ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قۇرئان ۋە ئىترەت ئسلام تورىغا خۇش كەپسىز

قەشقەر شەھرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبى قىسىمىغا جايلاشقان بولۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى.
قەشقەرنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى 39° 24’ 26« ن.؛ 76° 6’ 47» ئە. دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىگى 1290 مىتىر. قەشقەر شەھرىنىڭ 1999-يىلى ئىلان قىلىنغان نوپۇسى 205،000.
قەشقەردە ھازىرقى بار بولغان قەدىمى شەھەر كوچىلىرىدىن ھېيتگاھ جامىئەسىنى مەركەز قىلغان چاسا كوچا، ئوردا ئالدى، بۇلاق بېشى، ئوردا مەسچىتى، دۈڭمەسچىت، جانقۇرغان، تۆريارباغ، كونا دەرۋازا يولى، يار بېشى كولالىچىلار مەھەللىسى قاتارلىق جايلار ئۆستەڭ بويى ئەتراپلىرىغا مەركەزلەشكەن. ئوردا بېشى يولى، كونا دەرۋازا يولى، يارباغ يولى، ئارىيا يولى ئوتتۇرىسىدىكى قەدىمىي تۇرالغۇ– كوچىلار قەشقەر شەھىرىنىڭ يارباغ ئىش باشقارمىسى تەۋەسىدە بۇلۇپ، جانقۇرغان كوچىسى بىلەن بۇلاق بېشى كوچىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا يەنە 20 نەچچە تار كوچىلارغا ئايرىلغان. ئومۇمىي دائىرىسى 2 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئون نەچچە مىڭ ئاھالە ئولتۇراقلاشقان.

بۇ كوچىلارنىڭ بەرپا قىلىنىش تارىخىنى مىلادى 10– ئەسىرلەرگىچە سۈرۈشكە بولىدۇ. ئولتۇراق رايوندا ھازىر ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت (شەھەر) دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىدىن 12سى بار. بۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرى بولسۇن ياكى مەسچىد قۇرۇلۇشلىرى، رەستىلەر قۇيۇق ئىسلام مەدەنىيىتى قۇرۇلۇش تۈسىنى ئالغان. كوچىلار ئەگرى- بۈگرى، ئۈمۈچۈك تورىدەك ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن. خۇددى سىرلىق ئوردا، قەلئە يوللىرىغا ئوخشايدۇ. ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرى قۇرۇلما جەھەتتە خام كىسەك، توپا، پىششىق خىش، ئەنجان تاملاردىن ياسالغان. ئۆينىڭ ئۈستىگە ئۆي، سېلىنىۋىرىپ ئالدى يەر يۈزىدىن 4- 5 قەۋەتچە ئىگىزلەپ، يىراقتىن قارىغاندا قەلئەگىلا ئوخشاپ قالغان. ئولتۇراق رايوندا يەنە ئەسلى ئورنىغا ئەسلى ھالىتىنى ساقلىغان ئاساسىدا پىششىق خىشتىن يىڭىلىنىۋاتقان تۇرالغۇلارمۇ بار. ئولتۇراق ئۆيلەر بەك زىچ سېلىنغانلىقتىن كوچىلار خېلىلا تار. ئەسلى ھالىتىنى ساقلاش ۋە ئۆرۈلۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرەكلەر بىلەن يۆلەپ قۇيۇلغان تۇرالغۇ- كوچىلارمۇ بار. تار كوچىلارنىڭ ئۈستى يېپىلىپ، ئۆي قىلىنغان. كوچىلارنىڭ باش- ئاخىرىنى پەرق ئەتمەك ئىنتايىن تەس. بەزىدە بۇ كوچىلاردا ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەر ئۆزلىرىمۇ ئادىشىپ قالىدىكەن. بىر قىسىم كوچا بۆلەكلىرىدە ئىككىنچى بىر كوچىغا ئايلىنىش يول كۆرسەتكۈچ بەلگىلىرى كۆرسىتىپ قۇيۇلغان. بىر قىسىم كوچىلارغا پەلەمپەي ئارقىلىق يۇقىرى ئۆرلەپ مېڭىشقا توغرا كېلىدىكەن. بۇ يەرگە جايلاشقان ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى پەس بولغاندا ئىككى قەۋەت، بەزى تۇرالغۇلار ئۈچ- تۆت قەۋەت بولغاچقا ئالقانچىلىك بوشلۇقلارمۇ ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. قورولارغا پەقەت بىرلا ياغاچ دەرۋازىدىن كىرىپ، ئوڭ ۋە سول تەرەپتىكى يان ئۆيلەرگە قايرىلغىلى، پەشتاق- پەلەمپەيلەر ئارقىلىق ئۈستۈنكى قەۋەتلەرگە چىققىلى بولىدۇ، ئۆگزىنىڭ گىرۋەكلىرى بىر مېتىر ۋە بىر يېرىم مېتىر ئەتراپىدا ئېگىزلىتىلىپ، كۈننىڭ ئىسسىق چاغلىرىدا كېچىسى ئارام ئېلىشقا پايدىلىنىلغان. ئاستىنقى قەۋەتتىكى قورو ئىچى ئىنتايىن تار بولسىمۇ، بۇ يەردىكى ئاھالىلەر بىرەر تۈپ ئەنجۈر كۆچىتى، ئانار كۆچىتى، بىرەر تۈپ گۈل تىكىپ ياكى گۈللۈكلەرنى ياساپ ئولتۇرۇشقا ئادەتلەنگەن. ئىقتىسادى ئەمىلى كۈچى بويىچە ئايۋان- ساراي، پىشايۋانلار ئىسىل بېزىلىپ، گىلەملەر سېلىپ قۇيۇلغان.

بۇ يەردىكى جانقورغان، بۇلاق بېشى كوچىلىرىدىن باشقا، يار بېشى كولالىچىلار مەھەللىسى قەدىمىلىكى، ئۆزگىچىلىكى بىلەن كىشلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتىدۇ. 40 مېتىرچە ئىگىزلىكتە 800 مېتىرچە ئۇزۇنلۇققا سوزۇلغان كولالچىلار مەھەللىسى تۆت- بەش يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە. بۇ كوچىدا كولالىچىلار كۆپرەك مەركەزلەشكەنلىكى ئۈچۈن ‹‹ يار بېشى كولالىچىلار مەھەللىسى›› دەپ ئاتالغان.
قەشقەر شەھرىدىكى بۇ قەدىمىي تۇرالغۇ– كوچىلار قەشقەر شەھىرى سەيلە– ساياھەتچىلىكىنىڭ يارقىن نۇقتىسى بولۇپ قالغان. بۇ كوچا– مەھەللىلەر قەشقەر شەھىرىنىڭ مەركىزىگە، ئەڭ ئاۋات كوچىلىرىغا، ئاھالە ئەڭ زىچ ئورۇنلارغا جايلاشقان. ئاھالىلەرنىڭ سەيلە– ساياھەتچىلىك ئېڭى، تىجارەت ئېڭى ئىنتايىن يۇقىرى. بۇ يەردىكى ئىش باشقارمىلىرى، شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بۇ ئورۇننى ساياھەت نۇقتىسى قىلىپ بىكىتكەن ھەمدە بۇ كوچىلاردا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنىڭ شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپىي ۋە ئالاھىدىلىكى بويىچە ‹‹ كولالىچىلار ئائىلىسى››، ‹‹ مىللىي چالغۇ– ئەسۋاپلار ئائىلىسى››، ‹‹ دوپپىچىلار ئائىلىسى››، ‹‹ كەشتىچىلىك ئائىلىسى››، ‹‹ مىسكەرچىلىك ئائىلىسى››، ‹‹ پىچاقچىلىق ئائىلىسى››، ‹‹ گىلەم توقۇش ئائىلىسى››، ‹‹ ئۇيغۇر مىللىي بىناكارلىق ئائىلىسى››، ‹‹ ئاسارە– ئەتىقە يىغىپ ساقلىغۇچىلار ئائىلىسى›› دېگەندەك ئوخشىمىغان ۋىۋىسكىلارنى ئېسىپ، قەدىمى شەھەر ساياھەتچىلىكى، قەدىمى كوچا– تۇرالغۇ ساياھەتچىلىكى؛ مەدەنىيەت يادىكارلىق، ئاسارە – ئەتىقە بۇيۇملىرى ساياھەتچىلىكى؛ مىللىي ئۆرىپ– ئادەتلەر ساياھەتچىلىكى؛ مىللىي قول– ھۈنەر سەنئىتى ساياھەتچىلىك تۈرلىرىنى ئائىلە ساياھەتچىلىكى بىلەن بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ، مۇكەممەل ۋە ئەتراپلىق بولغان ساياھەت بايلىقىنى ئاچقان.

 

 داۋامى .....بار كىرىڭ

Add comment


Security code
Refresh

پايدىلانغۇچىلارنىڭ سانى

2.png3.png1.png7.png5.png7.png
بۈگۈنكى23
تۈنۈگۈنكى275
بۇ ھەپتىدىكى 2044
بۇ ئايدىكى7728
ئومۇمى231757

2018 يىل ماي-27 يەكشەنبە 01:05

تور بېكىتىمىزدە خاتا بۇلۇپ قالغان مەزمۇن بولسا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋاقتىدا بىزگە ئۇچۇر قىلىپ قۇيۇشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز .  ئىنسان خاتالىقتىن مۇستەسنا ئەمەس،
اللە ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر . تور بېتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ. بېكىتىمىز ،سېرىق ھەم دۆلەت قانۇنىغا زىت بولغان ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر   يەتكۈزدىغان ئۇچۇر ۋە يازمىلارنى قەتئىي  چەكلەيدۇ. ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ .