ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قۇرئان ۋە ئىترەت ئسلام تورىغا خۇش كەپسىز


    بوۋاققا ئىسىم قويۇش تەرتىپلىرى
    پەرزەنت خۇشاللىقى ھەر قانداق ئاتا-ئانا ئۈچۈن چەكسىزدۇر. ئادەتتە كىشىلەر غەم قايغۇسىنى كۆز ياشلىرى بىلەن ئىپادىلىسە، خوشاللىقىنى كۈلكە بىلەن ئىپادىلەيدۇ. بىراق، دەرىجىدىن تاشقىرى خوشاللىقنىمۇ كۆز ياشلىرى بىلەن ئىپادىلەپ،ئاللاھقا تەشەككۈر ئېيتىدۇ. پەرزەنت خوشاللىقى مۇشۇلار قاتارىدىن بولۇپ، ھەرقانداق رەھىمسىز،تاش يۈرەك ئاتا-ئانىمۇ بۇنداق خوشاللىقنىڭ سىرتىدا ئەمەس. چۈنكى ئاتا-ئانىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى- ئۆزلىرىنىڭ ئىز باسارى بار بولسا، ئۆزلىرى ئاچ-زار، يىلىڭ بولسىمۇ پەرزەنتىنىڭ غېمىنى يەپ مەڭگۈ مىننەتسىز قۇلدەك ئىشلەپ پەرزەنتىلىرىنى تەربىيلەش، قاتارغا قوشۇش ۋە جەميەت ئۈچۈن ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيلەش ئۈچۈن تىرىشىدۇ، ھەمدە چەكلىك ئۆمرىدە ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئۆزىنىڭ مىراسخورى بولغان، پەرزەنتىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ئۇنى ياراملىق ئەۋلاتلاردىن قىلىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدۇ.

ناماز دىگەن نىمە ؟
خۇدانىڭ پەيغەمبىرى جانابى رەسۇلۇللاھدىن ناماز توغۇرلۇق سۇئال سورىغاندا رەسۇلۇللاھ مۇنداق دىگەن :1ــ ناماز بولسا خۇداغا بەندىچىلىك قىلىدىغان بىر يول .
2ــ ناماز بولسا پەيغەمبەرنىڭ يولى ۋە ئادىتدۇر .  3 ــ ناماز ئوقۇغۇچىنى مالائىكىلەر ياخشى كۆرىدۇ .    4   ــ ناماز ئوقۇغۇچىنڭ رىزىقىنى ئاللاھ زىيادە قىلىدۇ ،ۋە بەركەت ئاتاقىلىدۇ .
5ــ ناماز شەيتاننى خاپاقىلىشقا سەۋەپ بولىدۇ .6ــ روھ ۋە تەننىڭ سالامەتلىكى ئۇچۇن ئاساس بولىدۇ . 7ــ نامازشەيتان بىلەن قارشىلىشىتىكى ئەڭ چوڭ قۇرال بولىدۇ .

 

ئەھكام ۋە ناماز
ئىبادەتلەرنىڭ ئارىسىدا مەنىۋى ئىبادەتلەرنىڭ بىرى بولغان ناماز ھەممىدىن مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك بولۇپ ھىچقانداق ئىبادەت ناماز تەكىتلەنگەندەك كۆپ تەكىتلەنمىگەن .
ناماز ئاللاھنىڭ بەندىلرىگە بۇيرۇغان بۇيرۇقى ، جانابى رەسۇلۇللاھ ۋە ئىماملارنىڭ بىزگە قالدۇرغان نەسىھەتلىرى بولۇپ ئاللاھنىڭ قانۇنىدا نامازنى ئادا قىلمايدىغانلار مۇسۇلمان ھىسابلانمايدۇ .  نامازنى ئادا قىلمايدىغانلار ھەرقانداق كىشىلەر ئەبەدى ئازاپقا دۇچار قىلىنپ، بىھىشتىن مەھرۇم قىلىندىغانلىقى بايان قىلنىدۇ . ئ

پايدىلانغۇچىلارنىڭ سانى

2.png3.png1.png7.png5.png6.png
بۈگۈنكى22
تۈنۈگۈنكى275
بۇ ھەپتىدىكى 2043
بۇ ئايدىكى7727
ئومۇمى231756

2018 يىل ماي-27 يەكشەنبە 01:01

تور بېكىتىمىزدە خاتا بۇلۇپ قالغان مەزمۇن بولسا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋاقتىدا بىزگە ئۇچۇر قىلىپ قۇيۇشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز .  ئىنسان خاتالىقتىن مۇستەسنا ئەمەس،
اللە ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر . تور بېتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ. بېكىتىمىز ،سېرىق ھەم دۆلەت قانۇنىغا زىت بولغان ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر   يەتكۈزدىغان ئۇچۇر ۋە يازمىلارنى قەتئىي  چەكلەيدۇ. ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ .