ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قۇرئان ۋە ئىترەت ئسلام تورىغا خۇش كەپسىز

سوئال: بىر دەرستە تىببىي مۇتىخەسسىسلەردىن كۆپلىگەن دورا - دەرمەكلەرنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىگە ئاساسلىنىپ كەشىپ قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىدىم. سۇئالىم شۇكى، ھازىر قولىمىزدا بولغانلىرى قۇرئاندا بايان قىلىنغان تىبابەتچىلىككە مۇناسىۋەتلىك بولغانلارنىڭ ھەممىسىمۇ ياكى قۇرئاندا يەنە بۇنىڭدىن ئارتۇق بىزگە پايدىلىق بولغانلىرى بارمۇ؟ مېنىڭ بىر دوستۇم قۇرئاندا ھالاك قىلغۇچى كېسەللەرنى ساقايتىشقا مۇناسىۋەتلىك تېخى بىز بىلىپ يېتەلمىگەن ئىلىملەرمۇ بارمۇ دەپ سورىغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن بۇ سوئالنى سورىدىم.
جاۋاب:
1- ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھاياتلىقنىڭ ھەممە تەرىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مۇقەددەس دىن بىلەن ئەۋەتتى. خۇددى ئەبۇ زەر ئېيتقاندەك:« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ئاسماندا ئۇچقان بىر ئۇچارلىقنىڭ قاناتلىرىنى مىدىرلاتقىنىغا چاغلىق ئىلىمدىنمۇ بىزنى خەۋەردار قىلغان». ( ئەھمەد رىۋايىتى ).
ئىسلام دىنى كىشىلەرنىڭ پۈتۈن ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كەلگەن.
2- ھەدىسلاردا كەلگەنلىرى قۇرئاندا كەلگەنلىرىنى تولۇقلىغۇچىدۇر. بۇ ئىككى مەنبە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەڭ ئاساسلىق مەنبەلەردۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ھەر قانداق بىر كېسەلگە ئۇنىڭ شىپاسىنىمۇ ياراتقانلىقىنى بىزگە ئۆگەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« ئاللاھ قانداقلا بىر كېسەلنى چۈشۈرگەن بولسا ئۇنىڭ داۋاسىنىمۇ چۈشۈرگەن»دەپ كۆرسەتكەن. (بۇخارىي رىۋايىتى )

سوئال:
ھىجر سۈرىسىنىڭ 87- ئايىتىدە ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىر ھەدىسىدە فاتىھە سۈرىسى «سەبئۇلمەسانى» ۋە «ئۇلۇغ قۇرئان» دېيىلىپتۇ. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرسىڭىز، ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب:
ئاللاھ تائالا ئۇ ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:«وَلَقَدْ آتَيْنَاكَ سَبْعًا مِنَ الْمَثَانِي وَالْقُرْآنَ الْعَظِيمَ»«شۈبھىسىزكى، بىز ساڭا مەسانىدىن يەتتىنى ۋە ئۇلۇغ قۇرئاننى ئاتا قىلدۇق»- ھىجر 15/87.
«مەسانى» دېگەن سۆز قۇرئان كەرىمدە قۇرئان كەرىمگە بېرىلگەن بىر سۈپەت بولۇپ، مەنىسى «ئىككىدىن-ئىككىدىن» دېگەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا زۇمەر سۈرىسىنىڭ 23- ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ:

پايدىلانغۇچىلارنىڭ سانى

2.png3.png1.png7.png5.png6.png
بۈگۈنكى22
تۈنۈگۈنكى275
بۇ ھەپتىدىكى 2043
بۇ ئايدىكى7727
ئومۇمى231756

2018 يىل ماي-27 يەكشەنبە 01:02

تور بېكىتىمىزدە خاتا بۇلۇپ قالغان مەزمۇن بولسا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋاقتىدا بىزگە ئۇچۇر قىلىپ قۇيۇشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز .  ئىنسان خاتالىقتىن مۇستەسنا ئەمەس،
اللە ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر . تور بېتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ. بېكىتىمىز ،سېرىق ھەم دۆلەت قانۇنىغا زىت بولغان ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر   يەتكۈزدىغان ئۇچۇر ۋە يازمىلارنى قەتئىي  چەكلەيدۇ. ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ .