڭ مۇبارەك پەرزەنتلىرىدىن بولغان توققۇز ئىماملارنىڭ بۇ ھەدىسنى تارقىتىش ۋە ئۇنى كېڭەيتىش ھەققىدە ناھايتى ھىكمەتلىك ۋە بارلىق سىزىم ئەزالار بىلەن سىزىلىپ تۇرىدىغان يوللىرى باردۇر. ئۇلار ھەر يىلى زىل ھەججىنىڭ ئون سەككىزىنجى كۈنىدە ھېيت قىلاتتى، ئۇلار ئۇ كۈندە بىر-بىرىگە تەبرىك ئېيتىش ۋە بىر-بىرىنى شاد-خورام قىلىش ئۈچۈن پۈتۈنلەي خوشاللىق ۋە تەنتەنە بىلەن ھەر خىل مۇراسىملارنى ئۆتكۈزەتتى. ئۇلار ئۇ كۈندە رۇزا تۇتۇش، ناماز ئوقۇش ۋە ئاللاھ-تائالاغا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئاللاھ-تائالاغا يېقىنلىق ئىزدەيتتى ۋە ئۇلار مۇشۇنداق بىر كۈندە ئەمىيرۇل مۇئمنيننى خەلىپە قىلىپ تەيىنلەش ۋە ئۇنى ئىماملىققا بىكىتىشتىن ئىبارەت ئاللاھ-تائالانىڭ ئۇلارغا بەرگەن نېمەتلىرىگە شۈكرى قىلىش ئۈچۈن بۇ كۈندە ياخشىلىقنى ۋە خەيرى-ئېھساننى بىر قانچە ھەسسە ئاشۇرۇپ قىلاتتى. ئۇلار بۇ كۈندە يېقىن ئۇرۇق-تۇققانلارغا سىلە-رەھىم قىلاتتى، ئۆزلىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا كەڭچىلىك قىلاتتى، دوست-بۇرادەرلەرنى يوقلايتتى، خوشنا-خۇلۇملارنىڭ ھەقلىرىنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلاتتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ يېقىن دوستلىرىنى يۇقارقى ئىشلارغا بۇيرۇيتتى.
    7- شۇ ئارقىلىق زىل ھەججىنىڭ ئون سەككىزىنجى كۈنى شىيئەلەرنىڭ كۆز قارشىدا ھەر يىلى ھەممە ئەسىرلەر ۋە ھەممە شەھەرلەردە ھېيت بولاتتى . شىيئەلەر بۇ كۈندە پەرىز ۋە نەفلە نامازلارنى ئادا قىلىش، قۇرئان-كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش ۋە نەقل قىلىنغان دۇئالارنى ئوقۇش ئۈچۈن ئاللاھ-تائالانىڭ ئەمىيرۇل مۇئمىنيننى ئىمام قىلىش ئارقىلىق دىننى تۇلۇقلىغانلىقى ۋە نېمەتنى تاماملىغانلىقىغا شۈكرى ئېيتىپ مەسچىتلەرگە يۈزلىنىدۇ. ئاندىن كېيىن ئۇلار توپ-توپ بولۇپ بىر-بىرىنى يوقلىشىدۇ ۋە ئۆز-ئارا سىلە-رەھىم قىلىشىدۇ، ھالبۇكى ئۇلار ناھايتى شات-خورامدۇر ۋە ئۇلار ياخشىلىق ۋە خەيرى-ئېھسان ئارقىلىق ھەمدە ئۇرۇق-تۇققانلارغا ۋە خوشنىلارغا خوشاللىق ئېلىپ كېلىش ئارقىلىق ئاللاھ-تائالاغا يېقىنلىق ئىزدىگۈچىدۇر.
ئۇلار ھەر-يىلى شۇ كۈندە ئەمىيرۇل مۇئمىنيننىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ گۈمبىزىنىڭ قېشىغا كېلىپ توپلاشقۇچىلار يۈز مىڭدىن كەم بولمايدۇ. ئۇلار ئاللاھ-تائالاغا ئۆزلىرىنىڭ مۇبارەك ئىماملىرى شۇ كۈندە ئىبادەت قىلغاندەك رۇزا تۇتۇش، ناماز ئوقۇش، ئاللاھ-تائالانىڭ تەرپىگە قايتىش ھەمدە ياخشى ئەمەللەر ئارقىلىق ۋە سەدىقە بېرىش ئارقلىق ئاللاھ-تائالاغا يېقىنلىق ئىزدەش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئاللاھ-تائالاغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر-قايسى تەرەپلىرىدىن كېلىدۇ. ئۇلار ئۇ يەردىن مۇقەددەس گۈمبەزنىڭ ئەتراپىغا يېقىنلاشمىغىچە ۋە ئۆزلىرىنىڭ بەزى ئىماملىرىدىن نەقل قىلىنغان زىيارەت دۇئالىرىنى ئوقۇمىغىچە قايتىپ كەتمەيدۇ. ئۇ دۇئا بولسا ئەمىيرۇل مۇئمىنيننىڭ ئېسىل ئەخلاقلىرىغا ۋە ئۇنىڭ پەزىلەتلىك خۇسۇسىيەتلىرىگە ھەمدە ئۇنىڭ دىنى ئاساسلارنى قۇرۇپ چىقىش جەھەتتىكى جاپا-مۇشەققەتلىرىگە ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ خوجىسى بولغان پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋە سەللەم) غا قىلغان خىزمەتلىرىگە، ئۇنىڭ يەنە باشقا خۇسۇسىيەتلىرى ۋە پەزىلەتلىرى بىلەن قوشۇپ گۇۋاھلىق بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ باشقا خۇسۇسىيەتلەر بولسا پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋە سەللەم) نىڭ ئۇنى خەلىپىلىككە تەيىنلىشى ۋە ئۇنى غەدىير كۈنى رەسمى ئېلان قىلىشى قاتارلىقلاردۇر. مانا بۇ شىيئەلەرنىڭ ھەر-يىلدىكى ئادىتىدۇر.
    ئۇلارنىڭ نۇتۇقچىلىرى ھەر-ئەسىردە ۋە ھەر-شەھەردە «غەدىير ھەدىسى» نى ئىسنادلىق ۋە مۇرسەل ھالەتتە تارقىتىش بىلەن داۋاملاشتى ۋە ئۇلارنىڭ شائىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ قەدىمقى  ۋە ھازىرقى مەدھىيەلىرىدە ئۇ ھەدىس بىلەن شىئر توقۇشقا ئادەتلەندى. شۇڭلاشقا ئۇ ھەدىسنىڭ مۇتەۋاتىرلىقىغا ئەھل بەيت ۋە ئۇلارنىڭ شىيئەلىرىنىڭ يولىدىن شەكلىنىشكە ھىچقانداق يول يوقتۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇ ھەدىسنى ئۇنىڭ ئەينەن سۆز-ئىبارىسى بىلەن يادىلاشقا بولغان چاقىرىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇنى پۇختا بىكىتىشكە، قوغداشقا، تارقىتىشقا ۋە كېڭەيتىشكە كۆڭۈل بۆلىشى ئەڭ ئىنتىھاسىغا يەتكەندۇر.
    بۇ ھەقىقەتنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن سىز ئۇ ھەدىسنىڭ مەرفۇئ ۋە مۇتتەسىل ھالەتتە بايان قىلىنغان ئىسنادلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شىيئەلەرنىڭ تۆت چوڭ ھەدىس كىتابىغا ۋە باشقىلارغا قارىسىڭىز كۇپايە قىلىدۇ. كىمكى ئۇنىڭ يوللىرىغا ئىنىچكىلەپ قارىسا، بۇ ھەدىسنىڭ مۇتەۋاتىرلىقى ئۇلارنىڭ قىممەتلىك يولى ئارقىلىق رۇشەن بولىدۇ.
    8- بەلكى ئۇ ھەدىسنىڭ مۇتەۋاتىرلىقىدا تەبىئەت قانۇنىيىتىنىڭ ھۆكمىگە ئاساسەن ئەھلى سۈننەتنىڭ يولى بىلەنمۇ ھىچقانداق شەك يوقتۇر. خۇددى سىز تۆۋەندە ئاڭلىغىنىڭىزدەك: ﴿... ئاللاھ-تائالانىڭ ياراتقىنىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، بۇ توغرا دىندۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ ﴾.
    «فەتاۋەل ھامىدييە» ناملىق كىتاپنىڭ يازغۇچىسى ئۆز پىكرىدە شۇنچە كاژلىقى بىلەن تۇرۇقلۇق، ئۆزىنىڭ «ئەسسلاتۇل فاخىرە فىل ئەھادىيسىل مۇتەۋاتىرە» ناملىق قىسقىچە رىسالىسىدە بۇ ھەدىسنىڭ مۇتەۋاتىرلىقىنى ئوچۇق بايان قىلغان. سىيۇتى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھەدىس يادىلىغۇچىلارمۇ ئۇنى ئوچۇق بايان قىلدى. سىز مەشھۇر تارىخ ۋە تەپسىرنىڭ ئىگىسى بولغان مۇھەممەد ئىبنى جەرىير تەبەرىگە، ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى سەئىيد ئىبنى ئۇقدە ۋە مۇھەممەد ئبىنى ئەھمەد ئبىنى ئوسمان زەھەبى قاتارلىقلارغا قاراڭ، چۈنكى ئۇلار بۇ ھەدىسنىڭ يوللىرىنى جەملىدى ۋە ئۇلارنىڭ ھەر-بىرى بۇ ھەقتە ئالاھىدە كىتاپ يازدى.
    بۇ ھەدىسنى ئىبنى جەرىير ئۆزىنىڭ كىتابىدا يەتمىش بەش يول ئارقىلىق ۋە ئبىنى ئۇقدە ئۆزىنىڭ كىتابىدا بىر يۈز بەش  يول ئارقىلىق بايان قىلدى ھەمدە زەھەبى ئۆزىنىڭ ناھايتى چىڭ يول تۇتىشى بىلەن تۇرۇقلۇق، ئۇ ھەدىسنىڭ يوللىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى  سەھى دەپ قارىدى.
«غايەتۇل مەرام» نىڭ ئون ئالتىنجى بابىدا «غەدىير ھەدىسى» نىڭ تېكىستى توغرىسىدا ئەھلى سۈننەتنىڭ يولىدىن بولغان سەكسەن توققۇز ھەدىس بار بولۇپ، بۇ ھەدىسلار تىرمىزىدىن، نەسەئىدىن، تەبرانىدىن، ئەلبەززاردىن، ئەبى يەئلادىن ۋە بۇ ھەدىسنى نەقل قىلغان كۆپ كىشىلەردىن نەقل قىلىنغان ئەمەستۇر. سىيۇتى بۇ ھەدىسنى ئۆزىنىڭ «تارىيخۇل خۇلەفا» ناملىق كىتابىدىكى ئەلىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا تىرمىزىدىن نەقىل قىلدى. ئاندىن كيېىن مۇنداق دېدى: بۇ ھەدىسنى ئەھمەد ئەلىدىن، ئەبى ئەييۇب ئەنسارىدىن، زەيد ئىبنى ئەرقەمدىن، ئۆمەردىن ۋە زى مۇررەدىن  بايان قىلدى. ئەبۇ يەئلا ئەبى ھۇرەيرەدىن، تەبرانى ئىبنى ئۆمەردىن، مالىك ئبنى ھۇۋەيرىستىن، ھەبەشى ئبىنى جنادەدىن، جەرىيردىن، سەئىد ئبىنى ئەبى ۋەققاستىن، ئەبى سەئيدىل خۇدرىدىن ۋە ئەنەستىن بايان قىلدى. (ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:) ئەلبەززار ئبىنى ئەبباستىن، ئەممارەدىن ۋە بۇرەيدىدىن بايان قىلدى.
    ئىمام ئەھمەد ئۆز مۇسنىدىنىڭ 5- قىسىمى 419-بىتىدە رىياھ ئىبنى ھارىستىن ئىككى يول بىلەن بايان قىلغان تۆۋەندىكى رىۋايەت بۇ ھەدىسنىڭ ناھايتى كېڭەيگەنلىكىگە ۋە كەڭرى تارقالغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: « بىر گورۇھ كىشىلەر ئەلىنىڭ قېشىغا كېلىپ: ئاللاھنىڭ سالىمى ئۆزلىرىگە بولسۇن ئى بىزنىڭ مەۋلايىمىز! دېدى. ئاندىن ئىمام ئەلى: نىمە قەۋمىلەر بۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇلار: بىز ئۆزلىرىنىڭ ئازات قىلغان قۇللىرىمىز ئى ئەمىيرۇل مۇئمنين! دېدى. ئىمام مۇنداق دېدى: مەن قانداقمۇ سىلەرنىڭ مەۋلايىڭلار بولاي، ھالبۇكى سىلەر ئەرەپلەر تۇرساڭلار؟ ئۇلار مۇنداق دېدى: بىز غەدىير كۈنىدە پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋە سەللەم) نىڭ: « كىمكى مەن ئۇ كىشىنىڭ مەۋلاسى بولغان بولسام، مانا بۇ ئەلى ئۇ كىشىنىڭ مەۋلاسىدۇر »، دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدۇق. رىياھ مۇنداق دېدى: ئۇلار ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن مەن ئۇلارغا ئەگەشتىم ۋە ئۇلارنىڭ كىملىكىنى سورىدىم، كىشىلەر: ئۇلار ئەنسارىلاردىن بولغان بىر توپ كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەبۇ ئەييۇبل ئەنسارىمۇ بار، دېدى.
    ئەبۇ ئىسھاق سۇئلەبى ئۆزىنىڭ «ئەلكەبىير» ناملىق تەپسىرىدىكى سۈرە مەئارىجنىڭ تەپسىرىدە ئىشەنچىلىك ئىككى ئىسناد بىلەن بايان قىلغان تۆۋەندىكى رىۋايەتمۇ بۇ ھەدىسنىڭ مۇتەۋاتىرلىقىغا دالالەت قىلىدۇ: « غەدىير خۇم كۈنى بولغان چاغدا پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋە سەللەم) كىشىلەرنى چاقىردى ۋە ئۇلار بىر يەرگە توپلاشتى، ئاندىن پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋە سەللەم) ئەلىنىڭ قولىنى تۇتۇپ مۇنداق دېدى: « كىمكى مەن ئۇ كىشىنىڭ مەۋلاسى بولغان بولسام، مانا بۇ ئەلى ئۇ كىشىنىڭ مەۋلاسىدۇر ». بۇ ئەھۋال ناھايتى كەڭرى تارقاپ شەھەرلەرگە پۈر كەتتى ۋە بۇ ئەھۋال ھارىس ئبىنى نوئمان ئەلفەھرىگە يەتتى. شۇڭلاشقا ئۇ تۆگىسىگە مىنىپ پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋە سەللەم) نىڭ قېشىغا كەلدى، ئاندىن تۆگىسىنى چۈكۈرۈپ ئۇنىڭدىن چۈشتى ۋە مۇنداق دېدى: ئى مۇھەممەد! سەن بىزنى بىر ئاللاھتىن باشقا ھىچقانداق ئىلاھ يوقلىقىغا ۋە ئۆزەڭنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىڭگە گۇۋاھلىق بېرىشىمىزگە بۇيرۇدۇڭ، بىز سەندىن ئۇنى قوبۇل قىلدۇق. سەن بىزنى بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇدۇڭ، بىز ئۇنى قوبۇل قىلدۇق. سەن بىزنى زاكات بېرىشكە بۇيرۇدۇڭ، بىز ئۇنى قوبۇل قىلدۇق. سەن بىزنى رامىزان ئېيىدا بىر ئاي رۇزا تۇتۇشقا بۇيرۇدۇڭ، بىز ئۇنى قوبۇل قىلدۇق. سەن بىزنى ھەج قىلىشقا بۇيرۇدۇڭ، بىز ئۇنىمۇ قوبۇل قىلدۇق، ئاندىن كېيىن سەن بۇلارغا رازى بولمىدىڭ، ھەتتاكى سەن ئۆزەڭنىڭ تاغاڭنىڭ ئوغلىنىڭ بىلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇنى بىزگە ئارتۇق قىلدىڭ ۋە بىزگە: كىمكى مەن ئۇ كىشىنىڭ مەۋلاسى بولغان بولسام، بۇ ئەلى ئۇ كىشىنىڭ مەۋلاسىدۇر، دېدىڭ. سېنىڭ بۇ سۆزۈڭ ئۆزەڭنىڭ سۆزىمۇ ياكى ئاللاھ-تائالا تەرەپتىنمۇ؟ ئاندىن پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋە سەللەم) مۇنداق دېدى: « ئۇنىڭدىن باشقا ھىچقانداق ئىلاھ يوق بولغان ئاللاھ-تائالا بىلەن قەسەمكى چوقۇم بۇ سۆز ئاللاھ-تائالا تەرەپتىندۇر ».
ئاندىن ھارىس ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ، ئۆزىنىڭ ئۇلىقى تەرەپكە ماڭدى، ھالبۇكى ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئى ئاللاھ! ئەگەر مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋە سەللەم ) دېگەن سۆز ھەق بولسا، بىزگە ئاسماندىن تاش ياغدۇرغىن ياكى بىزگە دەرتلىك ئازاپ كەلتۈرگىن، شۇڭلاشقا ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇلىقىنىڭ قېىشغا كەلمەستىلا ئاللاھ-تائالا ئۇنىڭغا يوغان بىر تاش ئاتتى ۋە ئۇ تاش ئۇنىڭ چوققىسىغا چۈشۈپ، ئۇنىڭ مەقىتىدىن چىقتى ۋە ئۇنى دەرھال ئۆلتۈردى. ئاندىن ئاللاھ-تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: ﴿ بىر تىلىگۈچى (يەنى نەزر ئىبنى ھارىس) كاپىرلارغا چوقۇم بولىدىغان ئازابنىڭ (چۈشۈشىنى) تىلىدى * ئۇ (ئازاب) نى ھىچ ئادەم قايتۇرالمايدۇ * ئۇ (ئازاب) ئاسمان شوتىلىرىنىڭ ئىگىسى تەرپىدىن بولغان ... ﴾ . بۇ ھەدىس ئۆزىنىڭ ئەينەن سۆز-ئىبارىلىرى بىلەن ئاخىرلاشتى .
    ۋە بۇ ھەدىسنى ئەھلى سۈننەت ئالىملىرىدىن بولغان بىر تۈركۈم كىشلەر ئىتتىپاق كېلىنگەن ھەدىس ئورنىدا بايان قىلدى.

ئەلمۇراجئات ناملىق كىتاپتىن ئىلىندى.....

Add comment


Security code
Refresh

پايدىلانغۇچىلارنىڭ سانى

2.png3.png1.png7.png5.png7.png
بۈگۈنكى23
تۈنۈگۈنكى275
بۇ ھەپتىدىكى 2044
بۇ ئايدىكى7728
ئومۇمى231757

2018 يىل ماي-27 يەكشەنبە 01:05

تور بېكىتىمىزدە خاتا بۇلۇپ قالغان مەزمۇن بولسا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋاقتىدا بىزگە ئۇچۇر قىلىپ قۇيۇشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز .  ئىنسان خاتالىقتىن مۇستەسنا ئەمەس،
اللە ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر . تور بېتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ. بېكىتىمىز ،سېرىق ھەم دۆلەت قانۇنىغا زىت بولغان ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر   يەتكۈزدىغان ئۇچۇر ۋە يازمىلارنى قەتئىي  چەكلەيدۇ. ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ .