ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قۇرئان ۋە ئىترەت ئسلام تورىغا خۇش كەپسىز

1ـ باب : ئەھكامنىڭ ئىسلامدىكى ئەھمىيتى

ئۇلۇغ ئىسلام دىننىڭ تۈزۈم ۋە قانۇنيەتلىرى ئۈچ قىسىمغا بۆلىندۇ:
  1- ئىتىقاد قانۇنىيەتلىرى ( ئوسۇلىدىن )
  2-  ئەمەل قىلىش قائىدىسى ( ئەھكام )
  3- ئەخلاق ( ئىنساننىڭ ئەخلاقى ۋە روھى ھالتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىلىم )
تۆۋەندە يۇقىردىكىلەرنى تەپسىلى چۇشەندۈرۈپ ئۆتىمىز :


1-ئىتىقاد قانۇنىيەتلىرى : ئوسۇلدىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇسۇلدىندا بىر كىشىگە تەقلىد قىلىنمايدۇ . ئىنسانلار ئۆز تەھقىقاتىغا ئاساسەن دەلىللەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ئىتىقادىنى توغىرلىشى لازىم .
2-ئەمەل قىلىش قائىدىسى : بۇ ئىلىم ئىنسانلارنىڭ ھەر بىر مەسىلە توغىرسىدىكى ۋەزىپىسنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ، قايسى ئىشلاردىن پەرھىز قىلىش ۋە قايسى ئىشلارنى ئورۇنلاش توغىرسىدا مەلۇمات بىرىدۇ، بۇ ئىلىم ئەھكام ياكى فوروئىدىن دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن مۇجتەھىدقا تەقلىد قىلىش پەرىزدۇر .
3- ئەخلاق : بۇ ئىنسانلارنىڭ خۇي-پەيلى ۋە روھى ھالتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىلىم بولۇپ ، بۇ ئىلىم يۇقىردىكى ئىككى قانۇنىيەتنىڭ تۈپ ئاساسى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. چۈنكى ئەخلاق ئارقىلىق ھەممە ئىنسان پۇتكۇل يۇقىرى كامالەتكە يىتەلەيدۇ ۋە يۇقىردىكى ئىككى قانۇنىيەتنىڭ ئەمەلگە ئىشىشىغا تۇرتكە بولىدىغان مۇھىم ئامىلنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ .
ئەھكام بەش قىسىمغا بۆلىندۇ :
1ـ پەرىز
2-ھارام
3-مۇستەھەب
4-مەكرۇھ
5-مۇباھ
1ـ پەرىز :  ئەمەل قىلىش ۋە ئىجرا قىلىش بىزگە پەرىز قىلىنغان ئىش بولۇپ ، ئەمەل ۋە ئىجرا قىلىنمىسا ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىغا ئۇچرايدىغان ئەمەلدۇر.مەسىلەن : بەش ۋاخ ناماز ۋە روزىغا ئوخشاش.
2ـ ھارام : ئەمەل قىلش ۋە ئىجرا قىلىش بىزگە چەكلەنگەن ئىش بولۇپ، بۇنى ئىجرا قىلىش بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدىغان ئەمەلدۇر.مەسىلەن: يالغان سوزلەش،كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىش ۋە كىشىنىڭ ھەققىنى يىيىش دىگەنلەرگە ئوخشاش شەرىئەت چەكلىگەن ئىشلار.
3ـ مۇستەھەب (سۇننەت) : ئەگەر ئىنسان ئەمەل قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ساۋاب بىرىدىغان ، ئەمەل قىلالمىسا ئاللاھ تائالا جازالىمايدىغان ئەمما ئىنكار قىلىش ھارام بولغان ئەمەلدۇر. مەسىلەن : ناماز شەب سەدىقە بىرىش ، يول ياساش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
4ـ مەكرۇھ : ئەگەر ئىنسان تەرىك قىلسا ساۋاب بىرىلىدىغان ، ئىجرا قىلسا جازالانمايدىغان  ئەمەلدۇر. مەسىلەن : تاماقنى پۇۋلەپ يىيىش ۋە قىززىق تاماق يىيىش دىگەنگە ئوخشاش.
5ـ مۇباھ : قىلىش ـ قىلماسلىقنىڭ پەرقى بولمايدىغان ، ساۋابمۇ بىرىلمەيدىغان ۋە گۇناھمۇ بولمايدىغان ئەمەلدۇر . مەسىلەن : يول مىڭىش ۋە ئولتۇرۇپ ـ قوپۇش قاتارلىقلار.

2-باب : تەقلىد توغىرىسدا مەلۇمات
تەقلىد : يەنى ئەگىشىش دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆز بولۇپ، ھەر بىر مۇسۇلمان ئاللاھ تائالا ۋە جانابى رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئىجرا قىلىشتا چوڭ مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ پەتىۋاسى ئارقىلىق قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنى شۇ مۇجتەھىدنىڭ ھوكۇمىگە توغىرلاپ ئەمەل قىلىش ۋە ئىجرا قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ يەردە مۇھىم بولغان يەنە بىر مەسىلە شۇكى، مۇجتەھىد بولمىغان ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكۈمىنى توغرا يول بىلەن قولغا كەلتۈرۈشكە ئىلمى يىتىشمىگەن كىشىلەر مۇجتەھىدكە تەقلىد قىلىشى كىرەك.
كىشىلەر تەقلىد قىلىدىغان مۇجتەھىد 《 مەرجىئى تەقلىد 》دىيلىدۇ.
ئىنسانلار تەقلىد قىلىشقا تىگىشلىك مۇجتەھىدنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە  :
1ـ ئادىل بولىشى
2-ھايات بولىشى
3-ئەر بولىشى
4-بالىغ بولشى
5-جانابى رەسۇلۇللاھدىن كيىن ئون ئىككى ئىمامغا ئەگەشكۈچى شىئە مۆئمىن بولىشى
6-باشقا ھەممە ئالىملاردىن ئىلمى يۇقىرى ۋە دۇنيانى دوست تۇتمايدىغان كشىلەردىن بولشى كىرەك .
ئىنسانلار تەقلىد قىلىشقا تىگىشلىك مۇجتەھىدنىڭ شەرتلىرى توغىرسىدىكى تەپسىلى چۇشەنچە :
1ـ ئادىل بولۇش : يەنى تەقۋالىقتا يۇقىرى پەللىگە يەتكەن ، پەرىز ئەمەللەرنى بىجانىدىل ئىجرا قىلىدىغان ، چوڭ ـ كىچىك گۇناھلاردىن پەرھىز قىلىدىغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ.
2ـ ھايات بولۇش : بالاغەتكە يەتكەن ھەر بىر قىز ـ ئوغۇل چوقۇم بىر مۇجتەھىدگە تەقلىد قىلىش پەرىزدۇر.ئۇ مۇجتەھىد چوقۇم ھايات بولۇش كىرەك .
ھەر قانداق كىشىنىڭ ئۆزى تەقلىد قىلىۋاتقان مۇجتەھىد دۇنيادىن يانغان بولسا ، يەنە بىر ھايات مۇجتەھىدنىڭ روخسىتى بىلەن شۇ  دۇنيادىن يانغان مۇجتەھىدنىڭ پەتىۋاسىغا ئەمەل قىلىۋەرسە بولىدۇ. ئەگەر دۇنيادىن يانغان مۇجتەھىدنىڭ يىڭى مەسىللەرگە نىسبەتەن پەتىۋاسى بولمىسا ھايات مۇجتەھىدنىڭ پەتىۋاسىغا ئەمەل قىلىش كىرەك.
ئىنسان تەقلىد قىلىشتا قايسى مۇجتەھىدنى تاللاش ئوزىنىڭ ئختىيارلىقىدا بولىدۇ.
3- ئەر بولىشى : ئىنسانلار تەقلىد قىلىشقا تىگىشلىك مۇجتەھىد جەزمەن ئەر بولىشى كىرەك .
4- بالىغ بولشى : ئىنسانلار تەقلىد قىلىشقا تىگىشلىك مۇجتەھىد جەزمەن بالاغەتكە يەتكەن بولىشى ۋە مۇجتەھىدنىڭ بۇنىڭدىن باشقا بايان قىلىنغان شەرتلىرىگە ئىگە بولغان بولىشى كىرەك .
5- جانابى رەسۇلۇللاھدىن كيىن ئون ئىككى ئىمامغا ئەگەشكۈچى شىئە مۆئمىن بولىشى : ئىنسانلار تەقلىد قىلىشقا تىگىشلىك مۇجتەھىد جەزمەن مەزكۇر شەرتنىڭ سىرتىدا بولماسلىقى كىرەك ئۇنداق بولمىغاندا ئۇ كىشى مۇجتەھىد (مەرجىئى تەقلىد) دىيىلمەيدۇ .
6- باشقا ھەممە ئالىملاردىن ئىلمى يۇقىرى ۋە دۇنيانى دوست تۇتمايدىغان كشىلەردىن بولشى كىرەك : يەنى ئىلىم ۋە تەقۋالىق جەھەتتە باشقا ھەممە ئالىملاردىن ئۈستۈن ۋە يۇقىرى پەللىگە يەتكەن بولىشى كىرەك .
ئەسكەرتىش : مۇجتەھىدكە تەقىلىد قىلىدىغان ئادەم ئىلىمى ھەممىدىن يۇقىرى بولغان مۇجتەھىدنى تونۇپ تەقلىد قىلىشى پەرىزدۇر.
بالىغ دىگەن نىمە ؟
ئوغۇللار 12 ياشقا كىرگەندە قىزلار 9 ياشقا كىرگەندە بالىغ بولغان بولىدۇ. ئوغۇل ـ قىزلار بالىغ بولغاندا ناماز ۋە روزا- ئىبادەتلەر پەرىز بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قىزلارغا پەردە قىلىش (ھىجاپ قىلىش) پەرىز بولىدۇ .
داۋامى  بار...................

Add comment


Security code
Refresh

پايدىلانغۇچىلارنىڭ سانى

2.png3.png0.png7.png2.png4.png
بۈگۈنكى66
تۈنۈگۈنكى298
بۇ ھەپتىدىكى 1011
بۇ ئايدىكى6695
ئومۇمى230724

2018 يىل ماي-23 چارشەنبە 06:51

تور بېكىتىمىزدە خاتا بۇلۇپ قالغان مەزمۇن بولسا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋاقتىدا بىزگە ئۇچۇر قىلىپ قۇيۇشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز .  ئىنسان خاتالىقتىن مۇستەسنا ئەمەس،
اللە ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر . تور بېتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ. بېكىتىمىز ،سېرىق ھەم دۆلەت قانۇنىغا زىت بولغان ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر   يەتكۈزدىغان ئۇچۇر ۋە يازمىلارنى قەتئىي  چەكلەيدۇ. ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ .