ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قۇرئان ۋە ئىترەت ئسلام تورىغا خۇش كەپسىز

قەشقەر شەھرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبى قىسىمىغا جايلاشقان بولۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى.
قەشقەرنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى 39° 24’ 26« ن.؛ 76° 6’ 47» ئە. دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىگى 1290 مىتىر. قەشقەر شەھرىنىڭ 1999-يىلى ئىلان قىلىنغان نوپۇسى 205،000.
قەشقەردە ھازىرقى بار بولغان قەدىمى شەھەر كوچىلىرىدىن ھېيتگاھ جامىئەسىنى مەركەز قىلغان چاسا كوچا، ئوردا ئالدى، بۇلاق بېشى، ئوردا مەسچىتى، دۈڭمەسچىت، جانقۇرغان، تۆريارباغ، كونا دەرۋازا يولى، يار بېشى كولالىچىلار مەھەللىسى قاتارلىق جايلار ئۆستەڭ بويى ئەتراپلىرىغا مەركەزلەشكەن. ئوردا بېشى يولى، كونا دەرۋازا يولى، يارباغ يولى، ئارىيا يولى ئوتتۇرىسىدىكى قەدىمىي تۇرالغۇ– كوچىلار قەشقەر شەھىرىنىڭ يارباغ ئىش باشقارمىسى تەۋەسىدە بۇلۇپ، جانقۇرغان كوچىسى بىلەن بۇلاق بېشى كوچىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا يەنە 20 نەچچە تار كوچىلارغا ئايرىلغان. ئومۇمىي دائىرىسى 2 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئون نەچچە مىڭ ئاھالە ئولتۇراقلاشقان.

ھېيتگاھ جامەسى قەشقەردىكى ئەڭ چوڭ جامە، ھېيتگاھ مەيدانى قەشقەردىكى ئاۋات سودا، مەدەنيەت مەركىزىدۇر، ئۇ قەشقەرگە كەلگەن كىشىلەرنىڭ دىققەت نەزەرىنى ئۆزىگە تارتماي قالمايدۇ. ئۇنىڭ كۈن چىقىش تەرەپكە ئېچىلغان چوڭ دەرۋازىسى، پەشتىقى، ئاق گۈمبىزى، ئىككى تەرەپتىكى نەقىشلىك مۇنارلىرى شەھەرگە ئالاھىدە كۆركەملىك بېغىشلاپ تۇرىدۇ.
جامەنىڭ قۇرۇلۇش سەنئىتى ۋە ئۇنىڭ گۈزەللىكى، بۇنىڭغا ئىشلىگەن تامچى ۋە سەنئەتكارلارنىڭ نەقەدەر ماھارەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش بىلەن بىللە، ئۇيغۇر بىناكارچىلىقىنىڭ خېلى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ھەر يىلى ئىككى ھېيتتا چېلىنىدىغان ناغرا، سۇناي ئاۋازى كىشىلەرنى ئۆزىگە شۇنداق جەلپ قىلىدۇكى، بۇ قىزىقارلىق مەنزىرىدىن كۆز ئۈزۈپ ئايرىلغۇسى كەلمەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ كىلاسسىك مۇزىكىسى 12 مۇقام ناغرا سۇنايچىلارنىڭ تەرەننۇم قىلىشى بىلەن، بۇ ئۈچ كۈن ئىچىدە دېگۈدەك ئاۋام خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.

پايدىلانغۇچىلارنىڭ سانى

2.png3.png1.png7.png5.png4.png
بۈگۈنكى20
تۈنۈگۈنكى275
بۇ ھەپتىدىكى 2041
بۇ ئايدىكى7725
ئومۇمى231754

2018 يىل ماي-27 يەكشەنبە 00:48

تور بېكىتىمىزدە خاتا بۇلۇپ قالغان مەزمۇن بولسا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋاقتىدا بىزگە ئۇچۇر قىلىپ قۇيۇشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز .  ئىنسان خاتالىقتىن مۇستەسنا ئەمەس،
اللە ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر . تور بېتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ. بېكىتىمىز ،سېرىق ھەم دۆلەت قانۇنىغا زىت بولغان ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر   يەتكۈزدىغان ئۇچۇر ۋە يازمىلارنى قەتئىي  چەكلەيدۇ. ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ .