ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قۇرئان ۋە ئىترەت ئسلام تورىغا خۇش كەپسىز

شىيئە مەزھەب توغىرسىدا قىسقىچە چۈشەنچە
1. شىيئە مەزھىبى ئىسلام دىندىكى ئاساسلىق مەزھەبلەرنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ . ‹‹ شىيئە ›› دىگەن ئەرەبچە سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى : ئەگەشكۈچى ۋە ياردەمچى دىگەنگە ئوخشاش مەنىلىرى بار .
شىيئە مەزھىبى ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ( قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرى ۋە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنىڭ روھىغا ئاساسەن ) بارلىققا كەلگەن .


مەسىلەن :  قۇرئان كەرىمنىڭ سۈرە نىسا 59-ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دىگەن : ‹‹ ئى مۆئمىنلەر ! ئاللاھقا ، پەيەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار ›› .①
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەليھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) بۇ ئايەتنى شەرھىيلەپ مۇنۇ ھەدىسلەرنى  ئىيتقان :
1. زەيىد ئىبنى ئەرقەم (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) مۇنداق دەيدۇ - پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەليھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) ھەج ۋاقتىدا قەسۋا دىگەن تۆگىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ مۇنداق دىگەن ئىدى : ‹‹ ئاگاھ بولۇڭلاركى ، سىلەر ئىسىلساڭلار ، مەندىن كىيىن گۇمراھ بولۇپ كەتمەيدىغان بىر-بىرىدىن قىممەتلىك بولغان ئىككى نەرسىنى ئاراڭلاردا

①  سۈرە نىسا 59-ئايەت
ئامانەت قويىمەن ، ئۇ بولسا ئاللاھنىڭ كىتابى - قۇرئان كەرىم ، ئۇ ئاسماندىن زىمىنغا چۈشۈرۈلگەن ئارغامچا ، يەنە بىرى مىنىڭ ئەھلى بەيتىم . بۇ ئىككى نەرسە ھەۋزى كەۋسەرنىڭ بويىدا ماڭا ئۇچراشقىچە بىر بىرىدىن ئايرىلمايدۇ . ياخشى تەپەككۇر قىلىڭلار ! بۇ ئىككى نەرسە توغىرسىدا ماڭا قانداق يوسۇندا خىلاپلىق قىلىسىلەر ؟ ›› ②
2. ئەبۇزەر ( رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ) كەئبىنىڭ ئىشىكىنىڭ ھالقىسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ مۇنداق دىگەن : مەن پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەليھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم)نىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى –

②  (سەھى تىرمىزى 5-قىسىم 662-بەت . مۇشكات شىرىف 569-بەت)
 ئاڭلىغان ئىدىم : ‹‹ مىنىڭ ئەھلى بەيتىمنىڭ مىسالى سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا نوھ (ئەلەيھىسسالام) نىڭ كىمىسىگە ئوخشايدۇ ، كىمكى ئۇنىڭغا چىقتى – نىجات تاپتى ۋە كىمكى ئۇنىڭغا چىقىشتىن باش تارتتى–ھالاك بولدى ›› ①
پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەليھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) :
‹‹ مەندىن كىيىن ئەلىگە ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى بولغان مىنىڭ نەۋىرلىرىم ئىمام ھەسەن ۋە ئىمام ھۈسەيىن قاتارلىق ئىماملار ئەگىشىڭلار ›› دىگەن ②

①  (مۇشكات شىرىف 573-بەت)
② ( بۇھەدىس–سەھىھ بۇخارى ، سەھىھ مۇسلىم ، سەھىھ تىرمىزى قاتارلىق سەھىھ كىتابلاردا ۋە مۇشكات شەرىفنىڭ ‹‹ فەزائىلى ئەھلى بەيىت›› دىگەن بابلىرىدا بايان قىلىنغان )
مىيلادى 632-يىلى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كىيىن بىر تۈركۈم مۇسۇلمانلار يۇقارقى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ ھۆكىمىگە ئاساسەن ھەزرىتى ئىمام ئەلى ، ئىمام ھەسەن ۋە ئىمام ھۈسەيىن قاتارلىق ھەزراتلارنى ئۆزلىرىنىڭ يول باشچىسى ۋە رەھبىرى دەپ ئىتراپ قىلىپ ئۇلارغا ئەگەشكەن ، تارىختا بۇ كىشىلەر ‹‹ شىيئە ›› ياكى ‹‹ ئەلىگە ئەگەشكۈچىلەر ›› دەپ ئاتالغان .
ھازىر شىيئە مەزھەبكە ئىتىقاد قىلغۇچى مۇسۇلمانلار

①  ( ئابدۇللاجان كىرەم تۈزگەن شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرپىدىن 2003-يىلى 12-ئاي 1-نەشىر ‹‹ ئىسلام دىنى ئىزاھلىق لۇغىتى ›› 17- بەتتىن ئىلىندى )
ئاساسلىق ئىران ، ئىراق، ھىندىستان ، پاكىستان، يەمەن ، سۈرىيە ، كۇۋەيىت ، لىۋان ، ئافغانىستان ، تۈركىيە ئازاربەيجان ، تاجىكىستان ۋە قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە كەڭ تارقالغان . ①

2. شىيئە مەزھەب مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىلىمىزغا تارقىلىشى :

مىيلادىيە 735-يىلى ئەرەب ئىمپىرىيىسىگە مۇئاۋىيە ھاكىمىيتى ( ئۈمەييە سۇلالىسى ) ھۆكۈم سۈرىۋاتقان دەۋىردە  ئۈمەييە ھاكىمىيتىدىن بىزار بولغان 12 ئىمامغا ئەگەشكۈچى شىيئە مەزھەب مۇسۇلمانلىرى ئىراننىڭ خوراساندىن جۇڭگۇ زىمىنىنىڭ شىنجاڭدىكى تۇرپاننىڭ ئاستانە دىگەن يىرىگە كۆچۈپ كەلگەن . زاماننىڭ ئۆتىشى بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان ①




①  ( دولقۇن قادىرنىڭ بېيجىڭ مىللەتلەر نەشىرياتى تەرپىدىن 1995-يىلى 1- ئاينىڭ 1-كۈنى نەشىر قىلىنغان ( شىنجاڭ ئىسلام تارىخى ) نىڭ 306-بىتىدىن ئىلىندى . )
مىيلادىيە 1442-يىلى يەكەندە شىيئە ئىسنا ئەشەرىيە ( 12 ئىمامغا ئەگەشكۈچى ) مەزھەب مۇسۇلمانلىرى ياشىغان بولۇپ ، يەكەن شەھرىدە ساپ شىيئە مەزھىبىگە مەنسۇپ بولغان مۇسۇلمانلارمۇ بار ئىدى .②
بۇ مەزھەب مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى پائالىيتى ۋە ئىتىقادىنىڭ چىڭ بولىشى ھەم ئۆرۈپ-ئادىتىنىڭ ئۆزگىچە بولىشى بىلەن باشقا مۇسۇلمانلاردىن پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ .


②  ( دولقۇن قادىرنىڭ بېيجىڭ مىللەتلەر نەشىرياتى تەرپىدىن 1995-يىلى 1- ئاينىڭ 1-كۈنى نەشىر قىلىنغان ( شىنجاڭ ئىسلام تارىخى ) نىڭ 264-بىتىدىن ئىلىندى )

3. شىيئە مەزھەب ئىتىقادچى ئاممىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش ئەھۋالى :

12 ئىمامغا ئەگەشكۈچى شىيئە مەزھىبىگە- ئىلىمىزنىڭ خەينەن ، يۈننەن ، نىڭشىيا ،چىڭخەي ۋە شاڭخەي قاتارلىق ئۆلكە ۋە شەھەرلەردىكى بىر قىسىم خۇيزۇ ۋە سالا مىللەتلىرىدىن بولغان مۇسۇلمانلارمۇ ئىتىقاد قىلىدۇ . ئىلىمىزنىڭ شىنجاڭدىكى شىيئە مەزھىبىگە ئاساسلىقى پارىس ، تاجىك ، كەشمىر ۋە يەرلىك مىللەت نامى بىلەن ئاتالغان بالتى ھەم بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە خۇيزۇ مىللەت مۇسۇلمانلىرىمۇ ئىتىقاد قىلىدۇ . چۈنكى مىيلادى 700-يىللىرى بولۇپمۇ 1450-يىللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ سودا ئىشلىرى ناھايتى تەرەققى قىلغان بولۇپ ، ئۇلار شۇ دەۋىرلەردە شىنجاڭدىن ھالقىپ ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا شۇنىڭدەك يىپەك يولى ئارقىلىق ھىندىستان ، پىرسىيە ، ئىران ، ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە سودىگەرچىلىك قىلاتتى . ①
شۇ دەۋىرلەردە ئىران ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن تىجارەت بىلەن كەلگەن شىيئە مەزھەب مۇسۇلمانلىرى شىنجاڭنىڭ يەكەن ، پوسكام ، قاغىلىق، توققۇزاق ، تاشقورغان ۋە ئاقتۇ قاتارلىق رايۇنلاردا مۇھاجىر بولۇپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان .

① ( ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى ›› شىنجاڭ خەلق  نەشىرياتى 2008-يىل3-ئاي 2-باسمىسى 251-252- بەتتىن ئىلىندى )

جۇڭگۇ ئىسلام دىنى جەمىيتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىيسى شەمشىدىن ھاجى :
‹‹ شىنجاڭ يەكەندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر شىيئە مۇسۇلمانلارمۇ ھەر يىلى ئاشۇرا كۈنلىرىنى ئۆز مەسچىتىگە يغىلىپ ( مۇھەررەمدىكى ماتەمگە ) مۇناسىۋەتلىك ۋەز-تەبلىغلەرنى ئاڭلايدۇ ۋە نەچچە كۈنگىچە تائەت-ئىبادەت ، قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ ئاشۇرا كۈنلىرىنى خاتىرلەيدۇ ›› دىگەن ①



① ( بېيجىڭ مىللەتلەر نەشىرياتى 2008-يىلى 4-ئاي 1-نەشىر 100 يىللىق مىيلادىيە ۋە ھىجىريە بويىچە ئىسلامى ھىيت-ئايەم ۋە خاتىرە كۈنلىرىنىڭ ۋاقىت سىلىشتۇرمىسى دىگەن كىتابنىڭ 8-9- بەتلىرىدىن ئىلىندى .  )
4. شىيئە مەزھەب مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى ئىتىقادى ۋە ئۆرۈپ-ئادەتلىرى :

12 ئىمامغا ئەگەشكۈچى شىيئە مەزھەب مۇسۇلمانلىرى ، ئىسلامدىكى بەش پەرىزگە ئەمەل قىلغاندىن سىرىت ، پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى  مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) قىزى ھەزرىتى فاتىمە زەھرا ئانىمىز ، ھەزرىتى ئىمام ئەلى ( كەررەمەللاھۇ ۋەجھۇ ) ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ نەۋىرلىرىدىن بولغان ھەزرىتى ئىمام ھەسەن ۋە ئىمام ھۈسەيىن (ئەلەيھىسسالام) ۋە ئىمام ھەسەيىن (ئەلەيھىسسالام) نىڭ نەسلىدىن كەلگەن 9 ئىمام ( تاكى 12-ئىمام ، ئىمام مەھدى ) گىچە قاتارلىق 12 ئىمام بىلەن قوشۇلۇپ 14 كىشىنىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرىنى قۇتلۇقلاپ خاتىرلەش، ۋاپات بولغان كۈنلىرىنى خاتىرلەپ ماتەم تۇتۇش مۇراسىمى ئىلىپ بارىدۇ .
چۈنكى جانابى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد  (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) ئۆزىنىڭ مۇبارەك ھەدىسلىرىدە ئاشۇرا كۈنلىرنى خاتىرلەش ۋە ئىمام ھۈسەيىن (ئەلەيھىسسالام)نىڭ مۇسىبىتىگە ماتەم تۇتۇشنىڭ پەزىلەتلىرى توغىرسىدا نۇرغۇن ھەدىسلەرنى ئىيتقان ، مەسىلەن :
1) جانابى رەسۇل ئەكرەم  (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) مۇنداق دىگەن :
‹‹ ھەرقانداق كىشى ئاشۇرا كۈنلىرىدە (ئىمام ھۈسەيىن ئەلەيھىسسالامنىڭ شەھىيدلىكىگە) مۇسىبەت تۇتۇپ يىغلىسا ، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى قىيامەت كۈنىدە شاد خۇرام قىلىدۇ ›› ①
2) جانابى رەسۇل ئەكرەم  (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) مۇنداق دىگەن :
‹‹ ئى قىزىم فاتىمە (سالامۇللاھى ئەلەيھا ) ! قىيامەت كۈنىدە ( پەرزەنتىم ئىمام ھۈسەيىن ئەلەيھىسسالامنىڭ شەھىيدلىكىگە مۇسىبەت تۇتۇپ يىغلىغان كۆزلەردىن باشقا ) بارلىق كۆزلەر يىغا-زارە ۋە نالە-پەرياد ئىچىدە بولىدۇ ، پەقەت ئىمام ھۈسەيىن (ئەلەيھىسسالام) نىڭ شەھىيدلىكىگە مۇسىبەت تۇتۇپ يىغلىغان كىشىلەرگە جەننەتتىن خۇش-بىشارەت بىرىلىپ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن  خۇشاللىق چاقنايدۇ ›› ②
①  (باھارۇل ئەنۋار 44-قىسىم 284-بەت)
②  (باھارۇل ئەنۋار 44-قىسىم 293-بەت)
3) جانابى پەيغەمبەر  (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) مۇنداق دىگەن :
‹‹ كىمكى ئىمام ھۈسەيىن (ئەلەيھىسسالام) نىڭ شەھىيدلىكىگە مۇسىبەت تۇتۇپ بىرتامچە ياش تۆكسە ، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ . ›› ①
4) جانابى پەيغەمبەر  (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) مۇنداق دىگەن :
‹‹ ھەرقانداق بىر مۆئمىن ئىمام ھۈسەيىن (ئەلەيھىسسالام) ۋە ئۇ زاتنىڭ يارەنلىرىنىڭ شەھىيدلىكىگە يىغلاپ كۆزلىرىدىن ياش تۆككەن
بولسا ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ ئۆيلىرىدىن

①  ئەھقاقۇل ھەق 5-قىسىم 523-بەت)
ئورۇن بىرىدۇ ›› ②
بۇ توغىرسىدا جانابى رەسۇلۇللاھتىن بايان قىلىنغان يەنە نۇرغۇن ھەدىسلەر بار . شۇنىڭ ئۈچۈن شىيئە مەزھەب مۇسۇلمانلىرى يۇقىردىكى ھەدىسلەر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش يەنە نۇرغۇن ھەدىسلەرنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ ھۆكۈمىگە  ئاساسەن ئىسلام كالىندارى ھىجىريە يىلى بويىچە 1-ئاي ( مۇھەررەم ) نىڭ 1-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە ( يۇقىردا بايان قىلىنغان 14 كىشىنى ياد قىلىپ ) ئىمام ھۈسەيىن ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولغان كۈنلىرىنى خاتىرلەپ ماتەم تۇتۇشنى ۋە ئىسلام كالىندارى ھىجىريە يىلى بويىچە 3-ئاي ( رەببىيۇل

②  (يەنابىئۇل مۇۋەددە 429-بەت)
ئەۋۋەل ) نىڭ 17-كۈنى رەسۇلۇللاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرلەش مۇراسىمى ئىلىپ بىرىش .... قاتارلىق ئەمەل-ئىبادەتلەرنى ئورۇنلاشنى پەرىز دەپ بىلىدۇ .
5. دىمەك ، ئىلىمىزنىڭ يەكەندىكى شىيئە مەزھىبىگە ئىتىقاد قىلغۇچى بىز مۇسۇلمانلار ئاممىسى مىيلادى 1533-يىلىدىن باشلاپ تاكى 1968-يىلىغىچە ( 1968-يىلى مەدىنىيەت ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدە بۇ ئورۇن بۇزۋىتىلگەن ) ئىلىمىزنىڭ ھەرقايسى دەۋىرلىرىدە ئۆتكەن ھاكىمىيەتنىڭ ئىشەنچىسى ۋە قوللىشىغا ئىرىشىپ  يەكەن ناھىيە يەكەن بازىرى دۆرە قازا كەشمىرلەر كوچىسىغا جايلاشقان شىيئە جامىئەسىدىكى ئەرلەر ۋە ئاياللار ماتەمخانىسىدا يۇقىردا بايان قىلىنغان دىنى-ئىتىقاد ۋە ئۆرۈپ-ئادەت مۇراسىملىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن .
6.  1980-يىلى پارتىيمىز يولغا قويغان ياخشى قانۇن-سىياسەت ، بىز شىيئە مەزھەب مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى پائالىيەت سورۇنىمىزنى قايتىدىن ياساشقا ۋە ئۆزىمىزنىڭ دىنى-ئىتىقاد ، ئۆرۈپ-ئادەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ مىڭىشىمىزغا يول ئىچىپ بەردى . شۇندىن باشلاپ ھازىرغىچە بىز شىيئە مەزھەب مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ دىنى-ئىتىقاد ۋە ئۆرۈپ-ئادەت مۇراسىملىرىمىز دۆلىتىمىز يولغا قويغان ئادىل قانۇن-سىياسەتنىڭ ھىمايىسىدە داۋاملىشىپ كەلگەن . نەتىجىدە شىيئە مەزھەب مۇسۇلمانلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ كىلىۋاتقانلار دۆلەت ئىچى ۋە سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچى ، تىجارەتچى ، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوست-بۇرادەرلەرگە شۇنداقلا ئىتىقادچى ئاممىغا تۈرلۈك دىنى پائالىيەت مۇراسىملىرىدا دۆلىتىمىزنىڭ تۈرلۈك قانۇن-سىياسەتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلقىنى ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ۋە جەمىيەت ئامانلىقىنى قوغداش توغىرسىدا ۋەز-نەسھەت قىلىپ ، مۇقىم ۋە تىنىچ-ئامان بولغان ۋەزىيەتنى بىرلىكتە قوغداشقا يىتەكلەپ كەلگەن ۋە يىتەكلەپ كەلمەكتە .
 

شىيئە مەزھەب توغىرسىدا بىر ئاز تەپسىلى چۈشەن

‹‹ شيئە ›› دىگەن سۆز ئەسلىدە ئەرەپچە سۆز بولۇپ، لوغەتتە : جامائەت، ئەگەشكۈچى ۋە ياردەمچى دىگەن مەنىلىرى بار . شۇنىڭغا ئاساسەن ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىلىرىدە ھەركىمنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى شۇنىڭ شيئەلىرى دەپ ئاتىلاتتى ، مەسىلەن: ھەزرىتى ئىمام ئەلى (ئەلەيھىسسالام) نىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئەلىنىڭ شيئەلىرى ۋە ئوسماننىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ، ئوسماننىڭ شيئەلىرى دىيىلەتتى . ئەبۇ ھاتەم ئەررازى ئۆزىنىڭ ‹‹ ئەززىنە ›› دىگەن كىتابىدا: ‹‹ شيئە ›› دىگەن سۆز - ئەبۇزەر، سەلمان، مىقداد ۋە ئەممار ئىبنى ياسىر (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم) قاتارلىقلارنىڭ لەقىمى ئىدى، دەيدۇ.
ئەمما مەزھەب ئىستىلاھىدا : پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) ئۆزىنىڭ ھايات ۋاختىدا ئىمام ئەلى (ئەلەيھىسسالام) نى ئۆزىدىن كېيىن خەلىپە ۋە ئىمام بولۇشقا ۋەسىيەت قىلغانلىق توغىرسىدىكى مەنبەلەرگە ئاساسەن ، ئەلى (ئەلەيھىسسالام) نى مۇسۇلمانلارنىڭ بىرىنچى خەلىپىسى ۋە ئىمامى دەپ ئېتىقات قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر شيئە دىيىلىدۇ.



شيئە مەزھىبىنىڭ  پەيدا بولۇش تارىخى :
شيئە مەزھىبىنىڭ پەيدا بولۇش تارىخى ھەققىدە بەزى ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار بار ، بەزى ئالىملار : شيئەلەر پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) ۋاپات بولۇپ، مۇسۇلمانلار بەنى سائىدە قوروسىدا ئەبۇ بەكرگە بەيئەت قىلغاندىن كىيىن پەيدا بولغان دەپ قارايدۇ ۋە بەزى ئالىملار ئوسمان شەھىيد بولغاندىن كېيىن پەيدا بولغان دېسە يەنە بىر قىسىم ئالىملار جەمەل ئۇرۇشىدىن كېيىن پەيدا بولغان دەپ قارايدۇ . ئەمما شيئە ئالىملىرىمىز يۇقارقى كۆز قاراشلارنى پۈتۈنلەي رەت قىلىپ، بىزنىڭ شيئە مەزھىبىنىڭ ھازىرقىدەك بىر مۇستەقىل مەزھەب بولۇپ شەكىللىنىشىدە ، پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) ئۆزى ھايات ۋاقتىدا بىر قانچە قېتىم تىلغا ئېلىش ئارقىلىق ئەلى (ئەلەيھىسسالام) نىڭ يېقىن كىشىلىرىنى شيئە دەپ ئاتاپ ، ئۇلارنىڭ نىجات تاپىدىغان مەزھەب ئىكەنلىكى توغىرسىدا كۆپلىگەن ھەدىس مۇبارەكلىرىنى بايان قىلغان بولۇپ ، تۆۋەندە شۇ توغۇرلۇق مۇنۇ ھەدىسنى ئۇنىڭ دەلىلى ئۈنۋانىدا بايان قىلىشنى كۇپايە دەپ بىلىمىز :
ئىبنى ئەساكىر جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ : بىز پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ قېشىدا ئىدۇق، ئۇ يەرگە ئەلى (ئەلەيھىسسالام) يېتىپ كەلدى. ئاندىن پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) ئۇنىڭغا ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ : « ئاللاھ بىلەن قەسەمكى بۇ ۋە بۇنىڭ ئەگەشكۇچىلىرى قىيامەت كۈنى نىجات تاپقۇچىلاردۇر » دىدى، ئاندىن بۇ ئايەت نازىل بولدى : ﴿ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئەنە شۇلار مەخلۇقاتلارنىڭ ياخشىسىدۇر ﴾ (سۈرە بەييىنە 7-ئايەت) شۇنىڭدىن كىيىن ئەلى (ئەلەيھىسسالام) ساھابىلارنىڭ قېشىغا كەلسە ئۇلار : مەخلۇقاتلارنىڭ ياخشىسى كەلدى ، دەيتتى①.
شيئە مەزھەب مۇسۇلمانلىرنىڭ كۆز قارىشىدىكى ئەلى (ئەلەيھىسسالام) نىڭ بىرىنچى ئىمام ۋە بىرىنچى خەلىپە ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرىنىڭ بەزىلىرى :
    بىز شيئە مەزھەب مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىتقادىدا تۆۋەندىكى بىرقانچە ھەدىسنىڭ ھۆكىمى ئىمام ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب (ئەلەيھىسسالام) نىڭ بىرىنجى ئىمام ۋە بىرىنجى خەلىپە ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى دەپ قارىلىدۇ. 1) پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ : « مېنىڭ قېرىندىشىم، ۋەسىيەت قىلىنغۇچۇم ۋە سېلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى ئىز باسارىم » دىگەن سۆزىنى
ئەلى (ئەلەيھىسسالام) رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ : پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) غا ﴿ يېقىن ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭنى ئاگاھلاندۇرغىن . (سۈرە شۇئەرا 214-ئايەت) ﴾ دىگەن ئايەت نازىل بولغاندا مېنى چاقىرىپ : « ئى ئەلى ! ئاللاھ-تائالا ماڭا خىش-ئەقرىبالىرىمنى ئاگاھلاندۇرۇشنى بۇيرىدى، سەن بىز ئۈچۈن تائام تەييارلاپ ئابدۇلمۇتەللىپ پەرزەنتلىرىنى يىغىپ بەرگىن، مەن ئۇلارغا گەپ قىلىپ ئاللاھ بۇيرىغان سۆزنى يەتكۈزەي » دېدى ، مەن ئۇلارنى پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) ئۈچۈن يىغدىم، ئۇلار شۇ كۈنى تەخمىنەن 40 ئادەم ئىدى. تائامدىن كېيىن پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) گەپ قىلىشقا تەمشەلگەندە، ئەبۇ لەھەب سۆزگە رەددىيە بېرىپ سورۇننى بۇزۇپ ھەممەيلەن تارقاپ كەتتى. ئىككىنجى كۈنى يەنە يىغدىم، ئاندىن پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) : « ئى ئابدۇلمۇتەللىپ پەرزەنتلىرى ! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ئەرەپلەر ئىچىدە مەندىنمۇ ئۆز قەۋمىگە ياخشىراق نەرسىنى ئېلىپ كەلگەن بىر كىشىنى بىلمەيمەن ، مەن سېلەرگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىنى ئېلىپ كەلدىم، ئاللاھ-تائالا مېنى سېلەرنى شۇنىڭغا چاقىرىشقا بۇيرىدى. سېلەرنىڭ قايسىڭلار مېنىڭ بۇ ئىشىمغا ياردەم قىلىسىلەر؟ (كىمكى ماڭا ياردەم قىلسا) ئۇ كىشى مېنىڭ قېرىندىشىم ، ۋەسىيەت قىلىنغۇچۇم ۋە سېلەرنىڭ ئىچىڭلاردا مېنىڭ ئىز باسارىم ، (مەندىن كىيىن) خەلىپە  بولىدۇ » دېدى. قەۋملەرنىڭ ھەممىسى شۈك تۇردى. ئاندىن مەن : مەن ئۇلارنىڭ ياش جەھەتتە كىچىكراقى ئىدىم، مەن سېلىگە ياردەمچى بولاي دېسەم، پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) مۈرەمنى تۇتۇپ تۇرۇپ: « بۇ چوقۇم مېنىڭ قېرىندىشىم ، ۋەسىيەت قىلىنغۇچۇم ۋە سېلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى مېنىڭ ئىز باسارىم بولىدۇ » دېدى. ئاندىن قەۋملەر كۈلۈشكەن ھالدا ھەزرىتى ئەبۇ تالىبقا : سېنى ئۆز ئوغلۇڭغا بويسۇنۇشقا بۇيرىدى، دېيىشتى①.
2) پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ مۇھاجىرلار بىلەن ئەنسارلار ئوتتۇرسىدا ئۆز-ئارا قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان چاغدا پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) ۋە ئىمام ئەلى (ئەلەيھىسسالام) ھەر ئىككىلىسى مۇھاجىر تۇرۇقلۇق ، ئەلى (ئەلەيھىسسالام) نى ئۆزىگە قېرىنداش قىلغان . مانا بۇ پەزىلەت ئەلى (ئەلەيھىسسالام) نىڭ ئەڭ ئەۋزەللىكى بولۇپ ، پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) دىن كېيىنكى بىرىنجى ئىمام ۋە خەلىپە ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم دەلىللىرىدىن بىرىدۇر.
3) پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) ھىجرەت قىلغان چاغدا ، ئىمام ئەلى (ئەلەيھىسسالام) پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ ئورنىدا ئۇخلاپ تۇرۇپ، پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ ئامانەتلىرىنى ئادا قىلىپ، قەرزلىرىنى تۆلەپ ئارقىدىن ھىجرەت قىلىپ بارغانلىقى ئىمام ئەلى (ئەلەيھىسسالام) نىڭ رەسۇلۇللاھدىن كېيىنكى بىرىنجى ئىمام ۋە خەلىپە ئىكەنلىكىگە دەلىلدۇر .
4) پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) ئەلى (ئەلەيھىسسالام)نى ھىجرەتنىڭ 9-يىلى سۈرە بەرائەتنى ئەبۇ بەكردىن ئېلىپ ھەج مەۋسۈمىدە ئېلان قىلىش ئۈچۈن مەككىگە ئەۋەتكەنلىكى ، ئۇنىڭ بىرىنچى ئىماملىق ۋە خەلىپىلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. ئۇنىڭ جەريانى مۇنداق :
ئىبنى ئابباس (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) مۇنداق دەيدۇ : پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) سۈرە بەرائەتنى ئەبۇ بەكردىن ئەۋەتتى، ئاندىن ئەلى (ئەلەيھىسسالام) نى ئەۋەتىپ، سۈرە بەرائەتنى ئەبۇ بەكردىن ئېلىشنى بۇيرىدى، ئاندىن ئەبۇ بەكرى كېلىپ : ئى رەسۇلۇللاھ ! مېنىڭ ھەققىمدە بىر نەرسە نازىل بولدىمۇ؟ دەپ سورىغاندا پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) جاۋاپ بېرىپ : مەندىن مېنىڭ غەيرىم ئادا قىلالمايدۇ پەقەت مەن ياكى مېنىڭ ئەھلى بەيتىمدىن بىر كىشى ئادا قىلالايدۇ، دېدى①.
5) ئەلى (ئەلەيھىسسالام) نىڭ جەڭلەردىكى باتۇرلىقى ناھايتى مەشھۇردۇر، ئوھۇد جېڭىدە پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ يېنىدا پەقەت ئەلى (ئەلەيھىسسالام) يالغۇز قېلىپ كۆپلىگەن مۇشرىكلارنى ئۆلتۈرگەن شۇ ۋاقىتتا جىبرئىىيل (ئەلەيھىسسالام) پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) گە مانا بۇ ھەقىقى ياردەم قىلغانلىق  دىگەندە رەسۇلۇللاھ : « ئۇ مەندىن ۋە مەن ئۇنىڭدىن » دېدى ۋە جىبرىئىيل (ئەلەيھىسسالام) مۇ : مەنمۇ سېلەردىن دېدى. شۇ ۋاقتىدا ( زۇلپىقاردىن باشقا قىلىچ يوق، ئەلىدىن باشقا يىگىت يوق) دىگەن ئاۋاز ئاڭلانغان① مانا بۇ جەرياندىكى ئىمام   ئەلى (ئەلەيھىسسالام) ھەققىدە بيان قىلىنغان بارچە پەزىلەتلەر - ئۇنىڭ بىرىنجى ئىمام ۋە خەلىپە ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر .
6) پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) خەيبەر جېڭىدا ئەلى (ئەلەيھىسسالام) غا ئۇرۇش بايرىقىنى بەرگەنلىكىمۇ ئەلى (ئەلەيھىسسالام) نىڭ بىرىنچى ئىمام ۋە خەلىپە ئىكەنلىكىنىڭ بىردىن بىر دەلىلىدۇر .
ئەبى ھازىم سەھل ئبن سەئد (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دىن مۇنداق ھەدىس بايان قىلدى : پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) خەيبەر كۈنى مۇنداق دىدى : « بۇ جەڭ بايرىقىنى ئەتە بىر كىشىگە بىرىمەنكى ئاللاھ ئۇنىڭ ۋاستىسى بىلەن غەلبە ئاتا قىلىدۇ، ئۇ كىشى ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى ياخشى كۆرۈدۇ، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىمۇ ئۇ كىشىنى ياخشى كۆرۈدۇ ». كىشىلەر بۇ كېچىنى، ئۇ بايراقنىڭ ئەتە كىمگە بىرىلدىغانلىقىنى تىزراق بىلىشكە ئىنتىزار بولۇپ ئۆتكۈزدى. ئەتىسى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بايراقنىڭ ئۆزىگە بېرىلىشىنى ئۈمۈت قىلىپ پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ قېشىغا سەھەردە يېتىپ كەلدى، ئاندىن پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) : ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ قېنى؟ دەپ سورىغاندا، ئۇلار : ئۇنىڭ كۆزى ئاغرىپ قاپتۇ دېدى، ئاندىن پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) ئەلى (ئەلەيھىسسالام) غا ئەلچى ئەۋەتتى ۋە ئۇ دەرھال يېتىپ كەلدى، پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) ئۇنىڭ كۆزىگە تۈفلەپ، دۇئا قىلىپ قويدى، ئاندىن ئۇنىڭ كۆزى ھىچقانداق ئاغرىپ قالمىغاندەكلا تۇلۇق ساقايدى . ئاندىن پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) ئۇنىڭغا بايراقنى بەردى ۋە ئەلى (ئەلەيھىسسالام) : ئۇلار بىزگە ئوخشاش بولغانغا قەدەر ئۇرۇش قىلامدىم يا رەسۇلۇللاھ ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) : « ئۇلارنىڭ قېشىغا بارغانغا قەدەر تەمكىن ھالەتتە يول يۈرگىن، ئاندىن ئۇلارنى ئىسلامغا چاقىرىپ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئۇلارغا خەۋەر بەرگىن، چۈنكى سېنىڭ ۋاستەڭ ئارقىلىق ئاللاھنىڭ بىر كىشىنى ھىدايەت قىلىشى سېنىڭ قىزىل تۆگەڭ بولغىنىدىنمۇ سەن ئۈچۈن ياخشىدۇر »، دېدى①.
7) ئەلى (ئەلەيھىسسالام)نىڭ بىرىنجى ئىمام ئىكەنلىكىگە كەلتۈرۈلگەن دەلىلنىڭ يەنە بىرى بولسا - پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ  ئەھلى نەجران بىلەن مۇباھىلە قىلىشقا ئۆزىنىڭ قىزى فاتىمە زەھرا (سالامۇللاھى ئەلەيھا)نى، ئەلى (كەررەمەللاھۇ ۋەجھۇ)نى ۋە ئۇنىڭ ئككى ئوغلى ئىمام ھەسەن ۋە ئىمام ھۇسەين (ئەلەيھىسسالام) لارنى بىللە ئېلىپ چىققانلىقىدۇر، بۇنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە :
﴿ سەن ئەيسا (ئەلەيھىسسالام) توغرىلىق ھەقىقى مەلۇماتقا ئىگە بولغىنىڭدىن كېيىن، كىملەركى سەن بىلەن مۇنازىرلەشسە ، سەن ئۇلارغا «كېلىڭلار، ئوغۇللىرىمىزنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى، ئاياللىرىمىزنى ۋە ئاياللىرىڭلارنى، ئۆزلىرىمىزنى ۋە ئۆزلىرىڭلارنى يىغىپ ئاللاھنىڭ لەنىتى يالغانچىلارغا بولسۇن - دەپ ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلايلى » دېگىن . (سۈرە ئالى ئىمران 61-ئايەت ) ﴾  دىگەن بۇ ئايەت نازىل بولغان چاغدا پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نەجران يەھۇدىيلىرىنىڭ رەئىسى بىلەن مۇباھىلە قىلىشنى ۋەدىلىشىپ، ئەتىسى پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) ئەلى (كەررەمەللاھۇ ۋەجھۇ)، ئىمام ھەسەن ۋە ئىمام ھۈسەيىن (ئەلەيھىسسالام)  ۋە فاتىمە (سالامۇللاھى ئەلەيھا) لارنى ئېلىپ كەلدى، بۇنى كۆرگەن ئەبۇ ھارىسە (نەجراننىڭ رەئىسى) مۇباھىلە قىلىشتىن قورقۇپ قايتىپ كەتتى①.
8) پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ ۋىدالىشىش ھەجىدىن كېيىن ئەلى (ئەلەيھىسسالام) نى ئۆزىدىن كېيىن خەلىپە بولۇشقا تەيىنلىگەنلىكى توغىرسىدىكى بۇ ھەدىس ئۇنىڭ يەنە بىر دەلىلىدۇر :
سەلىيم ئىبنى قەيس ئېيتىدۇكى: مەن ئەبۇ سەئىدىل خۇدرى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم : پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) كىشىلەرنى «غەدىير خۇم» دىگەن جايغا چاقىردى، ئاندىن دەرەخنىڭ تۈۋىدىكى تىكەنلەرنى يولۇپ تاشلاشقا بۇيرىدى ۋە يولۇپ تاشلاندى، ئۇ پەيشەنبە كۈنى ئىدى، كىشىلەرنى شۇ دەرەخنىڭ تۈۋىگە چاقىردى ۋە ئەلى (ئەلەيھىسسالام) نىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ ئۈستۈن كۆتۈردى ھەتتاكى مەن ئۇنىڭ قولتۇقىنىڭ ئاقلىقىنى كۆردۈم. ئاندىن پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) مۇنداق دېدى: « مەن كىمنىڭ خوجايىنى بولسام، ئەلى ئۇ كىشىنىڭ خوجايىنىدۇر، ئى ئاللاھ ! ئەلى (ئەلەيھىسسالام) نى ياخشى كۆرگەن كىشىنى ياخشى كۆرگىن ۋە ئەلى (ئەلەيھىسسالام) نى دۈشمەن تۇتقان كىشىنى دۈشمەن تۇتقىن، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن كىشىگە ياردەم بەرگىن ۋە ئۇنى خارلىغان كىشىنى خار قىلىغىن». ئەبۇ سەئىدىل خۇدرى مۇنداق دەيدۇ: شۇنىڭدىن كېيىنلا: ﴿... بۈگۈن سېلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم ...  ﴾ (سۈرە مائىدە 3-ئايەت) نازىل بولدى، ئاندىن پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) : « ئاللاھ-تائالا ناھايتى چوڭ ۋە بۈيۈكتۇركى دىننى كامىل قىلدى، نىئمەتنى تۇلۇقلىدى ھەمدە مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمگە ۋە مەندىن كېيىن ئەلى (ئەلەيھىسسالام) نىڭ ۋىلايىتىگە رازى بولدى» دېدى.①
شيئە مەزھەب ئالىملىرىمىز بۇ ھەدىسكە ھەممىدىن بەك ئەھمىيەت بىرىپ، بۇ ھەدىسنىڭ سەھىلىكى، مەنىسى، ئورنى، ۋاختى ۋە باشقا ئالىملارنىڭ كۆز قارىشى توغرىسىدا مىڭلىغان كىتاپ ۋە ماقالىلەرنى بېسىپ تارقاتتى ھەمدە ھەرخىل مۇنازىرە ۋە ئىلمى تەتقىقاتلارنى ئېلىپ باردى ۋە ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.
9) مۇھەددىسلار ۋە تارىخشۇناسلار مۇنداق بايان قىلدى: پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) مۇسۇلمانلار بىلەن تەبۇك غازىتىغا چىققاندا ئەلى (كەررەمەللاھۇ ۋەجھۇ) : مەنمۇ چىقامدىم؟ دەپ سورىدى، پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) ياق دەپ جاۋاپ بەردى . ئەلى (كەررەمەللاھۇ ۋەجھۇ) يىغلىدى، ئاندىن پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) ئۇنىڭغا مۇنداق دىدى : « سەن ماڭا نىسبەتەن ھارۇننىڭ مۇسا (ئەلەيھىسسالام) غا بولغان ئورنىدا بولۇشقا رازى بولمامسەن، لېكىن مەندىن كىيىن پەيغەمبەرلىك يوقتۇر، سەن مېنىڭ ئىزباسارىم بولماي تۇرۇپ، مېنىڭ كېتىپ قېلىشىم لايىق ئەمەستۇر »②.
بىز شيئە مەزھەب مۇسۇلمانلىرى يۇقارقى ھەدىسنىمۇ پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ ئەلى (ئەلەيھىسسالام) نى ئۆزىدىن كېيىن خەلىپە قىلىپ بەلگىلىگەنلىكى دەپ ئېتىقاد قىلىمىز .
10) پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) ئۆز ۋاپاتىدىن ئىلگىرى ئۇسامە ئىبنى زەيدنى قوشۇن باشلىقى قىلىپ رۇملۇقلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن شامغا يولغا سالغاندا شۇ قۇشۇن ئىچىدە ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەر قاتارلىقلار بار ئىدى. ئەلى (ئەلەيھىسسالام) نى ئۆز قېشىدا ئېلىپ قالغان . بۇمۇ ئەلى (ئەلەيھىسسالام) نىڭ بىرىنچى ئىمام ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر .
11) پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) سەكىراتقا چۈشۈپ قالغان چاغدا : ماڭا قەغەز-قەلەم ئېلىپ كېلىڭلار، مەن بىر ۋەسىيەتنامە يېزىپ بېرەي، مەندىن كېيىن ئازمايسىلەر  دېگەن چاغدا تالاش-تارتىش بولدى ، ئاندىن پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) قاتتىق خاپا بولدى ۋە ۋەسىيەتنامە يېزىپ بەرمىدى . بۇ ئەھۋال ئەلى (ئەلەيھىسسالام) نىڭ بىرىنجى ئىماملىقىنىڭ دەلىلى دەپ قارىلىدۇ.
12) پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) مەسچىتكە كىرىدىغان ئىشىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى تاقاپ، پەقەت ئەلى (ئەلەيھىسسالام) نىڭ ئىشىكىنى ئوچۇق قويۇشقا بۇيرىغان ، ھەمدە ئۆزىنىڭ قىزى فاتىمە (سالامۇللاھى ئەلەيھا) نى ئەبۇ بەكر ۋە ئۆمەر قاتارلىق ساھابىلەرگە بەرمەي پەقەت ئەلى (ئەلەيھىسسالام) غا لايىق كۆرۈپ تويلاپ قويغان بولۇپ ، ئەلى (ئەلەيھىسسالام) ھەققىدىكى بۇ ئالاھىدىلىك ئۇنىڭ ئۇلاردىن ئارتۇقچىلىقى بولۇپ ، بۇ ئەھۋالنىمۇ ئۇنىڭ بىرىنجى ئىمام ۋە خەلىپە ئىكەنلىكىنىڭ بىردىن بىر مۇھىم دەلىلى ھىسابلىنىدۇ
بۇ ھەقتە كەلتۈرۈلگەن دەلىللەر ناھايتى كۆپ بولۇپ، ماقالىنىڭ ئۇزىراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن پەقەت ئۇنىڭ ئەھلى سۈننەت ئالىملىرى ئېتىراپ قىلىدىغانلىرىنى ۋە مەشھۇرراقلىرىنى ھۇزۇرۇڭلارغا تەقدىم قىلدۇق.
ھازىر دۇنيادا شيئە مەزھەب مۇسۇلمانلىرىنىڭ سانى تەخمىنەن 200 مىليۇندىن 300 مىليۇنغىچە بولۇپ بارلىق مۇسۇلمانلار سانىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگەللەيدۇ. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى شيئە مەزھەب مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىچىدىكى شيئە ئىمامىيە (ئون ئىككى ئىماملىق) مەزھىبىدۇر①

شيئە ئىمامىيە (ئون ئككى ئىمام) مەزھىبى

 شيئە ئىمامىيە (12 ئىمام مەزھىبى) سۈننى مەزھىبىدىن كىيىنلا دۇنيادىكى ئەگەشكۈچىلىرى ئەڭ كۆپ ئىسلام دىندىكى بىر مەزھەب بولۇپ ، بۇلار پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) دىن كېيىن 12 ئىمامنى ۋەسىيەت قىلىنغان شەرئى ئىمام دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ‹‹ ئىسنا ئەشەرىيە ›› يەنى - (ئون ئىككى ئىمام مەزھىبى) دىيلىدۇ ۋە ئىمام جەئفىر سادىق (ئەلەيھىسسالام) شيئە ئىمامىيەلەرنىڭ 6-ئىمامى ۋە پىقھى جەھەتتە ناھايتى زور كۈچ چىقىرىپ بۇ مەزھەبنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ رەسمى بىر مەزھەب قىلىپ قۇرۇپ چىققانلىقى ئۈچۈن ئۇ ھەزرەتنىڭ ئىسمى بىلەن (مەزھىبى جەئفىرىيە) دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
‹‹ ئىمام ›› دىگەن سۆز شيئە مەزھەب مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۆز قارىشىدا مەسچىتنىڭ ئىمامىنى نەزەردە تۇتماستىن بەلكى ‹‹ مۇسۇلمانلارنىڭ شەرئى جەھەتتىكى باش خەلىپىسى ›› دىگەن مەنىنى ئۇختۇرىدۇ .


ئون ئىككى ئىمام ۋە 14 مەئسۇمنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىچە:

بىز شيئە مەزھەب مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىتىقادىدا ھەزرىتى ئىمام ئەلى (ئەلەيھىسسالام) دىن باشلانغان 12 ئىمامغا جانابى پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) ۋە قىزى فاتىمە زەھرا (سالامۇللاھى ئەلەيھا) بۇ ئىككى مەئسۇم كىشى قوشۇلۇپ جەمئى 14 نەپەر نەپەر كىشى  ‹‹ ئون تۆت مەئسۇم ›› دىيلىدۇ .  بۇ ‹‹ ئون تۆت مەئسۇم ›› ۋە 12 ئىمامنىڭ ئىسىملىرى ۋە ئەڭ قىسقىچە تەرجىمھالى تۆۋەندىكىچە :
1) بىرىنجى مەئسۇم - جانابى ھەزرەت خاتەمۇل ئەنبىيا مۇھەممەد (ئەلمۇستەفا) (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) : ئامۇل پىل (يەنى پىل ۋەقەسى) يىلى
(مىيلادىيە 570-يىلىغا توغرا كىلىدۇ)  مەككىدە ئەبۇ تالىبنىڭ ئۆيىدە تۇغۇلغان ، ھىجىريەنىڭ 11-يىلى مەدىنە مۇنەۋۋەردە ( بىر يەھۇدى ئايالنىڭ ئاستا خاراكتىرلىك زەھەرلەيدىغان زەھەر بىرىشى بىلەن) شەھىيد ھالەتتە دۇنيادىن يانغان ۋە شۇ مەدىنە مۇنەۋۋەردە دەپنە قىلىنغان .
2) ئۈچۈنجى مەئسۇم – ھەزرەت فاتىمە زەھرا (سەييىدى نىسائىل ئالەمىين) – يەنى دۇنيا ئاياللىرىنىڭ سەردارى ۋە پىيشۋاسى : مەبئەس ( يەنى- پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەمنىڭ پەيغەمبەرلىكى ئىلان قىلىنغان يىل ) نىڭ 5-يىلى ، جەمادىل ئاخىر ئىيىنىڭ 20-كۈنى تۇغۇلغان ۋە ھىجىريەنىڭ 11-يىلى جامدۇسسانى ئىيىنىڭ ئاخىرقى كۈنى مەدىنىدە 18 يىشىدا شەھىيد بولغان .
1- ئىككىنجى مەئسۇم ۋە بىرىنجى ئىمام - ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب (ئەلمۇرتەزا) : ھىجرەتتىن 23 يىل ئىلگىرى ئامۇل پىلنىڭ 30-يىلى (يەنى پىل ۋەقەسىنىڭ 30-يىلى) تۇغۇلغان بولۇپ ، ھىجرەتنىڭ 40-يىلى ئىراقنىڭ نەجەف شەھرىدە شەھىيد بولغان ۋە شۇ يەردە دەپنە قىلىنغان.
2- تۆتىنجى مەئسۇم ۋە ئىككىنجى ئىمام - ئىمام ھەسەن ئىبنى ئەلى (ئەلمۇجتەبا) : ھىجرەتنىڭ 3-يىلى توغۇلغان ۋە 50-يىلى شەھىيد بولۇپ، مەدىنىدىكى جەننەتۇل بەقىدا دەپنە قىلىنغان.
3- بەشىنجى مەئسۇم ۋە ئۈچۈنجى ئىمام - ئىمام ھۇسەيىن ئىبنى ئەلى (سەييىد ئەششۇھەدا) : ھىجرەتنىڭ 4-يىلى دۇنياغا كېلىپ 61-يىلى ئىراقنىڭ كەربالا دىگەن يېرىدە پاجىئەلىك ھالدا شەھىيد بولۇپ، مۇبارەك جەسىدى شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان ئەمما مۇبارەك بېشىنىڭ قەيەرگە دەپنە قىلىنغانلىقى ھەققىدە تارىخشۇناسلار ئوتتۇرسىدا ئىختىلاپ بار.
4- ئالتىنجى مەئسۇم ۋە تۆتىنجى ئىمام - ئىمام ئەلى ئىبنى ھۇسەيىن (زەينۇل ئابىدىين) : ھىجرەتنىڭ 38-يىلى دۇنياغا كەلگەن بولۇپ 94-يىلى شەھىيد بولغان ۋە مەدىنىدىكى جەننۇتۇل بەقىدا دەپنە قىلىنغان.
5- يەتتىنجى مەئسۇم ۋە بەشىنجى ئىمام - ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ئەلى (باقىرۇل ئۇلۇم) ھىجرەتنىڭ 57-يىلى دۇنياغا كېلىپ، 114-يىلى شەھىيد بولغان ۋە مەدىنىدىكى جەننەتۇل بەقىدا دەپنە قىلىنغان.
6- سەككىزىنجى مەئسۇم ۋە ئالتىنجى ئىمام - ئىمام جەئفىر ئىبنى مۇھەممەد (سادىق) : ھىجرەتنىڭ 83-يىلى دۇنياغا كەلگەن ۋە 148-يىلى شەھىيد بولۇپ، مەدىنىدىكى جەننەتۇل بەقىدا دەپنە قىلىنغان.
7- توققۇزىنجى مەئسۇم ۋە يەتتىنجى ئىمام - ئىمام مۇسا ئىبنى جەئفىر (كازىم) ؛ ھىجرەتنىڭ 127-يىلى دۇنياغا كەلگەن بولۇپ 183-يىلى شەھىيد بولغان ۋە ئىراقنىڭ كازىمىييە دىگەن يېرىدە دەپنە قىلىنغان.
8- ئونىنجى مەئسۇم ۋە سەككىزىنجى ئىمام - ئىمام ئەلى ئىبنى مۇسا (ئەررىزا) : ھىجرەتنىڭ 148-يىلى دۇنياغا كېلىپ، 203-يىلى شەھىيد بولغان ۋە ئىراننىڭ مەشھەد شەھرىدە دەپنە قىلىنغان.
9- ئون بىرىنجى مەئسۇم ۋە توققۇزىنجى ئىمام - ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ئەلى (ئەلجەۋاد) : ھىجرەتنىڭ 195-يىلى دۇنياغا كەلگەن بولۇپ 220-يىلى شەھىيد بولغان ۋە ئىراقنىڭ كازىمىييە دىگەن يېرىدە چوڭ دادىسىنڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان.
10- ئون ئىككىنجى مەئسۇم ۋە ئونىنجى ئىمام - ئىمام ئەلى ئىبنى مۇھەممەد (ئەلھادى) : ھىجرەتنىڭ 212-يىلى دۇنياغا كەلگەن ۋە 254-يىلى شەھىيد بولۇپ، ئىراقنىڭ سامىررا دىگەن يېرىدە دەپنە قىلىنغان.
11- ئون ئۈچۈنجى مەئسۇم ۋە ئون بىرىنجى ئىمام -ئىمام ھەسەن ئىبنى ئەلى (ئەلئەسكەرى) : ھىجرەتنىڭ 233-يىلى دۇنياغا كېلىپ، 260-يىلى شەھىيد بولغان ۋە ئىراقنىڭ سامىررا دىگەن يېرىدە دەپنە قىلىنغان.
12- ئون تۆتىنجى مەئسۇم ۋە ئون ئىككىنجى ئىمام - ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن (ئەلمەھدى) : ھىجرەتنىڭ 255-يىلى ئىراقنىڭ سامىررا دىگەن يېرىدە نەرگىس ئىسىملىك ئايالدىن تۇغۇلۇپ 260-يىلى غايىپ بولغاندۇر.


ئىمامنىڭ ئون ئىككى ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرى :
 شيئە ئىمامىيە مەزھىبىدىكى ئالىملىرىمىز پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) دىن كىيىن 12 ئىمام كېلىدۇ ، ئۇلار يۇقاردا تىلغا ئېلىنغانلاردۇر دەپ ئېتىقاد ۋە ئۇسۇلغا تەۋە بولغان بۇ مۇھىم مەسىلە توغىرسىدا تۆۋەندىكى ھەدىسلەرنى دەلىل قىلىپ كەلتۈرگەن بولۇپ ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە دۇر :
جابىر ئىبنى سەمۇرە (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ : « ئىسلام دىنى 12 خەلىپىگىچىلىك ئەزىز ھالدا داۋاملىشىدۇ » . ئاندىن كېيىن پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) بىر سۆزنى دېدى ، مەن چۈشىنەلمەي دادامدىن سورىسام، دادام : پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم): « ئۇلارنىڭ ھەممىسى قۇرەيش قەبىلىسىدىن» دىگەن - دەپ جاۋاپ بەردى.①
ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دىن مۇنداق ھەدىس بايان قىلىندىكى: پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) دىن ئۇنىڭ خەلىپىلىرى ھەققىدە سورىغاندا، پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) مۇنداق دېگەن : « بەنى ئىسرائىلنىڭ باشلىقلىرى (نۇقەبا) نىڭ سانىدەك 12 خەلىپە بولىدۇ » دىگەن.②
شيئە ئىمامىيە مەزھىبىدىكى ئىسلام دىننىڭ ئاساسلىرى :
شيئە ئىمامىيە مەزھىبىنىڭ ئىسلام ئېتىقادىدىكى دىننىڭ ئاساسلىرى بەش تۈرلۈك بولۇپ، ئۇلار :
1.    (ئۇسۇلدىن) تەۋھىد
2.     ئەدل
3.     نەبۇۋۋەت
4.     ئىمامەت
5.     مەئاد (قىيامەت)
- دىن ئىبارەت بولۇپ ، بۇلارنىڭ ئىچىدىن ‹‹ ئىمامەت ›› دىگەن ئاساس شيئە ئىمامىيە مەزھىبىنى باشقا مەزھەبلەردىن پەرىقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ .
شيئە ئىمامىيە مەزھىبىنىڭ خاس ئەقىدىلىرى :
 شيئە ئىمامىيە مەزھىبىنىڭ باشقا مەزھەبلەردىن ئالاھىدە پەرىقلىنىدىغان ئۆزىگە خاس ئەقىدىلىرى بار بولۇپ ، تۆۋەندە ئۇلارنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز. 
1- ئىمامەت :
‹‹ ئىمامەت ››-شيئە ئىمامىيەلەر يەنى - (شيئە مەزھەب مۇسۇلمانلار) نىڭ ئېتىقادىدا  يۇقاردا تىلغا ئالغاندەك بەش تۈرلۈك ئۇسۇل دىننىڭ بىرى بولۇپ ،  شيئە ئىمامىيە مەزھىبى مۇشۇ ئىمامەت ئېتىقادى بىلەن باشقا مەزھەبلەردىن ئۇسۇل جەھەتتە پەرىقلىنىدۇ.
 شيئە ئىمامىيە مەزھىبىدىكى ئالىملىرىمىز : ھەر قانداق زاماندا ئىمام بولۇش ۋاجىپتۇر، چۈنكى زىمىن ئاللاھنىڭ ھۆججىتىدىن خالى بولمايدۇ ① - دەپ مۇھىم ئىتىقاد ۋە ئۇسۇلنى ئىشەنچىلىك مەنبەلەرگە ئاساسەن بايان قىلغان  .
ئىمامەت- بىز شيئە مەزھەب مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۆز قارشىمىزدا : دىنى ۋە دۇنيالىق جەھەتتە ئومۇمى يېتەكچىلىك قىلىش ئورنى بولۇپ، ئۇنى ئاللاھ ئۆزى خالىغان كىشىگە ئۆز پەيغەمبىرى ئارقىلىق ۋەسىيەت قىلىدۇ ۋە ھەر بىر ئىمام ئۆزىدىن ئىلگىركى ئىمامنىڭ ۋەسىيتى ئارقىلىق ئىماملىققا ئېرىشىدۇ ھەمدە ئىلگىركى ئىمام ئۆزى خالىغان كىشىگە ۋەسىيەت قىلماستىن ئاللاھ بەلگىلىگەن كىشىگە ۋەسىيەت قىلىدۇ - دەپ ئېتىقات قىلىپ، بۇ ھەقتە ئىمام جەئفىر سادىق (ئەلەيھىسسالام) نىڭ تۆۋەندىكى سۆزىگە ئاساسلىنىمىز : « ۋەسىيەت قىلغۇچى ئۆزى خالىغان كىشىگە ۋەسىيەت قىلىدۇ دەپ ئويلامسىلەر؟ ئۇنداق ئەمەس، لېكىن ئۇ ئاللاھ-تائالانىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ كىشىلەرگە بولغان ۋەدىسىدۇر ھەتتاكى ئىش ئۆز ئىگىسىگە يېتىپ بارىدۇ»① 
  شيئە ئىمامىيەلەرنىڭ كۆز قارىشىمىزدا : ئىمامەت بولسا-ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە يول-يورۇق كۆرسىتىش ۋە پەيغەمبەرنىڭ ئورنىدا زېمىندا ھۆججەت تۇرغۇزۇش جەھەتلەردە پەيغەمبەرلىككە ئوخشايدۇ ، ئەمما ئاللاھنىڭ ۋەھىيسىنى تاپشۇرۋېلىش جەھەتتە پەيغەمبەرلىككە ئوخشىمايدۇ ، ھەمدە ئۇلار ئىماملىق پەقەت ھۈسەيننىڭ پەرزەنتلىرى ئىچىدە بولىدۇ . دادىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن بالىسى ئىمامەتچىلىككە ئېرىشىدۇ . ئىمامەتچىلىك ئىمام ھەسەن ۋە ئىمام ھۈسەين (ئەلەيھىسسالام) دىن كېيىن بىر تۇققانلارنىڭ ئىچىدە ئاكا-ئېنىگە ياكى تاغىسىغا يۆتكەلمەيدۇ② ۋە بىر ۋاقىتتا ئىككى ئىمام بولىشى مۇمكىن ئەمەس - دەپ ئېتىقاد قىلىمىز.
ئەسكەرتىشكە بولىدۇكى ، بىز شيئە ئىمامىيەلەرنىڭ شەرئى ئىتىقادىدا : ئەۋزەل بار يەردە ئەۋزەل ئەمەس كىشىنىڭ ئىمام بولىشىنى توغرا دەپ بىلمەيمىز .
شيئە ئىمامىيە مەزھىبىدىكى ئىماملىقنىڭ شەرتلىرى:
(1)- ئىمام تەقۋا، زاھىد ۋە ھۇشيار بولىشى كېرەك.
(2)- ئىمام ھەممىدىن بىلىملىك بۇلىشى كېرەك.
(3)- ئىمام گۇناھتىن پاك (مەئسۇم) بولىشى كېرەك.
(4)- ئىمام ئەخلاقى جەھەتتە جەلىپ قىلارلىق بولىشى كېرەك.
(5)- ئىمام باتۇر بولىشى كېرەك①.
بەزى كىتاپلاردا – ئىمام ، ئاللاھ-تائالا تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن بولىشى كېرەك - دەپ تىلغا ئېلىنغان.
شيئە ئىمامىيە مەزھىبىدىكى ئىمامنىڭ ۋەزىپىلىرى

بىز شيئە مەزھەب مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتىقادىمىزدىكى ئىماملارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىلىرى بولسا :
ئادالەت تۇرغۇزۇش ۋە ئادالەتنى ياقىلاش ، ھەددىدىن ئاشقانلارغا رەددىيە بېرىش ، زالىملارنى قۇمۇرۇپ تاشلاش، مەزلۇملارنىڭ ھەققىنى زالىملاردىن ئېلىپ بېرىش ياكى قوغداش، شەرىئەتنى ساقلاش، مۇسۇلمانلارغا يېتەكچى بولۇش، شەرىئەتنى تىرگۈزۈش، بۇزۇقچىلىقنى يوقۇتۇش، پىتنىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ تائىتىگە تەرغىپ قىلىش ، گۇناھلاردىن چەكلەش، ئاللاھنىڭ بەلگىلىگەن جازاسىنى ئىجرا قىلىش، پەرىزلەرنى ئىجرا قىلىش، پاسىقلاردىن ھېساپ ئېلىش، ئەگەر جازاغا لايىق بولسا شاللاق (تەئزير) ئۇرۇش قاتارلىقلاردۇر.


شيئە ئىمامىيە مەزھىبىدىكى ئىماملارنىڭ بىلىمى
شيئە ئىمامىيە مەزھىبىدىكى ئىماملىقنىڭ بىر شەرتى :  ئىمامنىڭ ھەممىدىن بىلىملىك بولۇش ئىكەنلىكىنى يۇقاردا بايان قىلغان ئىدۇق، ئەمدى بۇ بىلىمنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى تۆۋەندە قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمىز:
شيئە ئىمامىيە ئالىملىرىمىز ، ئىماملارنىڭ بىلىم مەنبەسى ھەققىدە - : ئىماملارنىڭ بىلىمى گەرچە ئىسنادسىز بايان قىلىنسىمۇ پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) دىن ئۈگەنگەن بىلىملاردۇر، ئۇلار ھىچ-ۋاقىت ئۆز رەئيى بويىچە سۆزلىمەستىن پەقەت چوڭ دادىلىرى ئارقىلىق پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) دىن ھەدىس بايان قىلىدۇ – دىگەن ئىتىقاد مەسىلىسىدە ئىمام ئەلى (ئەلەيھىسسالام) نىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسىنى ئاساسلىق قىلىپ بايان قىلغان : ئىمام ئەلى (ئەلەيھىسسالام) : « پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) ماڭا مىڭ باپ ئىلىم ئۈگەتكەن، ھەربىر باپتىن مىڭ باپ شاخلاپ چىقىدۇ ... »①
بىز شيئە مەزھەب مۇسۇلمانلىرى ، ئىماملار - پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) دىن ۋاستىلىك ياكى ۋاستىسىز ئاڭلىغىنىغا چەكلەنمەستىن ، خىزىر (ئەلەيھىسسالام) ، زۇلقەرنەيىن ، ھەزرەت مەريەم (ئەلەيھەسسالام) ۋە مۇسا (ئەلەيھىسسالام) نىڭ ئانىسى قاتارلىقلار ئىلھام قىلىنغاندەك ئىلھام دىن بەھرىمەن بولىدۇ دەپ قاراپ تۆۋەندىكىلەرنى دەلىل ئۇنۋانى بىلەن تونۇيمىز :
ھەسەن ئىبن يەھيا مەدائىنىدىن مۇنداق رىۋايەت قىلدى : ئىمام جەئفىر سادىق (ئەلەيھىسسالام) دىن : ئەگەر ئىمام سۇئال قىلىنسا قايسى بىلىم بىلەن جاۋاپ بېرىدۇ ؟ - دەپ سورىسام ، ئۇ مۇنداق جاۋاپ بەردى: « بەزىدە ئۇنىڭغا ئىلھام قىلىنىدۇ، بەزىدە ئۇ پەرىشتىدىن ئاڭلايدۇ ۋە بەزىدە ھەر ئىككىلىسى تەڭ »①.
يەنە شيئە ئىمامىيە مۇپەسسىرلىرىمىز : ﴿... ئېيتقىنكى « راستلىقىمغا سېلەر بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە ئاللاھنىڭ كىتابىنى بىلىدىغانلارنىڭ گۇۋاھلىقى يېتەرلىكتۇر » ﴾ (سۈرە رەئىد 143-ئايەت) تىكى «كىتاپنى بىلىدىغانلار» دىن مەقسەت : ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب (ئەلەيھىسسالام) ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىماملاردۇر، بەزى ئىماملار يېشى كىچىك ۋاقتىدا ئىماملىققا ئېرىشكەن بولۇپ، ھەممىگە ئالىم ئىدى ۋە باشقىلاردىن تەلىم ئېلىشقا مۇھتاج بولمىغان ئىدى، مانا بۇلار ئىماملارنىڭ ئىلھامدىن بەھرىمەن بولغانلىقى دىگەن ئېتىقادنى بايان قىلغان.


2- گۇناھسىزلىق (ئىسمەت):
بىز شيئە ئىمامىيە مەزھىبى بارلىق مەزھەبلەرنىڭ ئىچىدە ئىمامنىڭ گۇناھسىز ۋە خاتالىقتىن پاك بولۇشىنى ۋاجىپ دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان بىردىن-بىر مەزھەب بۇلۇپ ، ھالبۇكى باشقا مەزھەبتىكىلەر ئۇنى ۋاجىپ دەپ قارىماسلىقتا ئىتتىپاقتۇر ( يەنى - بىرلىككە كەلگەن )  .
يۇقاردا دىيىلگەندەك ئىماملىقنىڭ بىر شەرتى گۇناھسىز بولۇشتۇر، چۈنكى ئىمام پەيغەمبەرلىك ۋە ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرغۇچى دەپ ئېتقاد قىلغان ئىكەنمىز، ئۇ پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) ۋاپات بولغاندىن كىيىن ھاسىل بولغان مۇسۇلمانلارغا رەھبەرلىك قىلىش بوشلۇقىنى تولدۇرۇشقا تەكلىپ قىلىنغۇچىدۇر ، بۇ تەكلىپ گۇناھتىن پاك بولۇشسىز ھاسىل بولمايدۇ ۋە يەنە ئاللاھ-تائالا مۇسۇلمانلارنى ئاللاھقا ، ئۆز پەيغەمبىرىگە ۋە ئىش ئىگىلىرىگە ئىتائەت قىلىشقا بۇيرىدى، ئەگەر بۇ ئىش ئىگىلىرى (ئۇلار ئىماملاردۇر) گۇناھتىن پاك بولمىسا مۇسۇلمانلارنىڭ گۇناھكار كىشىگە ئىتائەت قىلىشى لازىم كېلىدۇ ، بۇ ئاللاھ-تائالانىڭ بۇيرىقىدا زىتلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋەھالەنكى ئاللاھنىڭ بۇيرىقىدا زىتلىقنىڭ پەيدا بولىشى ماھالدۇر ( يەنى -ئەسلا مۇمكىن بولمايدۇ ) .
ئەسكەرتىشكە تىگىشلىكى شۇكى : بىز شيئە مەزھەب مۇسۇلمانلارنىڭ كۆز قارىشىدا گۇناھسىزلىق بىلەن پەيغەمبەرلىك ئوتتۇرسىدا ھىچقانداق چېتىشلىق يوقتۇر، يەنى: ھەر قانداق پەيغەمبەر گۇناھسىز (مەئسۇم) دۇر، ئەمما بۇنىڭ ئەكسچە بولسا توغرا ئەمەستۇر① . بۇنىڭ مەنىسى : ھەر قانداق گۇناھسىز كىشى پەيغەمبەر دىگەنلىك ئەمەستۇر. بۇنىڭ دەلىلى شۇكى : مەريەم (ئەلەيھەسسالام) بارلىق ئىسلام مەزھەب ئالىملىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىدا پەيغەمبەر ئەمەستۇر، ئەمما تۆۋەندىكى ئايەتنىڭ دەلىلى بىلەن گۇناھسىزدۇر : ﴿ پەرىشتىلەر ئېيتتى : ئى مەريەم (ئەلەيھەسسالام) ! ئاللاھ ھەقىقەتەن سېنى تاللىدى، سېنى پاك قىلدى، سېنى پۈتۈن جاھان ئاياللىرىدىن ئارتۇق قىلدى ﴾ ( سۇرە ئال ئىمران 42-ئايەت)  . ئىماملارمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش پەيغەمبەر ئەمەستۇر، ئەمما تۆۋەندىكى ئايەتنىڭ دەلىلى بىلەن گۇناھسىزدۇر : ﴿... ئى پەيغەمبەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئاللاھ سىلەردىن گۇناھنى ساقىت قىلىشنى ۋە سىلەرنى تامامەن پاك قىلىشنى خالايدۇ ﴾ ( سۇرە ئەھزاپ 33-ئايەت )  
3- تەقىيە:
بىز شيئە ئىمامىيە مەزھىبىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئەقىدىمىز ‹‹ تەقىيە ›› دۇر.
‹‹ تەقىيە ›› دىگەن بۇ سۆز لۇغەتتە - ‹‹ ئالدىنى ئېلىش، ساقلىنىش ۋە ھەزەر قىلىش ›› دىگەن مەنىلەردە بولۇپ، دىنى ۋە دۇنيالىق جەھەتتە ئازاپ ياكى زىيان ئېلىپ كېلىدىغان شارائىتتا ھەقنى ۋە ئەقىدىنى يۇشۇرۇش ھەمدە قارشى تەرەپ بىلەن قارشىلىشىشنى تەرك ئېتىپ، ئۇلار بىلەن ۋاقىتلىق ماسلىشىشنى ‹‹ تەقىيە ›› دەپ قارايمىز .
-﴿ كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقاندىن كىيىن ئىمانىدىن يېنىۋالسا ، قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرسىمۇ مەجبۇرلاش ئاستىدا (ئاغزىدىلا) ئىماندىن يانغانلىقىنى بىلدۇرگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر ، (ئەگەر) كۇفرى بىلەن كۆڭلى ئازادە بولسا ئۇ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولىدۇ ۋە چوڭ ئازاپقا قالىدۇ ﴾  (سۇرە نەھل 106-ئايەت) دىگەن ئايەت بۇنىڭغا كۈچلۈك دەلىلدۇر .
بۇ ئايەتنىڭ چۈشۈش سەۋەبى مۇنداق : پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) ئىسلام تەشۋىقاتىنى باشلىغان دەسلەپتىكى دەۋرىلەردە مۇشرىكلار مۇسۇلمانلارنى ھەرخىل قىيىن-قىستاق بىلەن جازالايتتى ، بىر كۈنى بۇ ئەھۋال ئەممار ئىبن ياسىر (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) نىڭ بېشىغا كەلدى، مۇشرىكلار ئۇنىڭ دادىسى ۋە ئانىسىنى كۆز ئالدىدا ئۆلتۈرۋەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى : ئەگەر مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلمىساڭ ، سېنى ئوتقا تاشلاپ ئۆلتۈرىمىز. ئاندىن ئەممار (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) مەجبۇرى ھالدا ئۇلارنىڭ تەلىپىنى تىلىغا ئېلىپ قۇتۇلۇپ قالدى ۋە يىغلىغان ھالدا پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ قېشىغا كېلىپ ئەھۋالنى بايان قىلغاندا يۇقارقى ئايەت نازىل بولدى.
ھەمدە شيئە ئىمامىيە ئالىملىرىمىز ئىمام جەئفىر سادىق(ئەلەيھىسسالام) ئالتىنجى ئىمامنىڭ : « تەقىيە قىلىش مېنىڭ دىنىم ۋە مېنىڭ بوۋىلىرىمنىڭ دىنى »① ۋە «تەقىيە قىلمىغان ئادەمنىڭ دىنى يوق»② دىگەن سۆزىگە ئاساسلىنىپ تەقىيە قىلىش توغرا كەلگەن يەردە تەقىيە قىلماسلىقنى خاتا قاراش بىلەن بىرگە ، تەقىيەنىڭ ھۆكمى ئوخشىمىغان شارائىتلارغا قارىتا ئۆزگۈرۈپ تۇرىدىغان بولۇپ، بەزى ۋاقىتتا ۋاجىپ بولسا، ئىسلام، كەئبە، قۇرئان ۋە ئىسلام نىزامى قاتارلىق دىننىڭ شەرىئەت-ئەھكاملىرى خەتەرگە دۇچ كەلگەن ۋاقىتلاردا تەقىيە قىلىش ھارامدۇر–دىگەن ھۆكۈمنى بايان قىلغان .
بىز شيئە مەزھەبنىڭ كۆز قارىشىدا تەقىيە ئىككى تۈرلۈكتۇر:
1- ئۆزىنىڭ جېنى ياكى مېلى ياكى ئابرويىغا كاپىرنىڭ ياكى زىيان يەتكۈزىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تەقىيە قىلىش.
2- جانغا، مالغا ۋە ئابرويغا ھىچقانداق زىيان يېتىش ئېھتىمالى بولمىسىمۇ، باشقىلار بىلەن ئۆز-ئارا چىقىشىش ۋە ماسلىشىش ئۈچۈن تەقىيە قىلىشتۇر.
4- ئەھلى بەيت كىملەردۇر :
‹‹ ئەھلى بەيت ›› دىگەن بۇ ئاتالغۇ  بىز شيئە ئىمامىيەلەرگىلا خاس ئەقىدە بولماستىن بارلىق مەزھەبلەردە تونۇشلۇق بولغان بىر ئۇقۇم بولسىمۇ ، بىز شيئە ئىمامىيە مەزھىبىدە ‹‹ ئەھلى بەيت ›› دىگەن بۇ سۆزدىن خاس مۇئەييەن كىشىلەر مەخسەت قىلىنىدىغان بولغاچقا ، بىزنىڭ ئېتىقادىمىزدىكى ‹‹ ئەھلى بەيت ›› ھەققىدە ئازىراق چۈشەنچە بېرىشنى مۇناسىپ كۆردۇق.
‹‹ ئەھلى بەيت ›› دىگەن سۆز قۇرئاندا ۋە ھەدىستە بىرقانچە قېتىم تىلغا ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن ھەممە مۇسۇلمانلارغا تۇنۇشلۇق بولغان بىر دىنى ئاتالغۇدۇر، ئەمما ھەرقايسى مەزھەب ئالىملىرىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئۇنىڭدىن كىملەر مەقسەت قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار بار.
    شۇ جۈملىدىن شيئە ئىمامىيە ئالىملىرىمىز ، ئىسمەت (يەنى گۇناھسىزلىق) بايانىدا تىلغا ئېلىنغان - سۈرە ئەھزاپنىڭ 33-ئايىتىدىكى ‹‹ ئەھلى بەيت ›› دىگەن سۆزنى تەپسىرلەپ ئۇنىڭدىن پەقەت مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەئالىھى ۋەسەللەم) ، ئەلى (ئەلەيھىسسالام)، فاتىمە زەھرا (سالامۇللاھى ئەلەيھا)، ئىمام ھەسەن، ئىمام ھۈسەيىن (ئەلەيھسىسالام) ۋە ئۇلاردىن كىيىنكى ئىماملار مەقسەت قىلىنغان، بۇ ئايەتتىكى ‹‹ ئەھلى بەيت ›› دىگەن سۆز پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ ئاياللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ دەپ تۆۋەندىكى ئۇممۇ سەلىمە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) نىڭ ھەدىسىنى دەلىل قىلىپ كەلتۈرگەن بولۇپ ، ئۇ ھەدىس تۆۋەندىكىچە :
ئۇممۇ سەلىمە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) مۇنداق دېدى: يۇقارقى ئايەت مېنىڭ ئۆيۈمدە نازىل بولغان، پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) ئەلى، فاتىمە، ھەسەن ۋە ھۈسەين (ئەلەيھىمۇسسالام) لارنى چاقىرىپ، ئۇلار بىلەن خەيبەرگە مەنسۇپ بولغان بىر توننىڭ ئاستىغا كىردى، ئاندىن : « ئاشۇلار مىنىڭ ئەھلى بەيتىم » دېدى ۋە بۇ ئايەتنى ئوقۇپ، مۇنداق دېدى : « ئى ئاللاھ بۇلاردىن نىجىسلىقنى يىراق قىلغىن، بۇلارنى پاك قىلغىن » ئاندىن ئۇممۇ سەلىمە : ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، مەنمۇ ئۇلارنىڭ قاتارىدىنمۇ؟ دىسەم پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) : « سىز ئۆز ئورنىڭىزدا، سىز ياخشىلىقنىڭ ئۈستىدە» دېدى.①
    ھەمدە شيئە ئىمامىيە ئالىملىرىمىز ھەر-قانداق كىشى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نىجات تېپىش ۋە توغرا يولدا مېڭىش ئۈچۈن قۇرئان بىلەن يۇقارقى ئەھلى بەيتكە ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا چىڭ ئېسىلىشى كېرەك، بۇنىڭدىن باشقا يول ئازغۇنلۇقتۇر، دەپ قاراپ تۆۋەندىكى ھەدىسلەرنى دەلىل كەلتۈرگەن :
    ئەبۇ زەر غەففارى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) كەئبىنىڭ ئىشىكىگە ئېسىلىپ تۇرۇپ پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى بايان قىلدى : « مەن سېلەرنىڭ ئىچىڭلاردا قىممەتلىك ئىككى نەرسىنى قالدۇردۇم : ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە ئەھلى بەيتىم، ئۇ ئىككىسى ھەۋزە كەۋسەردىكى مېنىڭ قېشىمغا كەلگەنگە قەدەر ھەرگىز ئايرىلمايدۇ»①.
يەنە ئەبۇ زەر (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى بايان قىلدى: «ئاگاھ بولۇڭلاركى، سېلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى مېنىڭ ئەھلى بەيتىم نۇھ (ئەلەيھىسسالام) نىڭ كېمىسىگە ئوخشايدۇ، ھەر-قانداق كىشى ئۇنىڭغا چىقسا نىجات تاپىدۇ ۋە ھەر-قانداق كىشى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسا غەرىق بولىدۇ»②.
يۇقارقىلارغا ئاساسەن بىز شىيئە مەزھەب مۇسۇلمانلىرى ھەر-بىر ئىمامنىڭ سۆزى، قىلمىشى ۋە تەقرىرى پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ ھەدىسىگە ئوخشاشلا ھەدىس دەپ قاراپ 4 پىقھى مەنبەلىرىنىڭ قاتارىدىن ھىساپلايمىز .
5- ئىمام مەھدى :   
‹‹ مەھدى ›› دېگەن پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ ئەۋلادىدىن ئاخىر زاماندا ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ۋە ھەقنى تىرگۈزۈش ئۈچۈن ئاشكارا بولىدىغان بىر شەخىسنىڭ ئىسىمى بولۇپ بۇ ھەقتە ھەممە مەزھەب ئالىملىرى ئىتتىپاق كەلگەن ۋە پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) دىن بۇ ھەقتە بايان قىلىنغان رىۋايەتلەر مۇتەۋاتىر دەرىجىسىگە يەتكەندۇر. ئەمما مەھدىنىڭ دۇنياغا كېلىشى ھەققىدە ئىختىلاپ بار بولۇپ ، سۈننى مەزھەب ئالىملىرى ئاخىر زاماندا ئاللاھ-تائالا ئۇنىڭ ئاشكارا بولۇشىنى خالىغان ۋاقتىدا دۇنياغا كېلىدۇ (تۇغۇلىدۇ) دەپ قارايدۇ.
 شيئە ئىمامىيە مەزھىبىدىكى ئالىملىرىمىز ئۆزىنىڭ كىتابلىرىدىكى رىۋايەتلەرگە ئاساسلىنىپ ، ئىمام مەھدى 255- يىلى ئىراقنىڭ سامىررا دىگەن جايىدا دۇنياغا كېلىپ 260-يىلى يەنى دادىسى ( ھەسەن ئەسكەرى 11-ئىمام) نىڭ ۋاپات بولغان يىلى ئاللاھنىڭ بۇيرىقى بىلەن كۆزدىن غايىپ بولۇپ كەتكەن، ئۇ باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاشلا تەبىئى تۇرمۇش كەچۈرىۋاتىدۇ، ئۇ ئىنسانلارنى كۆرىدۇ ۋە ئىنسانلارمۇ ئۇنى كۆرىدۇ ئەمما تونىيالمايدۇ، ئۇ بىزنىڭ 12-ئىمامىمىز ئاللاھ خالىغان ۋاقىتىدا ئاشكارا بولۇپ زېمىندا ئادالەت يۈرگۈزىدۇ دەپ بايانلارنى ئىيتقان .
ئۇلار يەنە ئىمام مەھدى ئاشكارا بولغاندا يۇز بىرىدىغان ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ تۆۋەندىكى ھەدىسنى تىلغا ئالغان :
ئىمام سادىق (ئەلەيھىسسالام) مۇنداق دېدى : «ئىمام مەھدى ئاشكارا بولغاندا شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى ئادالەت بىلەن يۈرگىزىدۇ، ئۇنىڭ ئادالەت يۈرگۈزگەن دەۋرىدە زۇلۇم پۈتۈنلەي يوقىلىدۇ، زېمىن ئۆز بەركەتلىرىنى چىقىرىدۇ، ھەر-قانداق ھەق ئۆز ئىگىسىگە قايتىدۇ، ئۇ كىشىلەر ئوتتۇرسىدا داۋۇت ۋە مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) لاردەك ئادالەت بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ، بۇ چاغدا زىمىن ئۆز خەزىنىلىرىنى ۋە بەركەتلىرىنى ئاشكارا قىلىدۇ، شۇ كۈندە مۇئىمىنلەر ئوتتۇرسىدا بايلىقنىڭ ئومۇملاشقانلىقى ئۈچۈن ھىچ-قانداق ئادەم ئۆز سەدىقاتلىرى ۋە ئىقتىسادى ياردەملىرىنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغان ئورۇن تاپالمايدۇ①.
6- شەفائەت :
شەفائەت لوغەتتە - جۈپ بولۇش دىگەن مەنىدە بولۇپ، ئۇنىڭ دىنى ئىستىلاھتا ئىشلىتىلىش مەنىسى مۇنداق : گۇناھكار ئۆزى تەنھا ئاللاھنىڭ كەچۈرۈم قىلىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ، ئۇ پەقەت باشقا بىر شەفائەت قىلغۇچىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئاللاھتىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلغاندىلا ئاللاھنىڭ كەچۈرۈم قىلىشىغا ئېرىشەلەيدىغان بولغاچقا شەفائەت كەلىمىسىنىڭ  مەنا جەھەتتىكى مۇناسىۋىتى نەزەردە تۇتۇلۇپ شەفائەت دەپ ئاتالغان.
شەفائەت ئەقىدىسى بىز شيئە ئىمامىيە مەزھىبىنىڭ كۆز قارشىدا بىر قەدەر كەڭ دائىرىلىك بولۇپ، شيئە ئىمامىيە مەزھىبىنىڭ خاس ئەقىدىلىرى قاتارىدا تىلغا ئېلىنىدۇ. شەفائەت قىلغۇچى ۋە قىلىنغۇچى قاتارلىق ھەر ئىككىلىسىگە ئايرىم-ئايرىم بىر قانچە شەرتلەر بايان قىلىنغان بولۇپ ، شەفائەت قىلغۇچىنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە:
1- شەفائەت قىلىشتا ئاللاھنىڭ ئىزنى بولىشى كېرەك.
2- ئۆزى شەفائەت قىلماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ ئەمەللىرى ۋە نىيەتلىرىدىن خەبەردار بولغان بولىشى ۋە ئۇلارنىڭ شەفائەتكە لايىق ياكى ئەمەسلىكىنى ئايرىيالىغىدەك بىلىم بولىشى كېرەك.
بۇ شەرتكە قارىتا ئاللاھ-تائالانىڭ تۆۋەندىكى سۆزى دەلىل بولالايدۇ . ئاللاھ-تائالا مۇنداق دېدى: ﴿ ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسىلىرى شەفائەت قىلالمايدۇ ، پەقەت ھەق بىلەن گۇۋاھلىق بەرگەن ۋە ھەقىقى بىلگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا ﴾ ( سۈرە زۇخرۇف 86-ئايەت)
بىز شيئە ئىمامىيەلەرنىڭ كۆز قارىشىدا يۇقارقى ئىككى شەرت پەقەت گۇناھسىز (مەئىسۇم) كىشلەردىلا تېپىلىدۇ، ئۇلار پەيغەمبەرلەر ۋە ئىماملاردۇر. بۇلارغا ئەگىشىپ شەھىتلەر ۋە سالىھ كىشىلەر ئۇلاردىن تۆۋەنرەك دەرىجىدە شەفائەت قىلالايدۇ.

شەفائەت قىلىنغۇچىلارنىڭ شەرتى تۆۋەندىكىچە :

1-شەفائەت قىلىنغۇچىلار ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن بولىشى كېرەك، ئاللاھ-تائالا مۇنداق دېدى: ﴿ ئاسمانلاردا نۇرغۇن پەرىشتىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ شاپائىتى ھىچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، پەقەت ئاللاھ ئۆزى خالىغان ۋە رازى بولغان ئادەمگە شەفائەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىسىلا ئاندىن ئۇلارنىڭ شاپائىتى ئەسقاتىدۇ ﴾ (سۈرە نەجم 26-ئايەت)
يۇقارقى شەرتلەرگە ئاساسەن بىز شيئە ئىمامىيەلەرنىڭ كۆز قارىشىدا تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرلۈك كىشىلەر شەفائەتكە ئېرىشەلمەيدۇ ، ئۇلار :
مۇشرىكلار، قىيامەتنى ئىنكار قىلغانلار، ھاجەتمەنلەرگە ياردەم قىلمىغانلار ۋە نامازنى تەرك ئەتكەنلەر قاتارلىقلاردۇر.
7- قۇرئان توغىرسىدا :
ھەممە مۇسۇلمانلارغا مەلۇمكى قۇرئان ئاللاھ تەرپىدىن مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) غا چۈشۈرۈلگەن كىتاپ بولۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە ھازىرقىدەك بىر توپلام بولۇپ قالدۇرۇلماستىن قارىلارنىڭ دىلىدا ، تېرە ۋە قوۋزاق قاتارلىقلاردا تارقاق ھالدا ئىدى. پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) ۋاپات بولغاندىن كېيىن خەلىپىلەرنىڭ دەۋرىدە جەملىنىپ، ھازىرقىدەك تەرتىپلىك ھالەتتە رەتلەندى.
 قۇرئان كەرىم نازىل بولغاندىن بۇيانقى 1400 يىل جەريانىدا ئوخشمىغان شارائىتلارنى بېسىپ ئۆتكەن بولسىمۇ ، بارلىق مۇسۇلمانلار قۇرئانغا ھىچقانداق ئۆزگەرتىش ، قوشۇپ قويۇش ياكى كەملىتىپ قويۇش قاتارلىق، ھىچقانداق قەلەم تەككۈزۈش كۆرۈلمىگەن دەپ ئىتتىپاق كەلگەندۇر.
    جۈملىدىن بىز شيئە مەزھەب مۇسۇلمانلىرى  يۇقارقىغا ئوخشاشلا، ھازىرقى دەۋرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدا بار بولغان قۇرئان كەرىم 1400يىل ئىلگىرى پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) غا نازىل بولغان قۇرئان ئەينەن شۇدۇر، ئۇ ئاللاھ-تائالانىڭ مۇھاپىزەت قىلىشى بىلەن ھازىرغا قەدەر ھىچقانداق بۇرمىلانماي ساقلىنپ كەلدى ۋە قىيامەت كۈنىگىچە ئۇنى ئاللاھ-تائالا ئۆزى ساقلايدۇ، دەپ قارايمىز مانا بۇ بىزنىڭ قۇرئان كەرىمگە بولغان تونىشىمىز ۋە ئەقىدىمز دۇر .
8-ساھابىلارنىڭ ئادالىتى:
‹‹ ساھابە ›› دىگەن سۆز ھەممە مۇسۇلمانلارغا تونۇشلۇق بولغان بىر دىنى ئىستىلاھ بولۇپ ، ئالىملار بۇ سۆزگە ئوخشىمىغان چۈشەنچىلەرنى بايان قىلدى ، بۇ چۈشەنچىلەرنىڭ سۈننى مەزھەب ئالىملىرى ئوتتۇرسىدىكى مەشھۇرراقى تۆۋەندىكىچە : جانابى رەسۇلۇللاھ (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نى بالىغ ھالەتتە كۆرگەن ، ئيمان ئېيتقان ۋە مۇئمىن ھالەتتە ئۆلگەن كىشى ساھابە دىيىلىدۇ ).
سۈننى مەزھەب ئالىملىرى : يۇقارقى چۈشەنچىگە ئاساسەن ھەرقانداق ساھابە بولىدىكەن ئادىل دەپ قاراشتا ئاساسەن ئىتتىپاقتۇر .
ئەمما بىزنىڭ شيئە ئىتىقادىمىزدا : ساھابىلەرنىڭ ئادىللىقى ھەققىدە باشقا مەزھەبلەرگە ئوخشاش ھۆكۈم قىلىنسىمۇ ، بىراق ئۇلار ساھابە بولغانلىقتىنلا ئادىل دەپ ھۆكۈم قلىشقا بولمايدۇ . ھەر بىر كىشىنىڭ ئەھۋالىنى ئاللاھ-تائالانىڭ بۇ سۆزىگە : ﴿ ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھىساپلىنىسىلەر﴾ (سۈرە ھۇجۇرات 13-ئايەت) كە قارىتا ئۆلچەيمىز، ھەر-قانداق ئادەمنىڭ ئادىل ئىكەنلىكى مەلۇم بولسا، ئۇنى ئادىل دەپ قاراپ رىۋايىتىنى قوبۇل قىلىمىز ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا تىرىشقان ۋە كۈرەش قىلغانلىقى، ئىسلامغا ياردەم بەرگەنلىكى ۋە ساھابە بولغانلىقى ئۈچۈن ھۆرمەتلەيمىز، ۋە ھەر-قانداق ئادەمدىن يوقارقىلارنىڭ خىلاپى ئاشكارا بولسا، مەرۋان ئىبنى ھەكەم، مۇغىيرە ئىبنى شۆئبە ۋە ۋەلىيد ئىبنى ئۇتبە قاتارلىقلارغا ئوخشاش پاسىق ۋە ئىسلامغا مۇخالىف كىشىلەرنىڭ رىۋايىتىنى قوبۇل قىلمايمىز . ئەگەر ھەر-قانداق ئادەمنىڭ ئەھۋالىنى بىلمىسەك ئۇنىڭ رىۋايىتىنى قوبۇل قىلىش ھەققىدە توختايمىز.①چۈنكى ساھابىلار ئچىدىمۇ پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئارقىغا چىكىنگەن كىشىلەر بار دەپ قاراپ تۆۋەندىكىگە ئوخشاش ھەدىسلەرنى ئۇنىڭ ئوچۇق دەلىلى سۈپىتىدە تونۇيمىز .
بۇخارى ۋە مۇسلىم پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى بايان قىلدى : « قىيامەت كۈنى مېنىڭ قېشىمغا مېنىڭ ساھابىلىرىمدىن ياكى مېنىڭ ئۈممىتىمدىن بىر تۈركۈم كىشىلەر كېلىدۇ، ئاندىن ئۇلار ھەۋزە كەۋسەردىن يىراق قىلىنىدۇ، ئاندىن مەن : ئى پەرۋەردىگارىم ئۇلار مېنىڭ ساھابىلىرىم دەيمەن ، ئاندىن ئاللاھ تائالا : ئۇلارنىڭ سەندىن كېيىن نىمە ئىش قىلغانلىقىنى بىلمەيسەن، ئۇلار سەندىن كېيىن ئارقىسىغا چېكىنىپ، مۇرتەد بولۇپ كەتكەن، دەيدۇ»①.
9- تۇپراققا سەجدە قىلىش:
بىز شيئە ئىمامىيە مەزھىبىدە ئومۇملاشقان يەنە بىر فىقھى مەسىلە شۇكى: ناماز ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ بەدىنى، كىيىملىرى ۋە ناماز ئوقۇيدىغان جايىنى پاك قىلغاندىن سىرت ، ناماز ئوقۇغاندا تۇپراققا ياكى زېمىننىڭ جىنسىدىن بولغان ياغاچ، بورا، تاش قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ئۈستىگە سەجدە قىلىشى ھەمدە يىيىلدىغان ۋە كىيىلدىغان نەرسىلەرگە سەجدە قىلماسلىقى كېرەك دەپ قاراپ ناماز ئوقۇغاندا پاك ۋە غەسپى بولمىغان جاينىڭ تۇپرىقىدىن ئىلىنغان توپا ياكى سىغىز لايدىن ياسالغان بىر دانە قول سائىتى شەكلىدىكى ياپىلاق تاش (پارىسچە مۆھرە ياكى سەجدىگاھ دىيىلىدۇ) نى قويۇپ شۇنىڭ ئۈستىگە سەجدە قىلىمىز ، ھەتتاكى سەپەرگە چىققاندىمۇ شۇ سەجدىگاھ تاشنى يېنىمىزدىن ئايرىمايدىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال بىز شيئە مەزھەب مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدە ئاساسى جەھەتتىن كەڭرى ئومۇملاشقاندۇر.
    شۇڭلاشقا ، بىز ھازىرقى دەۋرىدىكى مەسچىتلەرگە سېلىنغان گېلەم ۋە ئۇنىڭدىن باشقا زېمىننىڭ جىنسىدىن بولمىغان نەرسىلەرگە سەجدە قىلىشنى خاتا دەپ قاراپ ، بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىمىز :
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىدىن خەۋەر بەردى: « زېمىن مەن ئۈچۈن مەسجىد (سەجدە قىلىدىغان ئورۇن) ۋە پاك قىلىندى»①. ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىدا بۇ ھەدىستىكى مەسجىد دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى ناماز ئۇقۇيدىغان جاي ئەمەس بەلكى سەجدە قىلىدىغان جايدۇر.
يەنە مەيمۇنە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) «خۇمرە» نىڭ ئۇستىدە ناماز ئوقۇيتتى②. خۇمرە دىگەن لوغەتتە: خورمىنىڭ يوپۇرماقلىرىدىن توقۇلغان بورا ياكى كىچىك جەينامازدۇر.
قەبرىنى زىيارەت قىلىش ۋە ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش:
بىز شيئە ئىمامىيە مەزھىبىدىكىلەر پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ ، ئەھلى بەيت ئىماملىرىمىزنىڭ ، چوڭ ئۆلىما ۋە دانىشمەنلەرنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا شەھىت بولغانلارنىڭ قەبرىلىرىنى زىيارەت قىلىشنى تەكىتلەنگەن سۈننەت دەپ ئېتىقاد قىلىمىز . بىز يەنە ئۆزىمىزنىڭ شيئە ئالىملىرىمىزنىڭ سەھى كىتابلىرىدىن باشقا ، مۇسلىم ۋە ئەبۇ داۋۇد قاتارلىق سەھى كىتاپلاردا بايان قىلىنغان « پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) بەزىدە قەبرىنى زىيارەت قىلغىلى باراتتى ۋە بەقى قەبرىستانلىقىغا كېلىپ ئۇلارغا دۇرۇت ۋە سالام يوللايتتى» دىگەن رىۋايەتلەرگە ئاساسلىنىپ قەبرىنى زىيارەت قىلىش شەرئى جەھەتتە يوللۇقتۇر، ئۇنىڭدىكى مەقسەت قەبرە ئەھلىگە ئىبادەت قىلىش بولماستىن بەلكى ئۇلارغا ئېھتىرام قىلىش ۋە ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا شەفائەت قىلىشنى تەلەپ قىلشتۇر، دەپ قارايمىز . ھەمدە تارىخى ئىبنى ئەسىردەك مەشھۇر تارىخ كىتاپلىرىدا بايان قىلىنغان : پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) ئوھۇد غازىتىدىن كېىيىن ئەنسارلارنىڭ بىرىنىڭ ئۆيىنىڭ قېشىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، يىغا-زارىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، مۇبارەك كۆزلىرىگە يىغا كېلىپ يۈزلىرىگە ياش ئاقتى ۋە مۇنداق دېدى: «لىكىن ھەمزە (شەھىيدلەرنىڭ خوجايىنى) غا ماتەم تۇتقۇچى يوق » بۇنى ئاڭلىغان سەئد ئىبنى مۇئاز بەنى ئەبدۇل ئەشھەل دىن بولغان بىر گوروھ كىشىلەرنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنى پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ تاغىسى ھەمزە (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) نىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشكە بۇيرىدى.① دېگەن سۆزلەرگە ئاساسلىنىپ، ئىسلام شەھىيدلىرىنىڭ مەخسۇسەن ئىمام ھۈسەيىن (ئەلەيھىسسالام) نىڭ شەھىيد بولغان كۈنىدە قارلىق تۇتۇش، ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش تارىخىنى ۋە يول-يورۇقلىرىنى تەھلىل قىلىپ ، ئۇلارنىڭ مەقسەت-نىشانلىرى توغرىلىق سۆز قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ روھىغا دۇرۇت يوللاش نەزىر ۋە نىياز تامىقى تەييارلاش قاتارلىقلارغا ناھايتى ئەھمىيەت بېرىمىز ۋە يۇقارقى پائالىيەتلەر شەھىيدلەرنىڭ نامى ۋە پىداكارلىقىنىڭ ئەبىدى ئۆچمەسلىكىگە سەۋەپ بولىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق جانابى رەسۇلۇللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەھلى بەيتلىرىنىڭ شەفائىتىگە ئىرىشەلەيمىز دەپ  قارايمىز . بىز شيئە مەزھەب مۇسۇلمانلاردا ئومۇملاشقان ماتەم مۇراسىمىنىڭ شەكلى بولسا : ھەر يىلى ئىسلام شەھىيدلىرىنىڭ مەخسۇسەن ئىمام ھۈسەيىن (ئەلەيھىسسالام) نىڭ شەھىيد بولغان كۈنىدە مەسچىتلەر، ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ئۆيلىرى (ماتەم ساراي) ۋە شۇ شەھىيد ئىمامنىڭ قەبرىستانلىقى قاتارلىق جايلاردا قارا كىيىملەرنى كىيگەن ھالەتتە مەرسىيە ئوقۇش ، قۇرئان ئوقۇش ، ھۆكمەت ئوقۇش ۋە شۇ شەھىيدنىڭ ھاياتى ۋە پەزىلەتلىرى ھەققىدە سۆز قىلىش ، ئىمامنىڭ ۋاپاتىغا مۇسىبەت تۇتۇپ يىغلاش ۋە ئىمامنىڭ زىيارەتنامىسىنى ئوقۇپ دۇئا قىلىپ ئىمامنىڭ روھىعا ھەدىيە قىلىش ۋە ئىمامنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ۋە ئاشىقلىرىغا نىياز تامىقى تەييارلاش ... قاتارلىق بىر تۈرلۈك ئۆز مەزھەب ئەقىدە ۋە ئەھكاملىرىمىزغا خاس ماتەم پائالىيتى بىلەن شۇغۇللىنىمىز .




ھەدىس شەرىفلەردىن بولغان پاكىتلار :
تۆۋەندە شىيئە ئالىملىرىمىزدىن ئەللامە سەييىد شەرفۇددىيننىڭ پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) گە ۋە ئۇنىڭ ھەقىقى ئىز باسارلىرى بولغان 12 ئىمامغا ئەگىشىشنىڭ ناھايتى زۆرۈللىكى ۋە پەرىز ئىكەنلىكى شۇنداقلا 12 ئىمام ۋە ئەھلى بەيتكە بولغان ئىتىقادنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ رىزالىقى ۋە جەننەتنىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىكى توغىرسىدىكى ئۇ زاتلارنىڭ پەزىلەتلىرى ۋە مەقام ، دەرىجىلىرى ھەققىدە بايان قىلغان ئىشەنچىلىك ۋە بىرلىككە كىلىنگەن ھەدىس شىرىفلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتىمىز .
 (1)– تەبرانى ‹‹ ئەلكەبير ›› دا ۋە رافىئى ئۆز ‹‹ مۇسنەدى ›› دە ئىبنى ئابباسىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ : پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) مۇنداق دىدى : ‹‹ كىمكى مىنىڭ ھاياتىمدەك ھايات كەچۈرۈشكە ، مىنىڭ ئۆلۈمىمدەك ئۆلۈشكە ۋە پەرۋەردىگارىم تەييارلىغان ‹‹ ئەدن ›› دىگەن جەننەتتە ياشاشقا قىززىقسا ، مەندىن كىيىن ئەلى (ئەلەيھىسسالام) نى دوست تۇتسۇن ۋە ئۇنىڭ دوستىنى دوست تۇتسۇن ھەمدە مەندىن كىيىن مىنىڭ ئەھلى بەيتىمگە ئىقتىدا قىلسۇن ، چۈنكى ئۇلار مىنىڭ پاك نەسلىم بولۇپ ، ئۇلار مىنىڭ لىيىمدىن يارىتىلغاندۇر ۋە ئۇلارغا مىنىڭ چۈشەنچەم ۋە بىلىمىم بىرىلگەندۇر . مىنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ئارىسىدىن ئۇلارنىڭ پەزىلەت ۋە ئارتۇقچىلىقىنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلار بىلەن مىنىڭ ئوتتۇرامدىكى چىتىشلىقنى ئۈزگەن كىشىلەرگە ۋاي ! ئاللاھ تائالا مىنىڭ شاپائىتىمنى ئۇلارغا يەتكۈزمىسۇن ! ››①

① بۇ ھەدىسنىڭ ئۆز لەۋزى ‹‹ كەنزۇل .ئۇممال ›› 6-قىسىم 217-بەتنىڭ ئاخرسىدىكى 3819-ھەدىستۇر بۇھەدىسنى ‹‹ مۇنتەخەبۇل كەنز ›› دىمۇ تىلغا ئالغان . سىز ئەھمەدنىڭ مۇسنەدى 5-قىسىم 94-بەتنىڭ شەرھىسىنىڭ ئەۋۋىلىدىكى مۇنتەخەبكە قاراڭ . لىكىن ئۇ : ئۇلارغا مىنىڭ چۈشەنچەم بىرىلدى ، دەپ بايان قىلدى ۋە مىنىڭ بىلىمىم بىرىلدى دىگەن سۆزنى بايان قىلمىدى ، ئىھتىمال بۇ ، يازغۇچىنىڭ خاتالىقى بولىشى مۇمكىن . بۇھەدىسنى ھاپىز ئەبۇ نەئىم ئۆزىنىڭ ھىلىيسىدە بايان قىلدى ۋە ئۇنىڭدىن ئەللامە مۇئتەزىلى ئۆزىنىڭ مىسىردا بىسىلغان ‹‹ نەھجۇل بەلاغە ›› نىڭ شەرھىسىنىڭ 2-جىلدىسى 450- ۋە 449-بەتلىرىدە ئۇنى ئەبى ئابدۇللا ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ مۇسنەدى دىن ۋە مەناقىبى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ ناملىق كىتابىدىن شۇنىڭدەك نەقىل قىلدى . 
  
(2) – مۇتىير ، بارۇدى ، ئىبنى جەرىير ، ئىبنى شاھىين ۋە ئىبنى مەندە ئىسھاق ئارقىلىق زىياد ئىبنى مۇتەررىپتىن ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دىدى :
‹‹ مەن پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم : كىمكى مىنىڭ ھاياتلىقىمنى ياشاشنى ، مىنىڭ ئۆلۈمىمنى ئۆلۈشنى ۋە پەرۋەردىگارىم ماڭا ۋەدە قىلغان جەننەتكە – ئۇ بولسا جەننەتۇل خۇلدىدۇر – كىرىشنى ياخشى كۆرسە ، ئەلى (ئەلەيھىسسالام) نى ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى ياخشى كۆرسۇن ، چۈنكى ئۇلار سىلەرنى ھىدايەت ئىشىكىدىن قەتئى چىقىرۋەتمەيدۇ ۋە ئۇلار سىلەرنى گۇمراھلىق ئىشىكىگە قەتئى كىرگۈزمەيدۇ ››①

 ① بۇ ھەدىس بولسا ‹‹ كەنزۇل ئۇممال ›› 6-قىسىم 155-بەتتىكى 2578-ھەدەستۇر ۋە ئۇنى مۇنتەخەبتىمۇ كەلتۈردى . سىز ئەھمەدنىڭ مۇسنەدى 5-قىسىم 32-بەتتىكى مۇنتەخەبنىڭ ئاخىرسىدىكى قۇرغا قاراڭ ، ئۇنى ئىبنى ھەجەر ئەلئەسقەلانى ئۆزىنىڭ ‹‹ ئىسابە ›› ناملىق كىتابىنىڭ 1-قىسمىدىكى زىياد ئىبنى مۇتەررىپنىڭ تەرجىمھالىدا قىسقىچە بايان قىلدى ، ئاندىن كىيىن مۇنداق دىدى : بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىدا يەھيا ئىبنى يەئلا ئەلمۇھارىبى بار بولۇپ ، ئۇ زەئىپتۇر . مەن مۇنداق دەيمەن : بۇ سۆز ئەسقەلانىغا ئوخشاش كىشىدىن ناھايتى ھەيران قالارلىقتۇر ، چۈنكى يەھيا ئىبنى يەئلا ئەلمۇھارىبى ئىتتىپاقلىق بىلەن ئىشەنچىلىكتۇر . بۇخارى ئۆز سەھىسىنىڭ ھەۇدەيبىيە سۇلھى توغىرسىدا ئۇنىڭدىن ھەدىس بايان قىلدى ۋە مۇسلىم ئۆز سەھىسىدىكى ھۇدۇت توغىرسىدا ئۇنىڭدىن ھەدىس بايان قىلدى ھەمدە ئۇ بۇخارىنىڭ كۆز قارشىدا ئۆز دادىسىدىن ۋە مۇسلىمنىڭ كۆز قارشىدا غەيلان ئىبنى جامئىدىن ھەدىس ئاڭلىدى . زەھەبى ‹‹ ئەلمىيزان ›› دا ئۇنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى بىرلىككە كىلىنگەن مەسىلە ئورنىدا بايان قىلدى ۋە ئۇنى ئىمام قەيسەرانى ۋە باشقىلار ئىككى ئىمام ۋە باشقىلار ئۇلاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن ھىسابلىدى .

 (3)- زەيد ئىبنى ئەرقەمنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر ، ئۇ مۇنداق ھەدىس بايان قىلدى :
‹‹ پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) مۇنداق دىدى : كىمكى مىنىڭ ھاياتلىقىمنى ياشاشنى ، مىنىڭ ئۆلۈمىمنى ئۆلۈشنى ۋە پەرۋەردىگارىم ماڭا ۋەدە قىلغان جەننەتۇل خۇلد ›› دا ياشاشنى ئىرادە قىلسا ، ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ (ئەلەيھىسسالام) نى دوست تۇتسۇن ، چۈنكى ئۇ سىلەرنى ھىدايەتتىن قەتئى چىقىرۋەتمەيدۇ ۋە سىلەرنى ئازغۇنلۇققا قەتئى كىرگۈزمەيدۇ ››①

① بۇ ھەدىسنى ھاكىم ‹‹ سەھى مۇستەدرەك ››نىڭ 3-قىسمى 128-بىتىنىڭ ئاخىرسىدا بايان قىلدى . ئاندىن كىيىن مۇنداق دىدى : بۇ ھەدىس بولسا ئىسنادى سەھىدۇر ، ئەمما بۇخارى ۋە مۇسلىم ئۇنى بايان قىلمدى . بۇ ھەدىسنى تەبرانى ‹‹ ئەلكەبىير ›› دا ۋە ئەبۇ نەئىم ‹‹ فەزائىلۇس سەھابە ›› دە بايان قىلغان بولۇپ ، ئۇ ‹‹ كەنزۇل ئۇممال ›› نىڭ 6-قىسمى 155-بىتىدىكى 2577-ھەدىستۇر . ئۇنى مۇنتەخەبۇل كەنزىدىمۇ كەلتۈردى . سىز ‹‹ مۇسنەد ›› نىڭ 5-قىسمى 32-بىتىدىكى شەرھىسىگە قاراڭ .

(4)- ئەممار ئىبنى ياسىرنىڭ بۇ ھەدىسىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ ، ئۇ مۇنداق بايان قىلدى : ‹‹  پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) مۇنداق دىدى : مەن ماڭا ئىيمان ئىيتقان ۋە مىنى تەستىقلىغان ھەرقانداق كىشىگە ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ (ئەلەيھىسسالام) نى دوست تۇتۇشنى ۋەسىيەت قىلىمەن ، چۈنكى ھەركىم ئۇ ئەلى (ئەلەيھىسسالام) نى دوست تۇتسا ، چوقۇم مىنى دوست تۇتتى . ھەركىم مىنى دوست تۇتسا ، چوقۇم ئاللاھ تائالانى دوست تۇتتى . كىمكى ئەلى (ئەلەيھىسسالام) نى ياخشى كۆرسە ، چوقۇم مىنى ياخشى كۆردى . كىمكى مىنى ياخشى كۆرسە چوقۇم ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆردى ۋە كىمكى ئەلى (ئەلەيھىسسالام) نى دۈشمەن تۇتسا چوقۇم مىنى دۈشمەن تۇتتى ، ۋە كىمكى مىنى دۈشمەن تۇتسا ، چوقۇم ئاللاھ تائالانى دۈشمەن تۇتتى . ①



① بۇ ھەدىسنى تەبرانى ‹‹ ئەلكەبىير ›› دا ۋە ئىبنى ئەساكىر ئۆز تارىخىدا بايان قىلدى . ئۇ ‹‹ كەنزۇل ئۇمال ›› نىڭ 6-قىسمى 154-بىتىنىڭ ئاخىردىكى 2571-ھەدىستۇر .
(5)- ئەممار (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دىن مەرفۇئ ھالەتتە يەنە مۇنداق بايان قىلىندى : ‹‹ ئى ئاللاھ ! كىمكى ماڭا ئىيمان ئىيتسا ۋە مىنى تەستىقلىسا ، ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ (ئەلەيھىسسالام) نى دوست تۇتسۇن ، چۈنكى ئۇنىڭ دوستلۇقى مىنىڭ دوستلۇقۇمدۇر ۋە مىنىڭ دوستلۇقۇم بولسا ئاللاھ تائالانىڭ دوستلىقىدۇر ››②


② بۇ ھەدىسنى تەبرانى ‹‹ ئەلكەبىير ›› دا مۇھەممەد ئىبنى ئەبى ئۇبەيدە ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەممار ئىبنى ياسىردىن ، ئۇ ئۆزىنىڭ دادىسىدىن ۋە ئۇ ئۆزىنىڭ چوڭ دادىسى ئەمماردىن بايان قىلدى . بۇ ‹‹ كەنزۇل ئۇمال ›› نىڭ 6-قىسمى 155-بىتىدىكى 2576-ھەدىستۇر . ئۇنى مۇنيەخەبتىمۇ كەلتۈردى .
(6)- پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) بىرقىتىم خۇتبە ئوقۇپ مۇنداق دىدى : ‹‹ ئى ئىنسانلار ! شەكسىزكى ئارتۇقچىلىق ، ئۇلۇغلۇق مەرتىۋە ۋە دوست تۇتۇش ، ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچۈندۇر ، شۇڭلاشقا باتىل سۆزلەر سىلەرنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇپ ئىلىپ كەتمىسۇن ›› ①

① بۇ ھەدىسنى ئەبۇ شەيىخ ناھايتى ئۇزۇن ھەدىستە بايان قىلدى ۋە ئۇنى ئىبنى ھەجەر ئۆز سەۋائىقىنىڭ 15-بىتىدە پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ خىش-ئەقرىبالىرىنى دوست تۇتۇش ئايىتىنىڭ تەپسىردە تىلغا ئالغان مۇھىم مەقسەتلەرنىڭ 4-مەقسىتىنىڭ ئاخىردا نەقىل قىلدى ، سىز ئۇنىڭ مەقسەتلىرىدىكى ئالى مەقسەتلەرگە چۇڭقۇر نەزەر سىلىڭ ۋە ئۇنىڭ :  ‹‹ باتىل سۆزلەر سىلەرنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇپ ئىلىپ كەتمىسۇن ›› دىگەن سۆزىدىن غافىل بولماڭ .

(7)- پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) مۇنداق دىدى : ‹‹ مىنىڭ ئۈممىتىمدىن بولغا ھەربىر نەسىلدە مىنىڭ ئەھلى بەيتىمدىن بولغان ئادىل كىشىلەر بار بولۇپ ، ئۇلار بۇ دىندىن گۇمراھلارنىڭ بۇرمىلىنىشىنى ، بۇزۇق كىشىلەرنىڭ دىنغا كىرگۈزگەن ئاساسسىز سۆزلىرىنى ۋە بىلىمسىز كىشىلەرنىڭ ناتوغرا تەئۋيىللىرىنى بۇ دىندىن چەكلەيدۇ . ئاگاھ بولۇڭلاركى ! سىلەرنىڭ ئىمامىڭلار بولسا سىلەرنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىڭلاردۇر،ئۇنداقتا سىلەر كىمنى ئەلچىلىككە ئەۋەتىدىغانلىقىڭلارغا قاراپ بىقىڭلار ›› ①
 (8)- پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) مۇنداق دىدى : ‹‹ ئەھلى بەيتىمگە مۇقەددەم بولماڭلار ، ھالاك بولىسىلەر ، ئۇلاردىن ئايرىلىپ قالماڭلار نابۇت بولىسىلەر ۋە ئۇلارغا بىرنەرسە ئۈگەتمەڭلار ، چۈنكى ئۇلار سىلەردىن ئالىمراقتۇر ››②

①بۇ ھەدىسنى موللا ئۆز سىيرىسىدە ئىبنى ھەجەرنىڭ ‹‹سەۋائىقۇل مۇھرىقە›› ناملىق كىتابىنىڭ 90-بىتىدىكى ئاللاھ تائالانىڭ ( ئۇلارنى توختۇتۇپ تۇرۇڭلار چۈنكى ئۇلار سۇئال قىلىنغۇچىدۇر ) دىگەن سۆزنىڭ تەپسىرىدىكىدەك بايان قىلدى .
② بۇ ھەدىسنى تەبرانى سەقەلەين ھەدىسىدە بايان قىلدى ۋە ئۇنىڭدىن ئىبنى ھەجەر ئۆزىنىڭ  ‹‹ سەۋائىقۇل مۇھرىقە ››ناملىق كىتابى (ئەلمەيمەنىييە باسمىسى) نىڭ 89-بىتى 11- بابىدا كەلتۈرگەن ئايەتلەردىن بولغان ، بۇ 4-ئايەتنڭ : ﴿ ئۇلارنى توختۇتۇپ تۇرۇڭلار چۈنكى ئۇلار سۇئال قىلىنغۇچىدۇر ﴾ ، تەپسىرىدە نەقىل قىلدى .

(9)- پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) يەنە مۇنداق دىدى : ‹‹ مىنىڭ ئەھلى بەيتىمنى ئۆزەڭلارنىڭ بەدىنىدىكى باشنىڭ ئورنىدا كۆرۈڭلار ۋە ئۇلارنى باشتىكى ئىككى كۆزنىڭ ئورنىدا دەپ قاراڭلار ، چۈنكى باش ئىككى كۆزسىز توغرا يولنى تاپالمايدۇ ›› ①

③ بۇ ھەدىسنى بىر تۈركۈم مۇھەددىسلەر ئەبۇ زەردىن مەرفۇئ ھالەتتە بايان قىلدى ۋە ئۇنى ئىمام سەببان ئۆزىنىڭ ‹‹ ئىسئافۇر راغىبىين ›› ناملىق كىتابىدىكى ئەھلى بەيتنىڭ پەزىلىتى بابىدا ۋە شەيىخ يۇسف ئەننەبھانى ‹‹ئەششەرفۇل مۇئەببەد ›› نىڭ 31-بىتىدە ۋە كۆپلىگەن ئىشەنچىلىك ئالىملار نەقىل قىلدى ۋە بۇ ھەدىس ئۇ ئەھلى بەينىڭ باشلىق بولىشىنىڭ ۋاجىپلقى ۋە ھەقىقەتكە يول تىپىش پەقەت ئۇلارنىڭ يولى ئارقىلىق مۇمكىن بولىدۇ دىگەنلىك توغىرسىدا ئوچۇق تىكىستۇر .

10) پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) يەنە مۇنداق دىدى : ‹‹ بىز ئەھلى بەيتنى دوست تۇتۇشنى ئۆزەڭلارغا لازىم تۇتۇڭلار، چۈنكى ھەرقانداق كىشى بىزنى دوست تۇتقان ھالەتتە ئاللاھ تائالاغا ئۇچراشسا ، بىزنىڭ شاپائىتىمىز بىلەن جەننەتكە كىرىدۇ ، مىنىڭ جىنىم ئۇنىڭ قولىدا بولغان زات – ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى ھەرقانداق بەندىگە ئۆزىنىڭ قىلغان ياخشى ئەمىلى پەقەت بىزنىڭ ھەققىمىزنى تونۇش بىلەنلا مەنپەئەت قىلىدۇ ››①

① بۇ ھەدىسنى تەبرانى ‹‹ ئەلئەۋسەت ›› تە بايان قىلدى ۋە سىيۇتى ‹‹ ئىھياتۇل مەييىت ›› دا ، ئەننەبھانى ‹‹ ئەربەئىن ئەربەئىن ›› دا ۋە ئىبنى ھاجەر ئۆز سەۋائىقىنىڭ ئەھلى بەيتنى ياخشى كۆرۈشكە تەرغىپ قىلىش بابىدا ۋە كۆپلىگەن ئالىملارمۇ نەقىل قىلدى . ئۇنىڭ ؛ ‹‹ھەرقانداق بەندىگە ئۆزىنىڭ قىلغان ياخشى ئەمىلى پەقەت بىزنىڭ ھەققىمىزنى تونۇش بىلەنلا مەنپەئەت قىلىدۇ ›› دىگەن سۆزىگە نەزەر سىلىڭ . ئاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالا ياخشى ئەمەللەرنى قوبۇل قىلىشتا شەرت قىلغان ھەققىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ماڭا خەبەر بىرىڭ . ئۇ ھەق بولسا ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ، ئۇلارغا بويسۇنۇش ئاللاھ تائالاغا ئۇلارنىڭ توغرا يولى ئارقىلىق يىتىش ئەمەسمۇ ؟ پەيغەمبەرلىك ۋە خەلىپىلىكتىن باشقا قايسى ھەق بۇنچە چوڭ تەسىرگە ئىگە بولىدۇ ؟ لىكىن بىز پىكىر يۈرگۈزمەيدىغان بىر قەۋمگە گىرىپتار بولدۇق. ﴿ بىز ئاللاھ ئۈچۈندۇرمىز ۋە بىز ئۇنىڭ تەرىپىگە قايتىمىز ﴾

11) پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) يەنە مۇنداق دىدى : مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ ئەھلى بەيتىنى تونۇش دوزاختىن خالاس بولۇشتۇر . مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ ئەھلى بەيتىنى ياخشى كۆرۈش سىرات كۆۋرىكىدىن ئۆتۈش ئىجازەتنامىسىدۇر ۋە مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ ئەھلى بەيتىنىڭ ۋىلايىتى (ئۇلارنىڭ ھەقىقى دوستلۇقى) ئازابتىن خاتىرجەم بولۇشتۇر ››①

① بۇ ھەدىسنى قازى ئىياز ‹‹ ئەششىفا ›› ناملىق كىتابنىڭ 1328-يىلىدىكى ئەلئاستانە باسمىسى 2-قىسىم 40-بەتنىڭ  ئەۋۋىلىدىكى مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ ئەھلى بەيتىگە ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىغا ياخشىلىق قىلىش بولسا ، ئۇنىڭ ئۆزىگە ئىھتىرام قىلغانلىق ۋە ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلغانلىقنىڭ جۈملىسىدىندۇر ، دىگەننى بايان قىلىش ئۈچۈن ئاشقان بۆلەكتە كەلتۈردى .سىز ياخشى بىلىسىزكى بۇ ھەدىستىكى ئۇلارنى تونۇشتىن مەخسەت ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ، شەخسىيەتلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئىكەنلىكىنى تونۇش ئەمەستۇر ، چۈنكى ئەبۇ جەھىل ۋە ئەبۇ لەھەبمۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تونۇيتى ، شەكسىزكى ئۇ ھەدىستىن مەخسەت ئۇلارنىڭ مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) دىن كىيىنكى ئىش ئىگىلىرى ئىكەنلىكىنى مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ بۇ سۆزىگە : ‹‹ كىمكى ئۆز زامانىسىنىڭ ئىمامىنى تونۇماي ئۆلۈپ كەتسە ، جاھىلىيەت ئۆلىمىدە ئۆلىدۇ ›› ئۇيغۇن ھالدا تونۇشتۇر . ھەمدە يۇقاردا تىلغا ئىلىنغان ئۇلارنى دوست تۇتۇشتىن مەخسەت - ھەقىقەت ئەھلىنىڭ كۆز قارسىدىكى راستچىل ئىماملارغا لازىم كىلىدىغان دوستلۇقتۇر .

12) پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) يەنە مۇنداق دىدى : ‹‹ قىيامەت كۈنى ھەر بەندە تۆۋەندىكى 4 نەرسىدىن سۇئال قىلىنمىغىچە ئۇنىڭ ئىككى پۇتى ئۆز جايىدىن ھەركەتلەنمەيدۇ . ئۇلار : ئۆز ئۆمرىنى نىمىگە سەرىپ قىلغانلىقى ، ئۆز بەدىننى نىمىگە ئۇپراتقانلىقى ، ئۆز مال-دۇنياسىنى نىمىگە خەجلىگەنلىكى ۋە قەيەردىن تاپقانلىقى ۋە بىز ئەھلى بەيتنى دوست تۇتقان ياكى تۇتمىغانلىقى قاتارلىقلاردۇر ›› ①



① ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالا تەرەپتىن  بولغان ۋە كىشىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىشىنى  ، ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشى لازىم تۇتىدىغان بىرەر مەرتىۋىسى بولمىغان بولسا ، ئۇلارنى دوست تۇتۇش بۇنداق يۇقىرى ئورۇندا بولمايتى . بۇ ھەدىسنى تەبرانى ئىبنى ئابباستىن مەرفۇئ ھالەتتە بايان قىلدى . ئۇنى سىيۇتى ‹‹ ئىھياتۇل مەييىت ›› تا ۋە ئەننەبھانى ئۆزىنىڭ ‹‹ ئەربەئىنى ››دا ۋە كۆپىلىگەن ئالىملار نەقىل قىلدى .
13) پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) يەنە مۇنداق دىدى : ‹‹ ئەگەر بىر كىشى بارلىق ئۆمرىدە كەئبىنىڭ رۇكنىسى بىلەن مەقامى ئىبراھىمنىڭ ئوتتۇرسىدا سەپتە تۇرۇپ ناماز ئوقۇسا ، روزا تۇتسا ھالبۇكى ئۇ كىشى پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ ئەھلى بەيتىنى ئۆچ كۆرگۈچى بولسا ، ئۇ كىشى دوزاخقا كىرىدۇ ››②

② بۇ ھەدىسنى تەبرانى ۋە ھاكىم خۇددى سىيۇتى ‹‹ ئىھياتۇل مەييىت ›› تا ۋە ئەننەبھانى ئۆزىنىڭ ‹‹ ئەربەئىنى ››دا ۋە باشقا جايلاردىكىدەك بايان قىلىندى . بۇ ھەدىس پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ سىز يىقىندا ئاڭلىغان ھەدىستىكى سۆزگە ئوخشاشتۇر : ‹‹ مىنىڭ جىنىم ئۇنىڭ قولىدا بولغان ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى ، ھەرقانداق بەندىگە ئۆزىنىڭ قىلغان ياخشى ئەمىلى پەقەت بىزنىڭ ھەققىمىزنى توتنۇش بىلەنلا مەنپەئەت قىلىدۇ ›› . ئەگەر ئۇلارنى دۈشمەن تۇتۇش ئاللاھ تائالانى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى دۈشمەن تۇتۇشنىڭ ئورنىدا بولمىغان بولسا ، ئۇلارنى دۈشمەن تۇتقۇچىنىڭ ئەمەللىرى  گەرچە ئۇلار بارلىق ئۆمرىدە كەئبىنىڭ رۇكنىسى بىلەن مەقامى ئىبراھىمنىڭ ئۇتتۇرسىدا سەپتە تۇرۇپ ناماز ئوقۇغان ، روزا تۇتقان تەقدىردىمۇ ئۆچەپ كەتمەيتى . ئەگەر ئۇلار پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ ئىز باسارلىرى بولمىغان بولسا ئۇلارنىڭ بۇنداق چوڭ مەرتىۋىلىرى بولمايتى . ھاكىم ۋە ئىبنى ھەببان ئۆز سەھىسىدا –سىيۇتىنىڭ ‹‹ ئىھياتۇل مەييىت ›› ۋە ئەننەبھانىنىڭ ‹‹ ئەربەئىنى ›› دىكىدەك – ئەبى سەئىدتىن ئۇنىڭ مۇنداق دىەەنلىكىنى بايان قىلدى : پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) مۇنداق دىدى : ‹‹ مىنىڭ جىنىم ئۇنىڭ قولىدا بولغان ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى ھەرقانداق كىشى بىز ئەھلى بەيتنى دۈشمەن تۇتۇپلا قالسا ، ئۇكىشى دوزاخقا كىرىدۇ ›› . تەبرانى يەنە سىيۇتىنىڭ ‹‹ ئىھياتۇل مەييىت ›› ۋە ئەننەبھانىنىڭ ‹‹ ئەربەئىنى ››دىكىدەك - پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ نەۋىرسى ئىمام ھەسەندىن ئۇنىڭ مۇئاۋىيە ئىبنى خەدىجقا مۇنداق دىگەنلىكىى بايان قىلدى : ‹‹ سەن بىز ئەھلى بەيتنى دۈشمەن تۇتۇشتىن ساقلانغىن  ، چۈنكى پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) مۇنداق دىگەن : بىرەر كىشى بىزنى دۈشمەن تۇتۇپ ۋە بىرەر كىشى بىزگە ھەسەت قىلىپلا قالسا ، ئۇ كىشى قىيامەت كۈنىدە ھەۋزى كەۋسەردىن ئوتتىن بولغان قامچا بىلەن قوغلىنىدۇ ›› ۋە پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) خۇتبە ئوقۇپ  مۇنداق دىدى : ‹‹ ئى ئىنسانلار ! كىمكى بىز ئەھلى بەيتنى دۈشمەن تۇتسا ، ئاللاھ تائالا ئۇكىشىنى قىيامەت كۈنىدە يەھۇدى ھالەتتە جەملەيدۇ ›› . بۇ ھەدىسنى تبرانى ‹‹ ئەلئەۋسە ›› تە سىيۇتىنىڭ ‹‹ ئىھياتۇل مەييىت ›› ۋە ئەننەبھانىنىڭ ‹‹ ئەربەئىنى ››دىكىدەك ۋە باشقا كىتابلاردىكىدەك بايان قىلدى .

14) پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) يەنە مۇنداق دىدى : ‹‹ كىمكى مۇھەممەد  (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ ئەھلى بەيتىنى دوست تۇتۇشنىڭ ئۈستىگە ئۆلۈپ كەتسە ، شەھىد ھالەتتە ئۆلۈپ كىتىدۇ . ئاگاھ بولۇڭلاركى كىمكى مۇھەممەد  (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ ئەھلى بەيتىنى دوست تۇتۇشنىڭ ئۈستىگە ئۆلۈپ كەتسە ، كەچۈرۈم قىلىنغان ھالەتتە ئۆلۈپ كىتىدۇ . ئاگاھ بولۇڭلاركى كىمكى مۇھەممەد  (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ ئەھلى بەيتىنىڭ دوستلىقى ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتسە ، تۆۋبىسى قوبۇل بولغان ھالەتتە ئۆلۈپ كىتىدۇ . ئاگاھ بولۇڭلاركى كىمكى مۇھەممەد  (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ ئەھلى بەيتىنىڭ دوستلىقى ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتسە ، ئىمانى كامىل مۆئمىن ھالەتتە ئۆلۈپ كىتىدۇ . ئاگاھ بولۇڭلاركى كىمكى مۇھەممەد  (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ ئەھلى بەيتىنىڭ دوستلىقى ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتسە ، ئۇ كىشىگە ئەزرائىل ( ئەلەيھىسسالام ) ۋە نەكىر ۋە مۇنكىر جەننەت بىلەن بىشارەت بىرىدۇ . ئاگاھ بولۇڭلاركى كىمكى مۇھەممەد  (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ ئەھلى بەيتىنىڭ دوستلىقى ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتسە ، ئۇ كىشى تويى بولغان قىز ئىرىنىڭ ئۆيىگە داغدۇغىلىق يۆتكەلگەندەك جەننەتكە داغدۇغىلىق كىرىدۇ . بىلىپ قويۇڭلاركى كىمكى مۇھەممەد  (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ ئەھلى بەيتىنىڭ دوستلىقى ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتسە ، ئۇ كىشىنىڭ قەبىرسىدىن جەننەت تەرەپكە ئىككى ئىشىك ئىچىلىدۇ . ئاگاھ بولۇڭلاركى كىمكى مۇھەممەد  (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ ئەھلى بەيتىنىڭ دوستلىقى ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتسە ، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ قەبىرسىنى رەھمەت پەرىشتىلىرىنىڭ زىيارەت قىلىش ئورنى قىلىدۇ . ئاگاھ بولۇڭلاركى كىمكى مۇھەممەد  (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ ئەھلى بەيتىنى دوست تۇتقان ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە ، سۈننەتنىڭ ۋە جامائەتنىڭ ئۈستىگە ئۆلۈپ كىتىدۇ . ئاگاھ بولۇڭلاركى كىمكى مۇھەممەد  (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ ئەھلى بەيتىنى دۈشمەن تۇتقان ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە ، قىيامەت كۈنى ئۇ كىشىنىڭ پىشانىسىگە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن مەھرۇم بولغۇچى دەپ يىزىلغان ھالەتتە كىلىدۇ ›› ① .


① بۇ ھەدىسنى ئىمام سۇئلەبى ئۆزىنىڭ ‹‹ ئەلكەبىر ››ناملىق تەپسىردىكى مەۋەددە ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە جەرىير ئىبنى ئابدۇللاھ بەجەلى ئارقىلىق پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) دىن بايان قىلدى . ۋە بۇ ھەدىسنى زەمخەشەرى ئۆزىنىڭ ‹‹ ئەلكەششاف ›› ناملىق تەپسىردىكى شۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە بىرلىككە كىلىنگەن ھەدىس ئورنىدا بايان قىلدى . شۇ يەرگە قاراڭ .
مانا بۇ پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ ناھايتى تەسىرلىك مۇھىم خۇتبىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ، ئۇنى ھەرخىل ھاۋايى-ھەۋەسلەر ۋە پىكىرلەرگە رەددىيە بىرىش ئۈچۈن بايان قىلغان ئىدى .
يۇقارقى ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مەزمۇنلىرى مەخسۇسەن پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ پاك نەسلىلىرىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق بايان قىلىنغانلىرى مۇتەۋاتىردۇر . ئەگەر ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ يىتەرلىك ھۆججەتلىرى ، ئۇنىڭ شەرىئىتىنىڭ ساپ بۇلاقلىرى ، پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ بۇيرۇقلىرى ۋە چەكلىمىلىرىدىكى ئۇنىڭ ئىز باسارلىرى ۋە ئۇنىڭ رۇشەن ھىدايەت كۆرنۈشلىرىدىكى ۋەكىللىرى بولمىغان بولسا ، يۇقارقى ئالى مەرتىۋىلەر ئۇلارغا بىرىلمىگەن بولاتتى . شۇڭلاشقا ئۇلارنى شۇ مەنفى سەۋەبتىن ياخشى كۆرگۈچى ، ئاللاھ تائالانى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى دۈشمەن تۇتقۇچىدۇر .
بۇ ھەقتە پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) مۇنداق دىدى : ‹‹ بىز ئەھلى بەيتنى تەقۋا مۆئمىن كىشىلا ياخشى كۆرىدۇ ۋە بىزنى پەقەت بەختسىز مۇناپىق كىشىلا يامان كۆرىدۇ ›› ①


①    بۇ ھەدىسنى موللا سەۋائىقىنىڭ 11-بابى 14-ئايەتتىكى مەخسەتلەردىن بولغان 2-مەخسەتتە بايان قىلدى .
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئەھلى بەيتلەر توغىرسىدا فەرەزدەق مۇنداق دىدى :  ئۇلار بولسا ئۇلارنى ياخشى كۆرۈشتىن ۋە يامان كۆرۈش مۇسۇلمان بىلەن كۇپۇرلۇقنىڭ چىگىرسى بولغان ھەمدە ئۇلارغا يىقىنلىشىش بولسا ، نىجاتلىق ۋە قوغدىنىش ئىلىپ كىلىدىغان كىشىلەردۇر ، ئەگەر تەقۋا كىشىلەر سانالسا ، ئۇلار ئۇلارنىڭ يىتەكچىلىرى بولىدىغان  ياكى زىمىن ئەھلىنىڭ ئەڭ ياخشىسى كىم دىيىلسە ، ئۇلار دۇر دەپ جاۋاب بىرىلىدىغان كىشىلەردۇر .ئەمىرەلمۇئمىنىين ئەلى ( كەررەمەللاھۇ ۋەجھۇ ) مۇنداق دەيتتى : ‹‹ شەكسىزكى مەن ، پاك ئەجداتلىرىم ۋە مىنىڭ نەسلىلىرىمنىڭ ياخشى كىشىلىرى بولساق كىچىكلىكتە ئەڭ سەۋىرچان ، چوڭلۇقتا ئەڭ بىلىملىك كىشىلەردۇرمىز ، ئاللاھ تائالا بىز ئارقىلىق يالغانچىلىقنى يوقىتىدۇ ۋە بىز ئارقىلىق غالجىر بۆرىلەرنىڭ يىرىتقۇچ چىشلىرىنى قومۇرۇپ تاشلايدۇ ، بىز ئارقىلىق سىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىڭلارنى ھەل قىلىدۇ ۋە سىلەرنىڭ بويۇنلىرىڭلاردىكى تاقاقلارنى ئىلىپ تاشلايدۇ ۋە بىز بىلەنلا باشلايدۇ ۋە ئاخىرلاشتۇرىدۇ  ››①
بىز ئۈچۈن ئۇلارنى مۇقەددەم قىلىشتا ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى باشقىلاردىن مۇقەددەم قىلغانلىقى كۇپايىدۇر ھەتتاكى ئاللاھ تائالا ئۇلارغا دۇرۇت يوللاشنى ئۆزىنىڭ بارلىق بەندىلىرىگە پەرىز قىلغان نامازنىڭ بىر قىسمى قىلدى ،
① بۇ ھەدىسنى ئابدۇلغەنى ئىبنى سەئىد ‹‹ئيزاھۇل ئىشكال››بدا بايان قىلدى . بۇ ھەدىس ‹‹كەنزۇل ئۇممال›› نىڭ 6-قىسمى 396-بەتنىڭ ئاخىرسىدىكى 6050-ھەدىستۇر .
شۇڭلاشقا ئۇلارغا دۇرۇت-سەلۋات يوللاشسىز دۇنيادىكى بىرەر ئادەمنىڭ نامىزى ، ئۇ ناماز ئوقۇغۇچى سىددىق بولسۇن ياكى بىر نۇرنىڭ ياكى ئىككى نۇرنىڭ ۋە ياكى كۆپ نۇرنىڭ ئىگىسى بولسۇن ئوخشاشلا قوبۇل بولمايدۇ .
بەلكى ئاللاھ تائالاغا پەرىز ئىبادەتلەر بىلەن ئىبادەت قىلغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالاغا ئىككى گۇۋاھلىق بىلەن ئىبادەت قىلغاندەك ، ناماز ئوقۇش جەريانىدا ئۇلارغا دۇرۇت يوللاش بىلەن ئىبادەت قىلىشى كىرەك . مانا بۇلار بولسا ئۈممەتنىڭ كاتتا باشلىرى تەسلىم بولغان ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا سىلەر تىلغا ئالغان جۇمھۇر مەزھەب ئىماملىرىنىڭ كۆزلىرى چەكچەيگەن مەرتىۋىلەردۇر . ئۇلار توغۇرلۇق ئىمام شافىئى مۇنداق دىدى : ‹‹ ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۆي ئەھلى ! سىلەرنى ياخشى كۆرۈش بولسا ئاللاھ تائالا تەرەپتىن ئۇ قۇرئاندا نازىل قىلغان  قۇرئاندا پەرىزدۇر ، سىلەرگە پەزىلەت جەھەتتە شۇ كۇپايەدۇركى ، ھەركىم سىلەرگە دۇرۇت يوللىمىسا ئۇ كىشىنىڭ نامىزى قوبۇل بولمايدۇ›› ①

① بۇ ئىككى بىيىت شىئىر بولسا ئىمام شافىئىنىڭ مەشھۇر مەدىھلىرى بولۇپ ، ئۇ ناھايتى كەڭرى تارقالغان ۋە مەشھۇر بولغاندۇر . ئۇ ئىككى شىئىرنى كۆپلىگەن ئىشەنچىلىك ئالىملار ئىتتىپاق كىلىنگەن مەسىلە ئورنىدا  ئۇنىڭدىن بايان قىلدى . خۇددى ئىبنى ھەجەر ئۆز سەۋائىقىنىڭ 88- بىتىدىكى ئاللاھ تائالانىڭ : ﴿ شەكسىزكى ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ پەرىشتە مەلائىكىلىرى پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەمگە دۇرۇت يوللايدۇ ) ﴾ دىگەن سۆزىنىڭ تەپسىرىدە ، ئەننەبھانى ‹‹ ئەششەرفۇل مۇئەببەد ››نىڭ 99-بىتىدە ، ئىمام ئەبىق بەكر ئىبنى شىھابۇددىن ‹‹رەشىفەتۇس سادى ›› دا ۋە باشقا كۆپلىگەن ئالىملار بايان قىلغاندەك .

ئەمدى بىز ئەھلى بەيتنىڭ يولىنى تۇتۇش ۋە ئۇلارنىڭ كۆز-قارشىغا ئۇيغۇن يول تۇتۇشنىڭ ۋاجىپلىقىغا دالالەت قىلىدىغان مۇقەددەس سۈننەتتىكى دەلىللەرنى بايان قىلىشتا مۇشۇنچىلىك مىقداردا بولدى قىلىمىز ۋە ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىدا يۇقارقىنى ۋاجىپ قىلىدىغان ئايەتلەر بار بولۇپ ، بىز ئۇنى سىلەرنىڭ ئەقلى گۇۋاھلىقىڭلارغا ۋە رۇشەن زىھنىڭلارغا تاپشۇرمىز . سىلەر بولساڭلار بىرقىسىم كۆرسۈتۈپ قويۇش كۇپايە قىلىدىغان ۋە ئىشارەت قىلىش ئاشكارا كۆرسۈتۈپ قويۇشتىن بىھاجەت قىلىدىغان كىشىلەردۇرسىلەر ، بارلىق ئادەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانالەر بولسۇن .



قۇرئان كەرىمدىن بولغان پاكىتلار :

بىرەر كىشىگە قۇرئان كەرىمنىڭ رۇشەن ئايەتلىرىدىن پاك نەسەپلىك ئەھلى بەيت ھەققىدە چۇشكەندەك كۆپ ئايەتلەر چۇشتىمۇ ؟
قۇرئان كەرىمنىڭ مەھكەم ئايەتلىرى ئۇلاردىن باشقا كىشلەردىن نىجسلىقنى كەتكۇزۇشكە ھۆكۈم قىلدىمۇ؟ ①
بارلىق دۇنيادىكى بىرەر ئادەم ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يۇقاردىكى گۇناھتىن پاكلاش ئايىتىدەك بىرەر ئايەت بارمۇ ؟ ②


① سۈرە ئەھزابنىڭ تۆۋەندىكى 33-ئايىتى ئۇلاردىن نىجسلىقنى كەتكۇزگەندەك : ( ئى پەيغەمبەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ! ئاللاھ سىلەردىن گۇناھنى ساقىت قىلىشنى ۋە سىلەرنى تامامەن پاك قىلىشنى خالايدۇ )
②    ياق بىرەر كىشىنىڭ ئۇنداق ئايىتى يوق، پەقەت ئۇلارلا شۇ ئايەتكە خاس قىلىنغان بولۇپ ، ئۇلارغا بىرەر كىشى قوشۇلالمايدۇ ۋە ئۇلارغا يىتىشنى بىرەر كىشى تاما قىلالمايدۇ.

قۇرئان كەرىمنىڭ مەھكەم ئايىتى ئۇلاردىن باشقا كىشىنى دوست تۇتۇشنىڭ پەرىزلىكىگە ھۆكۈم قىلدىمۇ ؟①
جىبرىئىل (ئەلەھىسسالام) مۇباھىلە ئايىتىنى ئۇلاردىن باشقا كىشىگە ئىلىپ چۈشتىمۇ ؟②

① ياق، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى باشقىلاردىن ئارتۇق قىلىپ ، ئۇلارنى شۇنىڭغا خاس قىلدى ۋە مۇنداق دىدى: پەيغەمبەرلكنى تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايمەن ، پەقەت يىقىن ئۇرۇق- تۇغقانلىرىم (ئەھلى بەيتىم)نى دۇست تۇتىشىڭلارنى تىلەيمەن ، دىگىن . كىمكى بىرەر ياخشى ئىش قىلسا ( ئۇلارنى دۇست تۇتسا ) ئۇنىڭغا بىز ساۋاپنى كۆپەيتىپ بىرىمىز ، (ئۇلانى دوست تۇتقۇچىلارنى ) ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ناھايتى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاپ بەرگىچىدۇر.
(سۇرە شۇرا ،23-ئايەت .)
② ياق ، جىبرىيىل (ئەلەيھىسسالام ) مۇباھىلە ئايىتىنى خاس ئۇلارغا ئىلىپ چۈشتى ۋە ئاللاھ تائالا مۇنداق دىدى : سەن ئۇلارغا ‹‹ كىلىڭلار ، ئوغۇللىرىمىزنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى ....››
(سۇرە ئال ئىمران 61-ئايەت.)


سۈرە ‹‹ ئەلئىنسان ›› ( ھەل ئەتا ) ئۇلاردىن باشقا كىشىلەرنى مەدىھلەش توغىرسىدا كەلدىمۇ ؟ ياق ، ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى ئاللاھ ئۇ سۈرىنى پەقەت شۇلار ئۈچۈن چۈشۈردى ①

① ئۇ سۈرە ‹‹ئەل ئىنسان›› نىڭ ئۇلار ھەققىدە ۋە ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرى ھەققىدە نازىل بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ . كىمكى گۇناھتىن پاكلاش ئايىتى ، مۇباھىلە ئايىتى ، يىقىن ئۇرۇق-تۇققانلارنى دوست تۇتۇش ئايىتى ۋە ئەلئىنسان سۈرىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىكى رۇشەن ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇشنى خالىسا ، بىزنىڭ ‹‹كەلىمەتۇل غەررائ ›› ناملىق كىتابىمىزغا قارىسۇن ، چۈنكى ئۇ ھەرقابداق كىسەلگە شىپادۇر ۋە ئۇ ئارقىلىق دۈشمەنلەرنىڭ تەرسالىقىغا رەددىيە بىرىلدى  ۋە بىلىمسىزلارنىڭ قاغىلىرى قوغلىۋىتىلدى ، ئاللاھقا كۆپلەپ مەدىھلەر بولسۇن .

ئۇلار بولسا ئاللاھ تائالانىڭ تۆۋەندىكى سۆزىدىكى ئاللاھنىڭ ئارغامچىلىرى ئەمەسمۇ ؟ سىلەر ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا مەھكەم يىپىشىڭلار ۋە ئايرىلماڭلار ②

② ئىمام سۈئلەبى ئۆزىنىڭ ‹‹ئەلكەبىير›› ناملىق تەپسىرىدە بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى توغرسىدا ئەبان ئىبنى تەغلىپكە ئىسناد قىلىپ ئىمام جەئفىر سادىقنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى بايان قىلدى : ‹‹ بىز بولساق ئاللاھنىڭ تۆۋەندىكى سۆزىدىكى ئارغامچىدۇرمىز ››. ئاللاھ تائالا مۇنداق دىدى : ﴿ سىلەر ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا يىپىشىڭلار ۋە ئايرىلماڭلار  ﴾
 ( سۈرە ئال ئىمران 103-ئايەت ) ، ئىبنى ھەجەر بۇ ئايەتنى ئۇلارنىڭ ھەققىدە نازىل بولغان ئايەتلەرنىڭ قاتارىدا سانىدى ۋە ئۇ ئىبنى ھەجەرنىڭ ‹‹ سەۋائىقۇل مۇھرىقە ›› ناملىق كىتابى 11-باب ، 1-بۆلۈمدە كەلتۈرگەن ئايەتلەردىن بولغان 5-ئايەت بولۇپ ، ئۇنىڭ تەپسىرىدە سىز يۇقاردا ئاڭلىغان ئىمام جەئفىر سادىقنىڭ سۆزىنى سۇئلەبىدىن نەقىل قىلدى . ئىمام شافىئى ئىمام ئەبى بەكر ئىبنى شىھابۇددىنىڭ ‹‹ رەشفەتۇس سادى ›› ناملىق كىتابىدىكىدەك – مۇنداق دىدى : مەن كىشىلەرنىڭ مەزھەبلىرىنىڭ ئۇلارنى ئازغۇنلۇق ۋە نادانلىق دىڭىزىغا ئىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ۋاقتىمدا ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن نىجاتلىق پاراخوتىغا چىقتىمكى ئۇ بولسا پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى بولغان مۇھەممەد مۇستاپا ( سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم ) نىڭ ئەھلى بەيتىدۇر ۋە مەن ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا چىڭ ئىسىلىشقا بۇيرۇلغىنىمىزغا ئۇيغۇن ھالدا ئۇ ئارغامچىغا چىڭ ئىسىلدىم ئۇ ئارغامچا بولسا ئۇ ئەھلى بەيت كىشىلىرىنى دوست تۇتۇشتۇر .
ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزىدىكى راستچىللار ئەمەسمۇ ؟ راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار (سۈرە تۆۋبە 119-ئايەت) ①

①    بۇ ئايەت (سۈرە تۆۋبە 119-ئايەت) تىكى راستچىللار بولسا بىزنىڭ سەھى مۇتەۋاتىر ھەدىسلىرىمىزنىڭ ھۆكىمى بىلەن  پەيغەمبەر ( سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسللەم ) ۋە ئۇنىڭ پاك نەسلىلىرى بولغان ئىماملاردۇر . ئۇ ھەدىسنى ھافىز ئەبۇ نەئىم ۋە مۇۋەپپەق ئىبنى ئەھمەد بايان قىلدى ۋە ئۇنى ئىبنى ھەجەر ئۆزىنىڭ ‹‹ سەۋائىقۇل مۇھرىقە ›› ناملىق كىتابى 11-باب 90-بەت ، 5-ئايەتنىڭ تەپسىرىدە ئىمام زەينۇل ئابىدىن (ئەلەيھىسسالام) نىڭ سۆزىدىن نەقىل قىلغان بولۇپ ئۇنى بىز 6-مەكتۇپنىڭ ئاىىرلىرىدا كەلتۇردۇق .

ئۇلار تۆۋەندىكى ئايەتتىكى ئاللاھ تائالانىڭ داغدام توغرا يولى ئەمەسمۇ ؟ بۇ مىنىڭ توغرا يولۇمدۇر ، شۇ يولدا مىڭىڭلار ۋە ناتوغرا يولدا ماڭماڭلار ، چۈنكى ئۇلار سىلەرنى توغرا يولدىن ئايرىۋىتىدۇ ... (سۈرە ئەنئام 153-ئايەت) ②

② ئىمام مۇھەممەد باقىر ۋە ئىمام سادىق (ئەلەيھىسسالام) مۇنداق دەيتتى : بۇ ئايەت (سۈرە ئەنئام 153-ئايەت) تىكى توغرا يول بولسا ئىمامدۇر ، ناتوغرا يوللارغا ئەگەشمەڭلار يەنى گۇمراھ ئىماملارغا ئەگەشمەڭلار ، ئۇلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋىتىدۇ دىگەنلىكتۇر ۋە بىز بولساق ئاللاھ تائالانىڭ يولىدۇرمىز .



ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ تۆۋەندىكى سۆزىدىكى ئىش ئىگىلىرى ئەمەسمۇ ؟  ئى مۆئمىنىلەر ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزەڭلاردىن بولغان ئىش ئۇستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار (سۈرە نىسا 59-ئايەت) ① 

①    سىقەتۇل ئىسلام مۇھەممەد ئىبنى يەئقۇب كۇلەينى ئۆزىنىڭ بۇرەيدە ئەلئەجەلىدىن بولغان سەھى ئىسنادى بىلەن مۇنداق بايان قىلدى : مەن ئابا جەئفەر مۇھەممەد باقىر (ئەلەيھىسسالام) دىن ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزى : ﴿ ئى مۆئمىنلەر ! ئاللاھقا ،پەيغەمبەرلەرگە ۋە ئۆزەڭلاردىن  بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار ... ﴾ (سۈرە نىسا 59-ئايەت)  توغىرسىدا سۇئال قىلدىم ۋە ئۇنىڭ جاۋابى سۈرە نىسانىڭ 50-ئايىتىدىن 55-ئايىتىگىچە مۇنداق بولدى : ﴿ كىتابتىن نىسىۋە بىرىلگەنلەرنى كۆرمىدىڭمۇ ؟ ئۇلار بۇتقا ۋە شەيتانغا ئەگىشىدۇ ، كاپىرلارنى كۆرسۈتۈپ : بۇلارنىڭ يولى ئىيمان ئىيتقانلارنىڭكىدىن تىخىمۇ توغرىدۇر دەيدۇ ، ( ئۇلار گۇمراھلىقلارنىڭ ئىماملىرىغا ۋە دوۋزاخقا چاقىرغۇچىلارغا : ئۇلارنىڭ يولى مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ ئەھلى بەيتىنىڭكىن توغرىراقتۇر ، دەيدۇ ) ئەنە شۇلار ئاللاھ رەھمىتىدىن يىراق قىلغان كىشىلەردۇر . ئاللاھ كىمنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدىكەن ئۇنىڭغا ھىچبىر مەدەتكار تاپالمايسەن ياكى ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقتىن (ئىماملىق ۋە خەلىپىلىكتىن) نىسىۋىسى بارمۇ ؟ ئەگەر بولىدىغان بولسا ئۇلار كىشىلەرگە قىلچىلىك نەرسە بەرمەيتتى ياكى ئۇلار ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن كىشىلەرگە بەرگەن نەرسىلەرگە ھەسەت قىلىشامدۇ ؟ ( بىز بولساق ئاللاھ تائالا كىشىلەرگە بەرمەي بىزگە بەرگەن ئىماملىققا ھەسەت قىلىنغۇچىلاردۇرمىز ) بىز ھەقىقەتەن ئىبراھىم (ئەلەيھىسسالام) ئەۋلادىغا كىتاب ، ھىكمەت بەردۇق ۋە ئۇلارغا بۈيۈك پادىشاھلىق بەردۇق ( ئاللاھ تائالا : بىز ئۇلاردىن پەيغەمبەرلەرنى ۋە ئىماملارنى چىقاردۇق دەۋاتىدۇ ،ئىنسانلار نىمىشقا ئىبراھىم (ئەلەيھىسسالام) نىڭ ئەھلى بەيتىدىكى پەيغەمبەرلەر ۋە ئىماملارنى ئىتىراپ قىلىدۇ ۋە مۇھەممەد ( سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم ) نىڭ ئەھلى بەيتىدىكى ئىماملارنى ئىنكار قىلىدۇ ؟ ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇ مۇھەممەد ( سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم ) گە ئىمان ئىيتقانلارمۇ بار ، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىگەنلەرمۇ بار ، ئۇلارغا جەھەننەمنىڭ يىنىپ تۇرغان ئوتى يىتەرلىكتۇر  ﴾



ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ تۆۋەندىكى سۆزىدىكى ئىلىم ئەھلىلىرى ئەمەسمۇ ؟ ئەگەر بۇنى بىلمىسەڭلار ئىلىم ئەھلىلىرىدىن سوراڭلار . ① (سۈرە نەھل 43-ئايەت)
ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزىدىكى مۆئمىنلەر ئەمەسمۇ ؟ كىمكى ئۆزىگە توغرا يول ئىنىق بولغاندىن كىيىن پەيغەمبەرگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىدىكەن ۋە مۆئمىنلەرنىڭ يولىنىڭ غەيرىگە ئەگىشىدىكەن ، بىز ئۇنى ئۆز يولىغا قويۇپ بىرىمىز ۋە ئۇنى جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز ... (سۈرە نىسا 115-ئايەت) ②

① سۇئلەبى ئۆزىنىڭ ‹‹ ئەلكەبىير ›› ناملىق تەپسىرىدىكى بۇ ئايەت (سۈرە نەھل 43-ئايەت) نىڭ مەنىسى توغىرسىدا جابىر (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) نىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى بايان قىلدى : بۇ ئايەت نازىل بولغان چاغدا ئىمام ئەلى (كەررەمەللاھۇ ۋەجھۇ) مۇنداق دىدى : ‹‹ بىز بولساق بىلىم ئەھلىدۇرمىز ›› مانا بۇ باشقا ھىدايەت ئىماملىرىدىنمۇ رىۋايەت قىلىنغان سۆزدۇر . ئەللامە بەھرەينى ‹‹ غايەتۇل مەرام ›› 35-بابتا بۇ مەزمۇن توغۇرلۇق 20 نەچچە سەھى ھەدىس بايان قىلدى .
 ② ئىبنى مەردۇۋى بۇ ئايەت (سۈرە نىسا 115-ئايەت) نىڭ تەپسىرى توغىرسىدا مۇنداق بايان قىلدى : بۇ ئايەتتىكى پەيغەمبەر ( سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم ) گە مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن مەخسەت ئۇنىڭغا ئىمام ئەلى ئەلى (كەررەمەللاھۇ ۋەجھۇ) توغىرسىدا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتۇر ۋە ھىدايەتنىڭ ئاشكارا بولىشىدن مەخسەتمۇ ئىمام ئەلى ئەلى (كەررەمەللاھۇ ۋەجھۇ) نىڭ مەقامىدۇر ھەمدە ئەياشىمۇ ئۆزىنىڭ تەپسىرىدە مۇشۇنۇڭغا ئوخشاش بايان قىلدى . مۆئمىنلەرنىڭ يولىدىن مەخسەت ئۇ ئەھلى بەيتنىڭ يولى ئىكەنلىكى توغىرسىدا پاك نەسەپلىك ئىماملارنىڭ يولىدىن بولغان سەھى ھەدىسلا مۇتەۋاتىردۇر .

ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ تۆۋەندىكى سۆزىدىكى ھىدايەت قىلغۇچىلار ئەمەسمۇ ؟ ... سەن بولساڭ پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى ، ھەر قەۋمنىڭ بىر ھىدايەت قىلغۇچىسى بولىدۇ (سۈرە رەئد 7-ئايەت) ①


① سۇئلەبى ئۆزىنىڭ ‹‹ ئەلكەبىير ›› ناملىق تەپسىرىدىكى بۇ ئايەت (سۈرە رەئد 7-ئايەت ئايەت) نىڭ تەپسىرىدە ئىبنى ئابباس (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) نىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى بايان قىلدى : ۇ ئايەت نازىل بولغان چاغدا مۇنداق دىدى : پەيغەمبەر ( سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم )ئۆزىنىڭ قولىنى مەيدىسىگە قويۇپ مۇنداق دىدى : ‹‹ مەن بولسام ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە ئەلى (ئەلەيھىسسالام) ھىدايەت قىلغۇچىدۇر . ئى ئەلى ھىدايەت تاپقۇچىلار سەن بىلەن ھىدايەت تاپىدۇ  ›› ، بۇ ھەدىسنى كۆپلىگەن مۇپەسسىرلەر ۋە مۇھەددىسلەر ئىبنى ئابباستىن ۋە مۇھەممەد ئىبنى مۇسلىمدىن ئۇنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى بايان قىلدى : مەن ئەبا ئابدۇللا جەئفىر سادىق (ئەلەيھىسسالام) دىن بۇ ئايەت توغىرلىق سۇئال سورىدىم ، ئۇ مۇنداق دىدى : ھەرقانداق ئىمام ئۆز زامانىسىدا ھىدايەت قىلغۇچىدۇر . ئىمام ئەبۇ جەئفەر مۇھەممەد باقىر (ئەلەيھىسسالام) بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دىدى : ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) دۇر ۋە ھىدايەت قىلغۇچى ئەلى (ئەلەيھىسسالام) دۇر . ئاندىن كىيىن ئىمام مۇھەممەد باقىر (ئەلەيھىسسالام) مۇنداق دىدى : ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى بۇ ئايەت قىيامەت كۈنىگىچىلىك بىزنىڭ ھەققىمىزدە داۋاملىشىدۇ .
ئۇلار ئاللاھ تائالا ئىنئام قىلغان ۋە تۆۋەندىكى تەكرارلىنىدىغان يەتتە ئايەتلىك سۈرە ۋە كاتتا قۇرئان ھىسابلىنىدىغان سۈرە (سۈرە فاتىھە) دە كۆرسىتىلگەن كىشىلەر ئەمەسمۇ ؟ ... بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن ، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغىن . (سۈرە فاتىھە مەككىدە نازىل بولغان 7 ئايەت) ②

② سۇئلەبى ئۆزىنىڭ ‹‹ ئەلكەبىير ›› ناملىق تەپسىرىدىكى سۈرە فاتىھەنىڭ تەپسىرىدە ئەبۇ بۇرەيدە دىن مۇنداق بايان قىلدى : توغرا يول بولسا مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەھلى بەيتىنىڭ يولىدۇر . ۋەكىئ ئىبنى جەرراھنىڭ تەپسىرىدە سۇپيان سەۋرىدىن ، ئۇ سۇدادتىن ، ئۇ ئەسباتتەىن ، ئۇ مۇجاھىتتىن ، ئۇ ئىبنى ئابباستىن ئاللاھ تائالانىڭ (بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن) دىگەن سۆزى توغىرسىدا ئۇنىڭ مەنىسى مۇنداقتۇر دەپ بايان قىلىندى : بىزنى مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ ۋە ئەھلى بەيتىنىڭ دوسلىقىغا باشلىغىن دەڭلار .

ۋە ئاللاھ تائالا مۇنداق دىدى : كىملەركى ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن ، ئۇلار ئاللاھنىڭ نىئمىتىگە ئىرىشكەن پەيغەمبەرلەر ، سىددىقىلار ، شەھىيدلەر ۋە سالىھ (ياخشىلار) بىلەن بىللە بولىدۇ .①

① ئۇلار بولسا سىددىقلار ، شەھىدلەر ، ۋە ياخشى كىشىلەرنىڭ خوجايىنلىرىدىن بولغان ئەھلى بەيت ئىماملاردۇر ، بۇ ھەقتە ھىچقانداق ئىختىلاپ يوقتۇر (سۈرە نىسا 69-ئايەت)
ئاللاھ تائالا ئۇمۇميۇزلۇك ۋىلايەتنى (ئاممىنىڭ خەلىپىلىكىنى) ئۇلارغا ئاتا قىلمىدىمۇ ؟ ئۇنى پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) دىن كىيىن ئۇلارغا خاس قىلمىدىمۇ ؟ ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ئايەتنى ئوقۇپ باقايلى : شۆبىھسىزكى سىلەرنىڭ دوستۇڭلار ئاللاھتۇر ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدۇر ۋە مۆئمىنلەردۇركى بۇ مۆئمىنلەر تەئدىيل ئەركان بىلەن ناماز ئۆتەيدۇ ۋە زاكات بىرىدۇ ھالبۇكى ئۇلار رۇكۇئ قىلغۇچىلاردۇر ، كىمكى ئاللاھنى ، ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى ۋە مۆئمىنلەرنى دوست تۇتىدىكەن (ئۇ ئاللاھنىڭ جامەسىدۇر) چۈنكى ئاللاھنىڭ جامەسى غالىپتۇر . (سۈرە مائىدە 55 ۋە 56-ئايەت) ②
② بارلىق مۇپەسسىرلەر – خۇددى ئەشائىرە ئىماملاردىن بولغان قوشجى ئۆزىنىڭ ‹‹شەرھۇد تەجۋىيد›› ناملىق كىتابىدىكى ئىماملىق تىمىسىدا ئىتىراپ قىلغاندەك – بۇ ئايەت (سۈرە مائىدە 55- ۋە 56-ئايەت) ئەلى (ئەلەيھىسسالام) نامازدا رۇكۇ قىلغان ھالەتتە سەدىقە بەرگەندە نازىل بولغان ، دەپ ئىتتىپاق كەلدى . نەسەئى ئۆز سەھىسىدا بۇ ئايەتنىڭ ئەلى(ئەلەيھىسسالام) نىڭ ھەققىدە نازىل بولغانلىقىنى ئابدۇللا ئىبنى سالامدىن بايان قىلدى ۋە بۇ ئايەتنىڭ ئەلى (ئەلەيھىسسالام) نىڭ ھەققىدەا نازىل بولغانلىقىنى ‹‹ئەلجەمئۇ بەينەس سىھاھ ئەسسىتتە›› نىڭ مۇئەللىپى سۈرە مائىدەنىڭ تەپسىرىدە كەلتۈردى ۋە سۇئلەبى ئۆزىنىڭ ‹‹ئەلكەبىير›› ناملىق تەپسىرىدە بۇ ئايەتنىڭ ئەلى (ئەلەيھىسسالام) نىڭ ھەققىدە نازىل بولغانلىقىنى بايان قىلدى ، بۇنى بىز بۇ ئايەتنى كەلتۈرگەن چاغدا چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز .

ئاللاھ تائالا تۆۋبە قىلغان ، ئىمان ئىيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرنى كەچۈرۈم قىلىشنى ئەھلى بەيتنىڭ ۋىلايىتىگە ھىدايەت تىپىش بىلەن شەرت قىلمىدىمۇ ؟  چۈنكى بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دىدى : تۆۋبە قىلغان ، ئىمان ئىيتقان ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ، ئاندىن توغرا يولدا ماڭغان ئادەمنى مەن ئەلۋەتتە ناھايتى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇرمەن . (سۈرە تاھا 82-ئايەت) ① 

① ئىبنى ھەجەر ‹‹سەۋائىقۇل مۇھرىقە››نىڭ 11-باب 1- بۆلەكتە مۇنداق دىدى : 8-ئايەت ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزىدۇر :
﴿ تۆۋبە قىلغان ، ئىمان ئىيتقان ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ، توغرا يولدا ماڭغان ئادەمنى مەن ئەلۋەتتە ناھايتى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇرمەن ﴾  . (سۈرە تاھا 82-ئايەت)
سابىت ئەلبەنانى مۇنداق دىدى : توغرا يولدا ماڭغان يەنى پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ ئەھلى بەيتىنىڭ ۋىلايىتىەە ئەگەشكەن ، دىگەنلىكتۇر . ئۇ يەنە مۇنداق دىدى : بۇ مەزمۇن ئىمام ئەبۇ جەئفەر مۇھەممەد باقىر (ئەلەيھىسسالام) دىنمۇ بايان قىلىندى . ئاندىن كىيىن ئىبنى ھەجەر ئەھلى بەيت ئىماملارنىڭ يولىغا ئەگەشكەنلەرنىڭ نىجات تاپىدىغانلىقى توغىرسىدا كۆپلىگەن ھەدىس رىۋايەت قىلدى ۋە ئۆزىنىڭۇ ئىمام مۇھەممەد باقىر (ئەلەيھىسسالام) دىن نەقىل قىلغان سۆزىدە ئۇ ئىمامنىڭ ھارىس ئىبنى يەھياغا دىگەن تۆۋەندىكى سۆزىنىمۇ كۆرسۈتۈپ ئۆتتى : ئى ھارىس ئاللاھ تائالانىڭ قانداق شەرت قىلغانلىقىغا ۋە ھىچقانداق ئىنسانغا تەۋبە ، ئىمان ۋە ياخشى ئەمەللەرنىڭ ھەتتا بىزنىڭ ۋىلايىتىمىزگە ئەگەشكەنەە قەدەر مەنپەئەت بەرمەيدىغانلىقىغا قارىمامسەن . ئاندىن كىيىن بۇ ئىمام ئۆزىنىڭ چوڭ دادىسى ئەمىرەلمۇئمىنىين ئەلى (ئەلەيھىسسالام) غا بولغان ئىسنادى بىلەن مۇنداق دەپ بايان قىلدى : ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى ئەگەر بىرەر كىشى تەۋبە قىلسا ، ئىيمان ئىيتسا ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلسا ئەمما بىزنىڭ ۋىلايىتىمىزگە ئەگەشمىسە ۋە بىزنىڭ ھەققىمىزنى تونۇمىسا ، ئۇنىڭ قىلغان ئەمەللىرى ئۇنىڭدىن ھىچ نەرسىنى بىھاجەت قىلالمايدۇ .
ئۇلارنىڭ ۋىلايىتى ئاللاھ تائالانىڭ تۆۋەندىكى سۆزىدىكى ئامانەتنىڭ جۈملىسىدىن ئەمەسمۇ ؟  شۆبھسىزكى بىز ئامانەتنى ئاسمانلارغا ۋە زىمىنغا ۋە تاغلارغا تەڭلىدۇق ، ئۇلار ئۇنى ئۈستىگە ئالمىدى ، ئۇنىڭدىن قورقتى ، ئۇنى ئىنسان ئۈستىگە ئالدى ، ئىنسان ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلغۇچىدۇر ، ھەقىقەتەن ناداندۇر . (سۈرە ئەھزاب 72-ئايەت) ②

② بۇ ئايەت (سۈرە ئەھزاب 72-ئايەت) نىڭمەنىسى توغىرسىدا تەپسىرى سافى ۋە ئەلى ئىبنى ئىبراھىمنىڭ تەپسىرىگە قاراڭ . ھەمدە ئۇنىڭدا ئىبنى بابۋەينىڭ ئىمام مۇھەممەد باقىر ، ئىمام جەئفىر سادىق ۋە ئىمام ئەلى رىزا (ئەلەيھىسسالام) لاردىن رىۋايەت قىلغان سۆزىگە ۋە ئەللامە بەھرەيننىڭ ‹‹ غايەتۇل مەرام ›› ناملىق كىتابىنىڭ 115-بابىدا بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرى توغىرسىدا كەلتۈرگەن ئەھلى سۈننەتنىڭ ھەدىسىغا قاراڭ .

ئۇلارنىڭ ۋىلايىتى تۆۋەندىكى ئايەتتە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا كىرىشكە بۇيرىغان سىلىم (ئىسلام) نىڭ جۈملىسىدىن ئەمەسمۇ ؟ ئى مۆئمىنلەر ئىسلام دىنىغا پۈتۈنلەي كىرىڭلار ، شەيتاننىڭ يوللىرىغا ئەگەشمەڭلار ... (سۈرە بەقەرە 208-ئايەت) ①

① ئەللامە بەھرەينى ئۆزىنىڭ ‹‹ غايەتۇل مەرام ›› ناملىق كىتابىنىڭ 224-بابىدا بۇ ئايەت (سۈرە بەقەرە 208-ئايەت) نىڭ ئەلى (ئەلەيھىسسالام) ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىدىن بولغان ئىماملارنىڭ ۋىلايىتى توغىرسىدا ۋە ئۇلاردىن باشقىلارغا ئەگىشىشتىن چەكلەش توغىرسىدا نازىل بولغانلىقى ھەققىدە بىزنىڭ سەھى ھەدىسلىرىمىزدىن بولغان 12 ھەدىسنى بايان قىلدى 223-بابتا ئىسفەھانى ئەلئۇمەۋى نىڭ بۇ ھەدىسىنى ئەلى (ئەلەيھىسسالام) دىن بىر قانچە يول ئارقىلىق رىۋايەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى .

ئۇلارنىڭ ۋىلايىتى ئاللاھ تائالانىڭ تۆۋەندىكى سۆزىدىكى نىئمەت ئەمەسمۇ ؟ ئاندىن كىيىن سىلەر نىئمەتلەردىن سۇئال-سوراق قىلىنىسىلەر (سۈرە تەكاسۇر 8-ئايەت) ②
② ئەللامە بەھرەينى ئۆزىنىڭ ‹‹ غايەتۇل مەرام ›› ناملىق كىتابىنىڭ 48-بابىدا بۇ ئايەت (سۈرە تەكاسۇر 8-ئايەت) تىكى نىئمەتلەر بولسا ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا پەيغەمبەر ( سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم ) نىڭ ، ئەمىرەلمۇئمىنىين ئەلى (ئەلەيھىسسالام) ۋە ئەھلى بەيتىنىڭ ۋىلايىتى ئارقىلىق بەرگەننىئمەتلەردۇر .

پەيغەمبەر ( سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم ) ئۇلارنىڭ ۋىلايىتىنى تەبلىغ قىلىشقا بۇيرۇلمىدىمۇ ؟
ۋە ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ تۆۋەندىكى سۆزىدە نى بۇ توغۇرلۇق گويا تەھدىت قىلغاندەك ناھايتى چىڭ تۇتمىدىمۇ ؟ ئى پەيغەمبەر پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزگىن ، ئەگەر تولۇق يەتكۈزمىسەڭ ، ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلمىغان بولىسەن ، ئاللاھ سىنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ ، ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن كافىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ . (سۈرە مائىدە 67-ئايەت) ① 

①    ئىمام ۋاھىدى ئۆزىنىڭ ‹‹ ئەسبابۇن نۇزۇل ›› دىگەن كىتابىدىكى سۈرە مائىدە دە بايان قىلغاندەك كۆپلىگەن مۇھەددىسلەر ئەبى سەئىيدىل خۇدرىدىن مۇنداق بايان قىلدى : بۇ ئايەت (سۈرە مائىدە 67-ئايەت) ‹‹غەدىير خۇم›› كۈنى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ ھەققىدە نازىل بولدى . بۇ سۆزنى ئىمام سۇئلەبى ئۆزىنىڭ تەپسىرىدە ئىككى ئىسناد بىلەن بايان قىلدى . ‹‹غايەتۇل مەرام›› دا بۇ مەنادا ئەھلى سۈننەت يولىدىن 9 ھەدىس ۋە شىيئەلەرنىڭ يولىدىن 8 ھەدىس باردۇر ، سىز ئۇ كىتابنىڭ 37- ۋە 38-بابلىرىغا قاراڭ .
پەيغەمبەر ( سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم ) غەدىير كۈنى ناھايتى پاساھەتلىك خۇتبە ئوقۇپ ، ئۆز خۇتبىسىدە ئەھلى بەيتنىڭ ۋىلايىتىنى ئاللاھ تەرپىدىن كەسكىن ھالدا ئوتتۇرغا قويمىدىمۇ ؟ ئاندىن كىيىن ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى : ... بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم ، سىلەرگە نىئمىتىمنى تاماملىدىم ، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم (سۈرە مائىدە 3-ئايەت) ①

① ئىمام ئەبۇ جەئفەر مۇھەممەد باقىر (ئەلەيھىسسالام) ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتى ئىمام ئەبۇ ئابدۇللا جەئفىر سادىق (ئەلەيھىسسالام) ئۆزلىرىنىڭ سەھى ھەدىسلىرىدە بۇنى ئوچۇق بايان قىلدى . ئەھلى سۈننەت ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) غا بولغان مەرفۇئ ئىسنادلىرى بىلەن بۇ مەنادا ناھايتى رۇشەن ھالدا 6 ھەدىس بايان قىلدى . بۇنىڭ تەپسىلاتى ‹‹غايەتۇل مەرام›› نىڭ 39- ۋە 40-بابلىرىدا بايان قىلىنغان ،
(سۈرە مائىدە 3-ئايەت)

شۇ غەدىير كۈنىدە ئۇلارنىڭ ۋىلايىتىنى ئاشكارە ئىنكار قىلغان ۋە پەيغەمبەر ( سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم ) بىلەن ئۈنلۈك تاكاللاشقان كىشىنى ئاللاھ تائالانىڭ قانداق قىلغانلىقىدىن خەۋىرىڭلار يوقمۇ ؟ ئۇ كىشى مۇنداق دىدى ؛ ئى ئاللاھ ! ئەگەر بۇ سۆز ئۆز دەرگاھىڭدىن  بولغان ھەقىقەت بولسا بىزگە ئاسماندىن تاش ياغدۇرغىن ياكى بىزلەرگە دەرتلىك ئازاب كەلتۈرگىن . ئاندىن كىيىن ئاللاھ تائال ئۇ كىشىگە ئىلگىرى پىل ئىگىلىرىگە ئاتقاندەك ساپال تاشنى ئاتتى ۋە شۇ ھالەتتە تۆۋەندىكى ئايەتنى نازىل قىلدى : بىر تىلىگۈچى ، كاپىرلارغا بولىدىغان ئازابنىڭ چۈشىشىنى تىلىدى ، ئۇنى ھىچ ئادەم قايتۇرالمايدۇ  (سۈرە مائارىج 1- ۋە 2-ئايەت) ②

② ئىمام سۇئلەبى ئۆزىنىڭ ‹‹ ئەلكەبىير ›› ناملىق تەپسىرىدە بۇ مەسىلىنى تەپسىلى بايان قىلدى ۋە بۇ مەسىلىنى ئەللامە مىسرى شەبلەنجى ئۆزىنىڭ ‹‹ نۇرۇل ئەبسار ›› ناملىق كىتابىدىكى ئەلى ( ئەلەيھىسسالام ) نىڭ ئەھۋالىدا نەقىل قىلدى . سىز ئۇنىڭ 71-بىتىگە قاراڭ  بۇمەسىلە مۇستەفىزدۇر . ئۇنى ھەلەبى ئۆز سىيرىسىنىڭ 3-قىسمىدىكى ھەججەتۇل ۋىدائىنىڭ ئاخىرلىرىدا تىلغا ئالدى ۋە ئۇنى ھاكىم مۇستەدرەكتە سۈرە مەئارىجنىڭ تەپسىرىدە باياان قىلدى . سىز ئۇنىڭ 2-قىسمى 502-بىتىگە قاراڭ . (سۈرە مائارىج 1- ۋە 2-ئايەت)

بۇ ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىنىڭ تەپسىرىدە بايان قىلىنغاندەك ، ئىنسانلار پات-پۇرسەتتە قىيامەت كۈنى ئەھلى بەيتنىڭ ۋىلايىتى توغىرسىدا سۇئال قىلىنىدۇ :  ئۇلارنى توختۇتۇپ تۇرۇڭلار ، چۈنكى ئۇلار سۇئال سوراق قىلىنىدۇ . ①

① ئەددەيلەمى ئەسسەۋائىق بۇ ئايەت (سۈرە ساففات 24-ئايەت) نىڭ تەپسىرى توغىرسىدا ئەبى سەئىد خۇدرىدىن پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى بايان قىلدى  : ئاللاھ تائالانىڭ ﴿ ئۇلارنى توختۇتۇپ تۇرۇڭلار ، چۈنكى ئۇلار سۇئال سوراق قىلىنىدۇ ﴾ دىگەن سۆزى توغىرسىدا ، يەنى ئەلىنىڭ ۋە ئەھلى بەيتىنىڭ ۋىلايىتىدىن سۇئال سوراق قىلىنىدۇ  ، دەپ رىۋايەت قىلىندى . ۋاھىدى يەنە مۇنداق دىدى : بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى شۇكى كىشىلەر ، ئۇلارنى پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) ۋەسىيەت قىلغاندەك ھەقىقى رەۋىشتە دوست تۇتتىمۇ ياكى ئۇنى زايا قىلىپ سەل قارىدىمۇ ؟ دىگەنلىك توغىرسىدا سۇئال قىلىنىدۇ ۋە شۇنىڭغا قارىتا سۈرۈشتە قىلىنىدۇ ۋە جازا يۈرگۈزىلىدۇ .

بۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەستۇر ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ۋىلايىتى بولسا تۆۋەندىكى ئايەتنىڭ تەپسىرىدە بايان قىلىنغاندەك ، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرنى ۋە ۋەسىيەت قىلىنغۇچىلارنى شۇ سەۋەبتىن ئەۋەتكەن ۋە ئۇنىڭغا دەلىل پاكىتلارنى تۇرغۇزغان مۇھىم مەسىللەرنىڭ قاتارىدىندۇر : سەندىن بۇرۇن بىز ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىمىزدىن سوراب باققىن ... ②
② بۇ ئايەت (سۈرە زۇخرۇف 45-ئايەت) نىڭ تەپسىرى توغىرسىدا ھافىز ئەبۇ نەئىم ئۆزىنىڭ ‹‹ ھىليە ›› دىگەن  كىتابىدا بايان قىلغان .

ھەمدە ئۇ تۆۋەندىكى ئايەتنىڭ تەپسىرىدە بايان قىلىنغاندەك ئاللاھ تائالا ئەلمىساقتا ئۇنىڭغا قارىتا ۋەدە ئالغان مەسىلىنىڭ جۈملىسىدىندۇر : ئۆز ۋاختىدا پەرۋەردىگارىڭ ئادەم بالىلىرىنى ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنىڭ پۇشتىدىن چىقاردى  ۋە ئۇلارنى ئۆزىگە گۇۋاھ قىلىپ : ‹‹ مەب سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئەمەسمۇ ؟ ›› دىدى . ئۇلار ھەئە دىيىشتى . ①


① سۈرە ئەئراف 172-ئايەت
ئادەم (ئەلەيھىسسالام) ئۆز پەرۋەردىگارىدىن ئەھلى بەيىت (ئەلەيھىسسالام) ئارقىلىق ۋەسىلە ئىزدەش سۆزلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدى ، ئاندىن ئۇنىڭ تۆۋبىسى قوبۇل بولدى . ②

② ئىبنى مەغازىلى ئەششافىئى ئىبنى ئابباستىن ئۇنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى بايان قىلدى : پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) ئۆز پەرۋەردىگارىدىن تاپشۇرۇپ ئالغان ، ئاندىن ئۇنىڭ تۆۋبىسى قوبۇل بولغان سۆزلەر توغىرسىدا سۇئال قىلىندى  ئاندىن پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) مۇنداق دىدى : ‹‹ ئادەم (ئەلەيھىسسالام) ئۆز پەرۋەردىگارىدىن مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم)، ئەلى (ئەلەيھىسسالام) ، فاتىمە (سالامۇللاھى ئەلەيھا) ، ھەسەن (ئەلەيھىسسالام)  ، ھۈسەين (ئەلەيھىسسالام) قاتارلىقلارنىڭ ھەققى بىلەن سۇئال قىلدى ، ئاندىن ئۇنىڭ تۆۋبىسى قوبۇل بولۇپ ئۇنىڭغا كەچۈرۈم قىلىندى ›› مانا بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرى توغىرسىدا بىزنىڭ قىشىمىزدىكى بايان قىلىنغان سۆزدۇر .

﴿ سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۇرغان چىغىڭدا ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ ... ﴾ بۇ ئايەتمۇ ئۇلار توغىرسىدىدۇر ، چۈنكى ئۇلار زىمىن ئەھلىنىڭ ئاللاھ تائالاغا بولغان ۋەسىلىسىدۇر .①
ئۇلار بولسا ئاللاھ تائالانىڭ تۆۋەندىكى سۆزىدىكى ھەسەت قىلىنغان كىشىلەردۇر : ... ياكى ئۇلار ئاللاھ ئۆزپەزلىدىن كىشىلەرگە بەرگن نەرسىگە ھەسەت قىلىشامدۇ ؟ ②

① سۈرە ئەنفال 33-ئايەت . ئىبنى ھەجەرنىڭ ‹‹ سەۋائىقۇل مۇھرىقە ›› ناملىق تەپسىرىنىڭ 11-بابتا 7-ئايەتنىڭ تەپسىرىدە كەلتۈرۈلگەن .
② سۈرە نىسا 54-ئايەت . ئىبنى ھەجەرنىڭ ‹‹ سەۋائىقۇل مۇھرىقە ›› ناملىق تەپسىرىنىڭ 11-بابتا 6-ئايەتنىڭ تەپسىرىدە كەلتۈرۈلگەن . ئىبنى مەغازىلى ئەششافىئى – سەۋائىقتىكى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە بايان قىلىنغاندەك – ئىمام مۇھەممەد باقىر (ئەلەيھىسسالام) دىن ئۇنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى بايان قىلدى : بىز بولساق ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى ھەسەت قىلىنغۇچى كىشىلەردۇرمىز . ‹‹ غايەتۇل مەرام ›› نىڭ 60- ۋە 61-بابلىرىدا بۇ ھەقتە ناھايتى رۇشەن بولغان 30 سەھى ھەدىس بار .




ئۇلار بولسا تۆۋەندىكى ئايەتتە تىلغا ئىلىنغان ئىلىمدە توشقانلاردۇر : ... ئىلىمدە توشقانلار ئىيتىدۇ : ئۇنىڭغا ئىشەندۇق ... ③



③ (سۈرە ئال ئىمران 7-ئايەت) ، سىقەتۇل ئىسلام مۇھەممەد ئىبنى يەئقۇب ئۆزىنىڭ سەھى ئىسنادى بىلەن ئىمام جەئفىر سادىق (ئەلەيھىسسالام) دىن ئۇنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى بايان قىلدى : بىز بولساق ئاللاھ تائالا بىزگە ئىتائەت قىلىشنى كىشىلەرگە پەرىز قىلغان ، بىز بولساق بىلىمدە توشقانلار ۋە بىز بولساق ھەسەت قىلىنغۇچىلاردۇرمىز ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دىدى : ﴿ ياكى ئۇلار ئاللاھ ئۆزپەزلىدىن كىشىلەرگە بەرگن نەرسىگە ھەسەت قىلىشامدۇ ؟ ﴾
ئۇلار تۆۋەندىكى ئايەتتىكى ئەئراف كىشىلىرىدۇر ... ئەئرافتا ئەھلى جەننەت ۋە ئەھلى دوزاخنىڭ ھەربىرىنى ئۇلارنىڭ سىيماسىدىن تونۇيدىغان ئادەملەر بولىدۇ ... ①

① سۈرە ئەئراف 46-ئايەت . سۇئلەبى ئۆز تەپسىرىدە بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى توغىرسىدا ئابباستىن ئۇنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى بايان قىبلدى : ئەئراف بولسا سىراتنىڭ ئۈسىتىدىكى ناھايتى ئۈستۈن بىر جايدۇر ، ئۇنىڭدا ئابباس ، ھەمزە ، ئەلى ۋە ئىككى قاناتلىق جەئفەر بار بولۇپ ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دوستلىرىنى ئۇلارنىڭ يۈزلىرنىڭ ئاقلىقى بىلەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ دۈشمەنلىرىنى ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنىڭ قارىلىقى بىلەن تونۇيدۇ ، ھاكىم ئۆزىنىڭ ئەلى (كەررەمەللاھۇ ۋەجھۇ) غا بولغان ئىسنادى بىلەن ئۇنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى بايان قىلدى : ‹‹ بىز قىيامەت كۈنىدە جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ ئوتتۇرسىدا تۇرىمىز ، كىمكى بىزگە ياردەم بەرسە ، ئۇنى بىز ئۇنىڭ بەلگىسىدىن تونۇپ ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزىمىز ۋە كىمكى بىزنى دۈشمەن تۇتسا ، ئۇنى بىز ئۇنىڭ بەلگىسىدىن تونۇۋالىمىز ›› . سەلمان فارسىنىڭ مۇنداق دىگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى : مەن پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ مۇنداق دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم : ‹‹ ئى  ئەلى (كەررەمەللاھۇ ۋەجھۇ) ! سەن ۋە سىنىڭ پەرزەنتلىرىڭدىن بولغان ۋەسىيەت قىلىنغۇچىلار ئەئرافتا بولىسىلەر ... ›› ، بۇ ھەدىسنى دار قۇتنى بايان قىلغان تۆۋەندىكى ھەدىس كۈچلەندۈرىدۇ : - سەۋائىقنىڭ 9-بابى 2-بۆلۈمنىڭ ئاخىردا بايان قىلىنغاندەك – ئەلى (كەررەمەللاھۇ ۋەجھۇ) ئۆمەر خەلىپىلىكنى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدا كىڭەشكە قويغان 6 كىشىگە ناھايتى ئۇزۇن سۆزلىگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ بىر قىسمى تۆۋەندىكىچە : ‹‹ مەن سىلەرگە ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەم قىلىمەنكى سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) ئۇنىڭغا : ئى  ئەلى (كەررەمەللاھۇ ۋەجھۇ) ! سەن بولساڭ قىيامەت كۈنى جەننەت بىلەن دوزاخقا تەقسىم قىلغۇچى دىگەن مەندىن باشقا بىرەر كىشى بارمۇ؟››  ئۇلار : ئاللاھ ئالىمدۇركى ، ياق دىدى . ئىبنى ھەجەر مۇنداق دىدى : بۇنىڭ مەنىسى ئەنتەرە ،ئىمام  ئەلى (كەررەمەللاھۇ ۋەجھۇ) ئىمام رىزا (ئەلەيھىسسالام) دىن رىۋايەت قىلىنغان بۇ ھەدىستۇركى ،پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) ئەلى (كەررەمەللاھۇ ۋەجھۇ) غا مۇنداق دىدى : ‹‹ ئى  ئەلى  (كەررەمەللاھۇ ۋەجھۇ) ! سەن بولساڭ  جەننەت بىلەن دوزاخقا تەقسىم قىلغۇچىدۇرسەن ۋە سەن قىيامەت كۈنى دوزاخقا : بۇ كىشى مەن ئۈچۈن ۋە بۇ كىشى سەن ئۈچۈن دەيسەن  ›› . ئىبنى ھەجەر يەنە مۇنداق دىدى : ئىبنى سەمماك مۇنداق رىۋايەت قىلدىكى ، ئەبۇ بەكر ئەلى (كەررەمەللاھۇ ۋەجھۇ ) غا مۇنداق دىدى : مەن پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ مۇنداق دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم : ‹‹ سىراتتىن ھىچقانداق كىشى ئۆتەلمەيدۇ ، پەقەت ئەلى (كەررەمەللاھۇ ۋەجھۇ) ئۇنىڭغا ئۆتۈش خىتى يىزىپ بەرگەن كىشىلا ئۆتەلەيدۇ ››

ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ تۆۋەندىكى سۆزىدىكى راستچىل كىشىلەردۇر : مۆئمىنلەرنىڭ ئىچىدە  ئاللاھ تائالاغا بەرگەن ئەھدىسىنى ئىشقا ئاشۇرغان نۇرغۇن كىشىلەر بار ، ئۇلارنىڭ بەزىسى شەھىيد بولدى ، بەزىسى كۈتمەكتە ، ئۇلار ھەرگىز ئۆزگەرتكىنى يوق .①
 
① ئىبنى ھەجەر ئۆز سەۋائىقىنىڭ 9-باب 5-بۆلىكىدە  ئەلى (كەررەمەللاھۇ ۋەجھۇ) نىڭ ۋاپاتىنى تىلغا ئالغان جايدا شۇنداق تىلغا ئالدىكى  ئەلى  (كەررەمەللاھۇ ۋەجھۇ) كوفىدىكى مۇنبەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ مۇنداق دىدى : ئاللاھ تائالانىڭ : ﴿ مۆئمىنلەرنىڭ ئىچىدە  ئللاھ تائالاغا بەرگەن ئەھدىسىنى ئىشقا ئاشۇرغان نۇرغۇن كىشىلەر بار ﴾ (سۈرە ئەھزاب 23-ئايەت) دىگەن سۆزىدىن سۇئال قىلىندى . ئاندىن ئۇ مۇنداق دىدى : ‹‹ ئى ئاللاھ ! بىزنى كەچۈرگىن ، بۇ ئايەت مەن ۋە تاغام ھەمزە ۋە تاغامنىڭ ئوغلى ئۇبەيدە ئىبنى ھارىس ئىبنى مۇتەللىپ قاتارلىقلار ھەققىدە نازىل بولدى . ئۇبەيدە بولسا بەدرى كۈنى شەھىيد بولدى ، ھەمزە ئوھۇد كۈنى شەھىيد بولدى ۋە مەن بولسام ئەڭ بەختسىز بىركىشىنى كۈتىۋاتىمەنكى ئۇ بۇنىڭ قىنى بىلەن بۇنى بويايدۇ – ئۇ ئۆزىنىڭ قولى بىلەن بىشىغا ۋە ساقىلىغا ئىشارەت قىلدى – بۇ مىنىڭ دوستۇم ئەبەلقاسىم پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ ماڭا قىلغان ۋەسىيتىدۇر ›› . ھاكىم – مەجمۇئۇل باياندا بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە بايان قىلغاندەك – ئەمەر ئىبنى سابىتتىن ، ئۇ ئەبى ئىسھاقتىن ،  ئەلى (كەررەمەللاھۇ ۋەجھۇ) دىن ئۇنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى بايان قىلدى : ‹‹ ئاللاھ تائالانىڭ : ﴿ مۆئمىنلەرنىڭ ئىچىدە  ئللاھ تائالاغا بەرگەن ئەھدىسىنى ئىشقا ئاشۇرغان نۇرغۇن كىشىلەر بار ﴾ دىگەن سۆزى بىزنىڭ ھەققىمىزدە نازىل بولدى ۋە مەن بولسام ئاللاھ بىلەن قەسەمكى كۈتكۈچىدۇرمەن ۋە قەتئى ئۆزگەرتمىدىم ››

ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىدىكى تەسبىھ ئىيتقۇچىلاردۇر : ... ئەتتىگەن-ئاخشامدا ئاللاھقا تەسبىھ ئىيتىپ تۇرىدۇ . ئۇلار شۇنداق ئەرلەركى سودا-سىتىق ئۇلارنى ئاللاھنى زىكىر قىلىشتىن ناماز ئۆتەشتىن ، زاكات بىرىشتىن غەپلەتتە قەلدۇرمايدۇ ، ئۇلار دىللار ۋە كۆزلەر قالايمىقانلىشىپ كىتىدىغان كۈندىن قورقىدۇ . ①

① مۇجاھىد ۋە يەئقۇب ئىبنى سىناننىڭ تەپسىرىدە ئىبنى ئابباستىن ئاللاھ تائالانىڭ : ﴿ ئۇلار بىرەر تىجارەتنى ياكى تاماششانى كۆرسە ، سىنى ئۆرە تۇرۇپ (خۇتبە ئوقۇۋاتقان ھالەتتە) تاشلاپ ئۇنىڭغا يۈگۈرىدۇr ...﴾ (سۈرە جۈمە : 11-ئايەت) دىگەن ئايىتى توغىرسىدا شۇنداق رىۋايەت قىلىندىكى ، دىھيەتەل كەلبى شامدىن ئاشلىق ئىلىپ كىلىپ زەيىد دىگەن جاينىڭ تاشلىرىنىڭ قىشىغا چۈشتى ، ئاندىن كىيىن ناغرا چىلىپ ئۆزىنىڭ كەلگەنلىكىنى كىشىلەرگە ئىلان قىلدى ، ئاندىن كىيىن كىشىلەر ئۇنىڭ قىشىغا يۈگۈرشۈپ ، پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نى مۇنبەر ئۈستىدە ئۆرە تۇرۇپ خۇتبە ئوقۇۋاتقان ھالەتتە تاشلاپ قويدى ، پەقەت ئىمام ئەلى (ئەلەيھىسسالام) ، فاتىمە زەھرا (سالامۇللاھى ئەلەيھا) ، ئىمام ھەسەن ۋە ئىمام ھۈسەين (ئەلەيھىسسالام) ، سەلمان فارسى ، ئابا زەر ۋە مىقداد قاتارلىقلار چىقىپ كەتمىدى . ئاندىن پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) مۇنداق دىدى : ‹‹ ئاللاھ تائالا جۈمە كۈنى مىڭنىڭ بۇ مەسجىدىمگە نەزەر سالدى ، ئەگەر بۇلار مەسچىتتە بولمىغان بولسا ، بارلىق مەدىنىگە ئۇنىڭ ئەھلى بىلەن قوشۇپ ئوت كىتەتتى خۇددى پەيغەمبەر لۇت (ئەلەيھىسسالام)نىڭ قەۋمىگە ئوخشاش تاش ياغدۇرلۇپ كىتەتتى ›› ۋە ئاللاھ تائالا مەسچىتتە پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ ھەمراھلىقىدا قالغان كىشىلەر توغىرسىدا ئۆزىنىڭ بۇ سۆزىنى نازىل قىلدى : ﴿ سۈرە نۇر 37-ئايەت ﴾

ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى بولسا ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ تۆۋەندىكى سۆزىدە تىلغا ئالغان ئۆيلەردۇر : ‹‹... ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىنىشى ۋە ئىسمىنىڭ ياد ئىتىلىشى بۇيرۇلغان ئۆيلەردە ... ›› ①

① سۈرە نۇر 36-ئايەت . سۇئلەبى ئۆزىنىڭ ‹‹ئەلكەبىر›› ناملىق تەپسىرىدە بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى توغىرسىدا ئەنەس ئىبنى مالىك ۋە بۇرەيدىگە ئىسناد قىلىپ ئۇ ئىككىسىنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى بايان قىلدى : پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) بۇ ئايەتنى (سۈرە نۇر 36-ئايەت) ئوقۇدى ، ئاندىن ئەبۇ بەكر ئۇنىڭغا ئورنىدىن تۇرۇپ : ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ! بۇ ئۆي ئۇ ئۆيلەرنىڭ قاتارىدىنمۇ ؟ دەپ سورىدى ۋە ئەلى (ئەلەيھىسسالام) ۋە فاتىمە (سالامۇللاھى ئەلەيھا) نىڭ ئۆيىگە ئىشارەت قىلدى . ئاندىن پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) :
‹‹ شۇنداق ، ئۇنىڭ ئەڭ ئەۋزەللىرىدىندۇر ›› ، ‹‹ غايەتۇل مەرام ›› نىڭ 9-بابىدا توققۇز سەھى ھەدىس بار بولۇپ ، ئۇ ئارقىلىق ھەقىقەتنىڭ تاڭ يورۇيدۇ . 

ئاللاھ تائالا سۈرە نۇرنىڭ 35-ئايىتىدە ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىنىڭ تەكچىسىنى ئۆزىنىڭ نۇرىغا مىسال قىلدى ②

② سۈرە نۇر  35-ئايەت . ئىبنى مەغازىلى ئەششافىئى ئۆزىنىڭ ‹‹مەناقىب›› دىگەن كىتابىدا ئەلى ئىبنى جەئفەرگە ئىسناد قىلىپ ، ئۇنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى بايان قىلدى : مەن ئەبەل ھەسەن ئىمام مۇسا كازىم (ئەلەيھىسسالام) دىن ئاللاھ تائالانىڭ : ﴿ ئاللاھنىڭ نۇرى خۇددى تەكچىگە ئوخىشايدۇ ، ئۇنىڭدا چىراغ باردۇر ﴾ دىگەن سۆزى توغىرسىدا سورىدىم ، ئاندىن ئۇ مۇنداق دىدى : تەكچە بولسا فاتىمە (سالامۇللاھى ئەلەيھا) دۇر ، ئۇنىڭدىكى چىراغ بولسا ئىمام ھەسەن ۋە ئىمام ھۈسەين (ئەلەيھىسسالام) لاردۇر . ﴿ شىشە گويا نۇرلۇق يۇلتۇزدۇر ﴾ يەنى فاتىمە (سالامۇللاھى ئەلەيھا) بارلىق دۇنيا ئاياللىرى ئىچىدە نۇرلۇق يۇلتۇز ئىدى .
﴿ ئۇ چىراق ، مۇبارەك زەيتۇن دەرىخىدىن يورۇتۇلغان ﴾ يەنى ئىبراھىم (ئەلەيھىسسالام) نىڭ دەرىخىدىن يورۇتۇلغان . ﴿ ئۇ دەرەخ شەرىقتىمۇ ئەمەس ، غەرىبتىمۇ ئەمەس ﴾ يەنى ئىبراھىم (ئەلەيھىسسالام) يەھۇدىمۇ ئەمەس ۋە خىرىستىيانمۇ ئەمەس .
﴿ ئۇنىڭ يىغى ئوت تەگمىسىمۇ يورۇپ كىتەيلا دەپ قالىدۇ ﴾ يەنى ئىلىم ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن قايناپ چىقىپ تۇرىدۇ . ﴿ ئۇ نۇر ئۈستىگە نۇردۇر ﴾ يەنى ئۇنىڭدا ئىمامدىن كىيىن ئىمام باردۇر . ﴿ ئاللاھ تائالا خالىغان كىشىنى ئۇنىڭغا مۇۋەففەق قىلىدۇ ﴾ يەنى ئاللاھ تائالا ئۆزى خالىغان كىشىنى بىزنىڭ ۋىلايىتىمىزگە ھىدايەت قىلىدۇ . مانا بۇنداق تەئۋىل قۇرئان كەرىم نازىل بولغان ئۆي ئەھلىدىن مۇستەفىز ھالدا رىۋايەت قىلىنغاندۇر .

چۈنكى ... ئاسمانلاردىكى ۋە زىمىندىكى ئەڭ ئالى سۈپەت ئاللاھقا خاستۇر ئاللاھ غالىپتۇر ، ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر ①
① سۈرە رۇم 27-ئايەت .
ئۇلار بۇ ئايەتتىكى ياخشى ئىشلارنى ئەڭ ئالدىدا قىلغۇچىلاردۇر : ... ياخشى ئىشلارنى ئەڭ ئالدىدا قىلغۇچىلار بولۇپ جەننەتكە ئەڭ ئالدىدا كىرگۈچىلەردۇر ، ئۇلار بولسا ئاللاھقا يىقىن بولغۇچىلاردۇر .①

① سۈرە ۋاقىئە 10- ۋە 11-ئايەت ، دەيلەمى ئىبنى ھەجەرنىڭ ‹‹سەۋائىقۇل مۇھرىقە›› ناملىق كىتابنىڭ 9-باب 2-بۆلىمىدىكى 29-ھەدىستىكىدەك – ئائىشە ، تەبرانى ۋە ئىبنى مەردۈۋەيھ قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىبنى ئابباستىن پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى بايان قىلدى : ‹‹ ئىلگىرلەپ كەتكۈچى 3 تۇر ، مۇسا (ئەلەيھىسسالام) تەرەپكە ئىلگىرلەپ كەتكۈچى يۇشەئ ئىبنى نۇن ، ئەيسا (ئەلەيھىسسالام) تەرەپكە ئىلگىرلەپ كەتكۈچى ياسىننىڭ ئىگىسى مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) گە ئىلگىرلەپ كەتكۈچى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب دۇر ›› ، بۇ ھەدىسنى مۇۋەففەق ئىبنى ئەھمەد ۋە فەقىھ ئىبنى مەغازىلى ئىبنى ئابباسقا ئىسناد قىلىپ بايان قىلدى .
 
ئۇلار بولسا سۈرە نىسا 69-ئايەتتىكى سىددىقلار شەھىيدلەر ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغۇچىلاردۇر . ①

① ئىبنى نەججار-سەۋائىقنىڭ 30-ھەدىسىدە بايان قىلىنغاندەك  ئىبنى ئابباستىن ئۇنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى بايان قىلدى : پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) مۇنداق دىدى : ‹‹ ھەقىقى راستچىللار 3 دۇر ، پىرئەۋن ئائىلىسىدىن چىققان مۆئمىن كىشى ھىزقىل ، ياسىننىڭ ئىگىسى ھەبىبۇن نەججار ۋە ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب ›› قاتارلىقلاردۇر .
ئەبۇ نەئىم ۋە ئىبنى ئەساكىر سەۋائىقنىڭ 31-ھەدىستىكىدەك ئىبنى ئەبى لەيلادىن پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى بايان قىلدى : ‹‹ ھەقىقى راستچىللار 3 دۇر ، ياسىن ئائىلىسىنىڭ مۆئمىنى ھەبىبۇن نەججار ، پىرئەۋن ئائىلىسىدىن چىققان مۆئمىن كىشى ھىزقىل ۋە ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب (ئەلەيھىسسالام) ، بۇ ئۇلارنىڭ ئەۋزەلراقىدۇر ›› . ئۇنىڭ ئىلگىرلىگۈچى ، ناھايتى چوڭ راستچىل كىشى ۋە ھەق بىلەن باتىلنىڭ ئوتتۇرسىنى ئايرىغۇچى بولىشى توغىرسىدىكى سەھى ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى مۇتەۋاتىردۇر .




ئۇلارنىڭ ۋە ئۇلارنى ياخشى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ توغىرسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دىدى : بىز ياراتقان ئۈممەتلەر ئىچىدە ھەق يولغا دەۋەت قىلىدىغان ۋە ھەقتە چىڭ تۇرىدىغان بىر ئۈممەت بار.①
ئاللاھ تائالا ئەھلى بەيتنىڭ جامەسى ۋە ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ جامەسى توغىرسىدا مۇنداق دىدى : ئەھلى دوزاخ بىلەن ئەھلى جەننەت باراۋەر بولمايدۇ ، ئەھلى جەننەت بولسا مەخسەتكە ئىرىشكۈچىلەردۇر②
ئاللاھ تائالا يۇقارقى ئىككى جامە توغىرسىدا يەنە مۇنداق دىدى : ئىيمان ئىيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار بىلەن ئوخشاش قىلامدۇق ؟ ياكى تەقۋادارلارنى فاجىرلارغا ئوخشاش قىلامدۇق ؟ ③


① سەدرۇل ئەئىممە مۇۋەففەق ئىبنى ئەھمەد ئەبى بەكر ئىبنى مەردۈۋەيھدىن ئۇنىڭ ئەلى (ئەلەيھىسسالام) غا بولغان ئىسنادى بىلەن ئۇنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى بايان قىلدى : ‹‹ بۇ ئۈممەت 73 گورۇھقا بۆلۈنۈپ كىتىدۇ ، ئۇلارنىڭ پەقەت بىر گوروھتىن باشقا ھەممىسى دوزاختىدۇر، ئۇ بىر گورۇھ جەننەتتە بولۇپ ، ئۇلار بولسا ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ھەققىدە مۇنداق دىدى :  ﴿ بىز ياراتقان ئۈممەتلەر ئىچىدە ھەق يولغا دەۋەت قىلىدىغان ۋە ھەقتە چىڭ تۇرىدىغان بىر ئۈممەت بار ﴾ (سۈرە ئەئراف 181-ئايەت) . ئۇلار بولسا مەن ۋە مىنىڭ شىيئەلىرىمدۇر .››
② (سۈرە ھەشر 20-ئايەت) . شەيىخ تۇسى ئۆزىنىڭ ‹‹ ئەمەلى ›› دىگەن كىتابىدا ئەمىرەلمۇئمىنىندىن بولغان سەھى ئىسناد بىلەن مۇنداق بايان قىلدىكى  پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى : (سۈرە ھەشر 20-ئايەت) ئاندىن مۇنداق دىدى : ‹‹ جەننەت ئەھلى بولسا ماڭا ئىتائەت قىلغان ، مەندىن كىيىن ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب (ئەلەيھىسسالام) غا تەسلىم بولغان ۋە ئۇنىڭ ۋىلايىتىگە ئىقرار قىلغان كىشىدۇر ›› ، ئاندىن دوزاخ ئەھلى كىملەر ؟ دەپ سورالغاندا پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) مۇنداق دىدى : ‹‹ ۋىلايەتكە غەزەپ قىلغان ، كىلىشىمنى بۇزغان ۋە ئۇنىڭغا مەندىن كىيىن ئۇرۇش قىلغان كىشىدۇر ›› . بۇ ھەدىسنى سەدۇق ئەلى (ئەلەيھىسالام) دىن بايان قىلىدى . ئەبۇل مۇئەييەد مۇۋەففەق ئىبنى ئەھمەد جابىر (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دىن ئۇنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى بايان قىلدى : پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) مۇنداق دىدى : ‹‹ مىنىڭ جىنىم ئۇنىڭ قولىدا بولغان ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى ، شەكسىز بۇ ئەلى (ئەلەيھىسالام) ۋە ئۇنىڭ شىيئەلىرى ، قىيامەت كۈنى مەخسەتكە ئىرىشكۈچىلەردۇر ››
③ بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى توغىرسىدا ئەلى ئىبنى ئىبراھىمنىڭ تەپسىرىگە ياكى ‹‹غايەتۇل مەرام›› 81- ۋە 82-بابلارغا قاراڭ .
 
ئۇ ئىككى جامە توغىرسىدا يەنە مۇنداق دىدى : يامان ئىشلارنى قىلغانلار ، ئۆزلىرىنى ئىيمان ئىيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلاردەك قىلىشىمىزنى ، ھاياتلىقتا ، ماماتلىقتا ئۇلار بىلەن ئوخشاش قىلىشىمىزنى ئويلامدۇ ؟ ئۇلارنىڭ چىقارغان ھۆكۈمى نىمە دىگەن يامان ! ①

① بۇ ئايەت (سۈرە جاسىيە 21-ئايەت) ، ھەمزە ، ئەلى (ئەلەيھىسسالام) ۋە ئۇبەيدە توغىرسىدا ئۇلار ئۇتبە ، شەيبە ۋەلىد قاتارلىقلار بىلەن يەككە ئىلىشقان چاغدا نازىل بولغان . بۇ ئايەتتىكى ئىمان ئىيتقانلار بولسا ھەمزە ، ئەلى (ئەلەيھىسسالام) ۋە ئۇبەيدە دۇر . يامان ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغانلار ئۇتبە ، شەيبە ۋە ۋەلىيد قاتارلىقلاردۇر ، بۇ ھەقتە سەھى ھەدىسلەر بار .

ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ ئەھلى بەيتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ شىيئەلىرى توغىرسىدا مۇنداق دىدى : ئىمان ئىيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئەنە شۇلار مەخلۇقاتلارنىڭ ياخشىسىدۇر .②


②بۇھەقتە ئىبنى ھەجەرنىڭ بۇ ئايەت (سۈرە بەييىنە 7-ئايەت)نىڭ ئۇلار ھەققىدە چۈشكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلغانلىقى ۋە ئۇنى ئۇلارنىڭ پەزىلىتى توغىرسىدىكى ئايەتلەردىن سانىغانلىقى كۇپايە قىلىدۇ .
ئاللاھ تائالا ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ دۇشمەنلىرى توغىرسدا مۇنداق دىدى؛ بۇ ئىككى پىرقە پەرۋەردىگارى توغىرسىدا مۇنازىرلەشتى ، كاپىرلارغا ئوتتىن كىيىملەر پىچىلىدۇ ، ئۇلارنىڭ باشلىرىغا يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ قۇيلىدۇ . ①
ئۇلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرى توغىرسىدا بۇ ئايەت نازىل بولدى : (سۈرە سەجدە 18- ، 19- ۋە 20-ئايەتلەر)  ... ﴿ مۆئمىن ئادەم پاسىق ئادەمگە ئوخشامدۇ ؟ ئۇلار باراۋەر ئەمەس، ئىيمان ئىيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك ، ئۇلارنىڭ قارارگاھى جەننەت بولىدۇ ، بۇ ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى مۇكاپاتلاش يۈزىسىدىن ئۇلار ئۈچۈن تەييارلانغان جايدۇر ، ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلارغا كەلسەك ، ئۇلارنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ ،

① بۇخارى ئۆز سەھىسىنىڭ 3-قىسمى 107-بەتتىكى (سۈرە ھەج 19-ئايەت) نىڭ تەپسىرىدە ئەلى (ئەلەيھىسسالام) غا بولغان ئىسنادى بىلەن ئۇنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى بايان قىلدى : ‹‹ مەن بولسام قىيامەت كۈنىدە دەۋالىشىش ئۈچۈن رەھمان تائالانىڭ ئالدىدا تۇنجى قىتىم تىزلىنىپ تۇردىغان كىشىدۇرمەن ›› . بۇخارى مۇنداق دىدى : بۇ ئايەت (سۈرە ھەج 19-ئايەت) ئۇلار ھەققىدە نازىل بولدى .، ئۇلار بولسا بەدرى كۈنى مەيدانغا چۈشكەن ئەلى ۋە ئۇنىڭ ئىككى ھەمراسى ھەمزە ۋە ئۇبەيدە ، ھەمدە شەيبە ئىبنى رەبىئە ۋە ئۇنىڭ ئىككى ھەمراسى ئۇتبە ئىبنى رەبىئە ۋە ۋەلىد ئىبنى ئۇتبە قاتارلىقلاردۇر . بۇخارى شۇ بەتنىڭ ئۆزىدە ئەبى زەردىن بۇ ئايەت (سۈرە ھەج 19-ئايەت) ئەلى ۋە ئۇنىڭ ئىككى ھەمراسى ھەمدە شەيبە ۋە ئۇنڭ ئىككى ھەمراسى توغىرسىدا ئۇلار بەدرى كۈنى ئۆز ئارا يەككە ئىلىشقان ۋاختىدا نازىل بولدى ، دەپ قەسەم قىلاتتى . 

ھەرقاچان ئۇلار دوزاختىن چىقماقچى بولسا ، ئۇلار دوزاخقا قايتۇرلىدۇ ، ئۇلارغا : ‹‹ سىلەر ئىنكار قىلغان دوزاخنىڭ ئازابىنى تىتىڭلار ›› دىيلىدۇ ﴾ ②

② بۇ ئايەتلەر (سۈرە سەجدە 18- ، 19- ۋە 20-ئايەتلەر) نىڭ ئەمىرەلمۇئمىنىين ۋە ۋەلىيد ئىبنى ئۇتبە ئىبنى مۇئەيت توغىرسىدا چۈشكەنلىكىدە ئىختىلاپ يوقتۇر .مانا بۇ مۇھەددىسلەر بايان قىلغان ئوچۇق ھەقىقەتتۇر . ئىمام ئەبۇل ھەسەن ئەلى ئىبنى ئەھمەد ئەلۋاھىدى ئۆزىنىڭ ‹‹ئەسبابۇن نۇزۇل›› ناملىق كىتابىدىكى بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى توغىرسىدا سەئىد ئىبنى جۇبەير گە ئىسناد قىلىپ ئىبنى ئابباستىن ئۇنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى بايان قىلدى : ۋەلىيد ئىبنى ئۇتبە ئىبنى مۇئەيت ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب (ئەلەيھىسسالام) غا مۇنداق دىدى : مەن بولسام مىنىڭ نەيزەم  سىنىڭكىدىن ئىتتىكرەك ، تىلىم سىنىڭكىدىن راۋانراق ۋە قوشۇنلىرىم سىنىڭكىدىن كۆپرەكتۇر . ئاندىن ئەلى (ئەلەيھىسسالام) ئۇنىڭغا مۇنداق دىدى : شۇك تۇر ، سەن بولساڭ ھەقىقەتەن پاسىقتۇرسەن ، ئاندىن بۇ ئايەت نازىل بولدى :
‹‹ مۆئمىن ئادەم پاسىق ئادەمگە ئوخشامدۇ ؟ ئۇلار باراۋەر ئەمەس ›› يەنى بۇ ئايەتتىكى مۆئمىندىن مەخسەت ئىمام ئەلى (ئەلەيھىسسالام) ۋە پاسىقتقن مەخسەت ۋەلىد ئىبنى ئۇتبەدۇر .

ئاللاھ تائالا ئۇلار ھەققىدە ۋە ئۇلارغا ھاجىلارنى سۇغىرىش ۋە مەسجىدىل ھەرامنى ئاۋات قىلىش بىلەن پەخىرلەنگەن كىشىلەر توغىرسىدا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى : ‹‹ سىلەر ھاجىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنى ، مەسجىدىل ھەرامنى ئاۋات قىلىشنى ئاللاھقا،ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئيتقان ، ئاللاھنىڭ يولىدا كۆرەش قىلغان ۋە تىرىشقانلارغا ئوخشاش ھىسابلامسىلەر؟ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئۇلار ئوخشاش ئەمەستۇر ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ›› ①

① بۇ ئايەت (سۈرە تۆۋبە 19-ئايەت) ئەلى ۋە ئۇنىڭ تاغىسى ئابباس ۋە تەلھە ئىبنى شديبە توغىرسىدا نازىل بولغان ، چۈنكى ئۇلار پەخىرلەندى ۋە تەلھە مۇنداق دىدى : مەن بولسام بەيتۇللاھنىڭ ئىگىسى ، ئۇنىڭ ئاچقۇچلىرى مىنىڭ قولۇمدا ۋە ئۇنىڭغا يۇپۇق يىپىش مىنىڭ ئۈستۈمدىدۇر . ئابباس مۇنداق دىدى : مەن بولسام ھاجىلارنى سۇغىرىش مەسئۇلى ۋە ئۇنىڭغا نازارەت قىلغۇچى . ئەلى (ئەلەيھىسسالام ) مۇنداق دىدى : مەن سىلەرنىڭ نىمە دەۋاتقىىڭلارنى بىلمەيمەن . مەن كىشىلەردىن ئالتە ئاي ئىلگىرى ناماز ئوقۇدۇم ۋە مەن ئاللاھ يولىدىكى كۈرەشنىڭ ئىگىسىدۇرمەن . ئاندىن ئاللاھ تائالا مۇ ئايەتمى نازىل قىلدى . مانا بۇ ئىمام ئەلۋاھىدى –ئۆزىنىڭ ‹‹ئەسبابۇن نۇزۇل›› ناملىق كىتابىدىكى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىسى توغىرىسىدا –ھەسەنىل بەسرى ، شەئبى ۋە قۇرتۇبى قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن نەقىل قىلىنغان سۆزدۇر .ئىبنى سىرىندىن ۋە مۇررە ئەلھەمەدانىدىن شۇنداق نەقىل قىلىندىكى : ئەلى (كەررەمەللاھۇ ۋەجھۇ) ئابباسقا مۇنداق دىدى : پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) گە قوشۇلۇش ئۈچۈن نىمىشقا ھىجرەت قىلمايسەن ؟ ئاندىن ئۇ مۇنداق دىدى : مەن ھىجرەت قىلىشتىن ئەۋزەلراق ئەمەسمۇ ؟ مەن ئاللاھنىڭ بەيتىنىڭ ھاجىلىرىنى سۇغىرىمەن ۋە مەسچىدىل ھەرامنى ئاۋاتلاشتۇىمەن ئەمەسمۇ ؟ ، ئاندىن يۇقارقى ئايەت نازىل بولدى .   


ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ سىنىقىنىڭ گۈزەللىكى ۋە ئۇلارنىڭ جاپا–مۇشەققەتلىرىنىڭ چوڭلۇقى توغىرسىدا مۇنداق دىدى : بەزى كىشىلەر باركى ، ئۇلار ئاللاھنىڭ رىزاسى ئۈچۈن جىنىنى پىدا قىلىدۇ ئاللاھ بەندىلىرىگە تولىمۇ مەرھەمەتلىكتۇر . ②

 ② (سۈرە بەقەرە 207-ئايەت) . ھاكىم ئۆز مۇستەدرىكىنىڭ 3-قىسمى 4-بىتىدە ئىبنى ئابباستىن ئۇنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى نەقىل قىلدى  : ئەلى (ئەلەيھىسسسالام) ئۆز نەپسىنى پىدا قىلىپ پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ  كىيىمىنى كەيدى . ھاكىم ئۇ ئىككىسىنىڭ شەرتىگە ئاساسەن سەھىلىقىنى ئۇچۇق بايان قىلدى ۋە زەھەبى مۇستەدرەكنىڭ تەلخىسىدا ئىتىراپ قىلدى ھەمدە ھاكىم شۇ بەتنىڭ ئۆزىدە يەنە ئەلى ئىبنى ھۈسەيىن (ئىمام زەينىل ئابىدىن ئەلەيھىسسالام) دىن ئۇنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى بايان قىلدى : ‹‹ ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ئۆز نەپسىنى پىدا قىلغان تۇنجى كىشى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب (ئەلەيھىسسالام) دۇر ، چۈنكى ئۇ پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نى قوغداپ ئۇنىڭ جايىدا ئۇخلىدى ›› ئاندىن كىيىن ئۇ ئەلى (ئەلەيھىسسالام) نىڭ بىرقانچە بىيىتىنى نەقىل قىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭ ئەۋۋىلى تۆۋەندىكىچە :
مەن زىمىن ئۈستىگە دەسسىگەن ئەڭ ياخشى
 كىشىنى ئۆز ۋۇجۇدۇم بىلەن قوغدۇدۇم،
بەيتۇل ئەتىقنى ۋە ھەجەر ئەسۋەدنى تاۋاپ قىلغان
ئەڭ ياخشى كىشىنىمۇ  قوغدۇدۇم .



ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دىدى : شۆبھىسىزكى ئاللاھ مۆئمىنلەردىن ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ، ماللىرىنى ئۇلارغا جەننەتنى بىرىپ سىتىۋالدى . بۇ تەۋراتتا ، ئىنجىلدا ۋە قۇرئاندا زىكىر قىلىنغان ۋەدىسىدۇر ، ۋەدىسىگە ئاللاھتىنمۇ بەك ئەمەل قىلىدىغان كىم بار ؟ قىلغان بۇ سوداڭلاردىن خۇشال بولۇڭلار ، بۇ زور مۇۋاپىقىيەتتۇر . ئىبادەت قىلغۇچىلار ۋە تۆۋبە قىلغۇچىلار ، رۇكۇ قىلغۇچىلار ، سەجدە قىلغۇچىلار روزا تۇتقۇچىلار، ھەمدۇ-سانا ئىتقۇچىلار ۋە ياخشى ئىشلارغا دەۋەت قىلىپ ، يامان ئىشلاردىن توسقۇچىلار ، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايەت قىلغۇچىلار (بولسا ھەقىقى مۆئمىنلەردۇر ) ، سەن بۇنداق مۆئمىنلەرگە خۇش –خەۋەر بەرگىن .①
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دىدى : ماللىرىنى كىچە –كۈندۈز يوشۇرۇن ۋە ئاشكارە يوسۇندا خەيرى ئىھسان قىلىدىغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ  ئۇلارغا ھىچ قورقۇنچ ۋە غەم –قايغۇ بولمايدۇ .②

① سۈرە تۆۋبە 111- ۋە 112-ئايەتلەر .
② مۇھەددىس ۋە مۇپەسسىرلەر بۇ ئايەتنىڭ يەنى (سۈرە بەقەرە 274-ئايەت)نىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى توغىرسىدا ئىبنى ئابباسقا بولغان ئىسنادى بىلەن ئۇنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى بايان قىلدى : بۇ ئايەت ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب (ئەلەيھىسسالام) ھەققىدە نازىل بولدى : ئۇنىڭ يىنىدا 4 دەرھەم بارئىدى ، ئۇ كىچىدە بىرنى ، كۈندۈزدە بىرنى ، مەخفى ھالەتتە بىرنى ۋە ئاشكارە ھالەتتە بىرنى سەدىقە قىلدى  ، ئاندىن بۇ ئايەت نازىل بولدى . بۇ سۈزنى ئىمام ۋاھىدى ئىبنى ئابباسقا بولغان كۈچلۈك ئىسنادى بىلەن ‹‹ئەسبابۇن نۇزۇل›› ناملىق كىتابىدا بايان قىلدى .
ئۇلار راس سۆزنى تەستىق قىلدى ۋە ئاللاھ ھەق تەبارەك ۋە تائالا ئۆزىنىڭ تۆۋەندىكى سۆزىدە ئۇلار توغىرسىدا مۇنداق گۇۋالىق بەردى : { راس سۆزنى ئىلىپ كەلگەن كىشى ۋە ئۇنى ئىتىراپ قىلغان كىلىشىلەر ، ئەنە شۇلار تەقۋادارلاردۇر .} ①

① (سۈرە زۇمەر 33-ئايەت) . ئىمام مۇھەممەد باقىر (ئەلەيھىسسالام) ، ئىمام جەئفىر سادىق (ئەلەيھىسسالام)، ئىمام مۇسا كازىم (ئەلەيھىسسالام) ، ئىمام رىزا (ئەلەيھىسسالام)، ئىبنى ئابباس ، ئىبنى ھەنەفىييە ، ئابدىللا ئىبنى ھەسەن، شەھىيد زەيىد ئىبنى ئەلى ئىبنى ھۈسەيىن (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ۋە ئەلى ئىبنى جەئفەر (سالامۇللاھى ئەلەيھى) لەرنىڭ ئوچۇق بايان قىلىشىدا راس سۆزنى ئىلىپ كەلگەن كىشى مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) ۋە ئۇنىڭغا تەسدىق قىلغان كىشى ئەمىرەلمۇئمىنىين (ئەلى ئەلەيھىسسالام) دۇر . ئەمىرەلمۇئمىنىين ئەلى (ئەلەيھىسسالام) ئۇ ئارقىلىق ئۆزىگە دەلىل كەلتۈرەتتى .

ئۇلار بولسا پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ مۇخلىس جامەسى ۋە ئۇنىڭ يىقىن خىش-ئەقرىبالىرى بولۇپ ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئۆزىنىڭ تولۇق قوغدىشى ۋە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىشىگە خاس قىلدى ۋە مۇنداق دىدى : { يىقىن خىش ئەقرىبالىرىڭنى ئاەاھلاندۇرغىن } ②

②  سۈرە شۇئەرا 214-ئايەت
ئۇلار بولسا پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىدۇر : { ... ئاللاھنىڭ ھۆكىمىدە ئۇرۇق تۇققانلار بىر-بىرىگە مىراسخور بولۇشقا ئەڭ لايىقتۇر } ③


③ سۈرە ئەنفال 75-ئايەت
ئۇلار بولسا قىيامەت كۈنى پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ دەرىجىسىگە ئۆرلىگۈچىلەردۇر ۋە تۆۋەندىكى ئايەتنىڭ دەلىلى بىلەن جەنناتى نەئىيم دە پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) گە قوشۇلغۇچىلاردۇر : { ئۆزلىرى ئىيمان ئىيتقان ۋە ئەۋلادلىرىمۇ ئەگىشىپ ئىيمان ئىيتقانلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇلار بىلەن تەڭ دەرىجىدە قىلىمىز ، ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن قىلچىمۇ كىمەيتىۋەتمەيمىز ...} ①

① ھاكىم ئۆزىنىڭ سەھى مۇستەدرىكىنىڭ 2-قىسمى 468-بىتىدىكى سۈرە تۇرنىڭ تەپسىرىدە ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۈزى : { ئۆزلىرى ئىيمان ئىيتقان ، ئەۋلادلىرىمۇ ئەگىشىپ ئىيمان ئىيتقانلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇلار بىلەن تەڭ دەرىجىدە قىلىمىز ، ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن قىلچىمۇ كىمەيتىۋەتمەيمىز ...} (سۈرە تۇر 21-ئايەت) توغىرسىدا ئىبنى ئابباسنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى بايان قىلدى : شەكسىزكى ئاللاھ تائالا مۆئمىنلەرنىڭ ئەۋلادلىرىنى گەرچە ئۇلار ئەمەلدە ئاتا ئانىلىرىدىن تۆۋەنرەك بولسىمۇ ، جەننەتتە ئۇلارنىڭ دەرىجىسىگە كۆتىردۇ ، ئاندىن كىيىن ئىبنى ئابباس مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇدى :  { ئۆزلىرى ئىيمان ئىيتقان ، ئەۋلادلىرىمۇ ئەگىشىپ ئىيمان ئىيتقانلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇلار بىلەن تەڭ دەرىجىدە قىلىمىز ، ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن قىلچىمۇ كىمەيتىۋەتمەيمىز ...} (سۈرە تۇر 21-ئايەت)
ئۇلار بولسا قۇرئان كەرىم ھەقنى ئۇلارغا بىرىشنى كەسكىن ئوتتۇرغا قويغان ھەق ئىگىلىرىدۇر : { يىقىن ئۇرۇق تۇققانغا ئۇنىڭ ھەققىنى بەرگىن ...} ②
ئۇلار بولسا مۇسۇلمان كىشى ئۇنى ئادا قىلمىسا زىممىسى پاك بولمايدىغان غەنىمەتنىڭ بەشتەن بىرىنىڭ ئىگىلىرىدۇر : { ئى مۆئمىنلەر ! بىقلىڭلاركى سىلەر ئالغان غەنىمەتنىڭ بەشتەن بىرى ئاللاھقا ، پەيغەمبەرگە ۋە پەيغەمبەرنىڭ خىش-ئەقرىبالىرىغا ...خاستۇر } ③


②  سۈرە ئىسرا 26-ئايەت .
③ سۈرە ئەنفال 41-ئايەت .
ئۇلار غەنىمەتنىڭ ئىگىلىرىدۇر : {ئاللاھ پەيغەمبىرگە غەنىمەت قىلىپ بەرگەن ئەھلى قۇرانىڭ ماللىرى ئاللاھ تائالاغا ، پەيغەمبەرگە ۋە پەيغەمبەرنىڭ خىش-ئەقرىبالىرىغا خاستۇر ... } ①
ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ تۆۋەندىكى سۆزى ئارقىلىق خىتاب قىلىنغان ئەھلى بەيت كىشىلىرىدۇر : {... ئى پەيغەمبەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ! ئاللاھ سىلەردىن گۇناھنى ساقىت قىلىشنى ۋە سىلەرنى تامامەن پاكلاشنى خالايدۇ } ②
ئۇلار بولسا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنىڭ تۆۋەندىكى ئايىتىدە ئۇلارغا سالام قىلغان ياسىن ئائىلىسىدۇر : { ئىلياسلارغا ياكى ياسىن ئائىلىسىدىكىلەرگە سالام بولسۇن } ③
① سۈرە ھەشر 7-ئايەت .
② سۈرە ئەھزاب 33-ئايەت .
③ سۈرە ساففات 130-ئايەت . بۇ ئايەت بولسا ئىبنى ھەجەر ئۆز سەۋائىقىنىڭ 11-بابىدا كەلتۈرگەن ئايەتلەردىن بولغان 3-ئايەتتۇر . شۇنداق نەقىل قىلىندىكى ، مۇپەسسىرلەردىن بولغان بىر تۈركۈم كىشىلەر ئىبنى ئابباسنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى نەقىل قىلدى : بۇ ئايەتتىن مەخسەت مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ ئائىلىسىگە سالام قىلىشتۇر . ئىبنى ھەجەر مۇنداق دىدى  ۋە كەلبىمۇ شۇنداق دىدى : فەخرى رازى مۇنداق تىلغا ئالدىكى پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ ئەھلى بەيتى بەش ئىشتا ئۇنىڭغا باراۋەردۇر :  سالام قىلىشتا ، چۈنكى مۇنداق دىدى : ساڭا سالام بولسۇن ئى پەيغەمبەر !  ، ۋە مۇنداق دىدى : ‹‹ياسىن ئائىلىسىگە سالام بولسۇن ›› . ئۇنىڭغا ۋە ئۇلارغا تەشەھھۇدتا  دۇرۇت يوللاشتا ، پاكلىقتا ، چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دىدى : ‹‹ تاھا ›› يەنى ئى پاك كىشى !  ۋە مۇنداق دىدى : ‹‹ ئاللاھ سىلەرنى تامامەن پاك قىلىشنى خالايدۇ ›› ، سەدىقىنىڭ ھارام بولىشىدا  ۋە مۇھەببەتتە  ، چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دىدى : ‹‹ ... سىلەر ماڭا ئەگىشىڭلار ، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ ›› . ۋە مۇنداق دىدى : ‹‹ مەن پەيغەمبەرلىكنى يەتكۈزگەنلىكىمگە ھىچقانداق ئەجىر تەلەپ قىلمايمەن ، پەقەتلا يىقىن ئۇرۇق-تۇققانلىرىمنى دوست تۇتۇشنى تەلەپ قىلىمەن ››

ۋە ئۇلار بولسا ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ تۆۋەندىكى ئايىتى ئارقىلىق بارلىق مۆئمىنلەرنىڭ ئۇلارغا دۇرۇت-سالام يوللىشىنى پەرىز قىلغان مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ ئائىلە كىشىلىرىدۇر : { ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ ، پەرىشتىلەرمۇ ھەقىقەتەن مەغفىرەت تەلەپ قىلىدۇ ، ئى مۆئمىنلەر ! سىلەر پەيغەمبەرگە دۇرۇت ئىيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار }①
ئاندىن ساھبىلەر مۇنداق دىدى : ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ! ئۆزلىرىگە سالام قىلىشنى بىلدۇق ، ئەمما ئۆزلىرىگە دۇرۇت ئوقۇش قانداقتۇر؟ پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) مۇنداق دىدى : ‹‹ ئى ئاللاھ مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) نىڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە رەھمەت قىلغىن ›› ، مۇشۇ ھەدىس ئارقىلىق ئەھلى بەيتكە دۇرۇت ئوقۇش بۇ ئايەتتە بۇيرۇلغان دۇرۇتنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى . شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىملار ئۇ ئايەتنى ئۇلار ھەققىدە نازىل بولغان ئايەتلەرنىڭ قاتارىدىن سانىدى ، ھاتتاكى ئىبنى ھەجەر ئۆز سەۋائىقىنىڭ 11-بابىدا بۇ ئايەتنى ئۇلارنىڭ ھەققىدە نازىل بولغان ئايەتلەر قاتارىدا ھىسابلىدى .②
 
① (سۈرە ئەھزاب 56-ئايەت) . بۇنى ئىمام بۇخارى سەھى بۇخارىنىڭ 3-قىسمىدىكى قۇرئاننى تەپسىرلەش كىتابىدا سۈرە ئەھزابنىڭ تەپسىرى توغىرسىدىكى : ئاللاھ ۋە پەرىشتىلەر پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) گە رەھمەت يوللايدۇ دىەەن بابتا بايان قىلدى ۋە ئۇنى مۇسلىم ئۆز سەھىسىنىڭ 1-قىسمىدىكى كىتابۇسسالاتتا پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) گە دۇرۇت يوللاش بابىدا بايان قىلدى ۋە باشقا مۇھەددىسلەر ئۇنى كەئب ئىبنى ئۇجرەدىن بايان قىلدى .
يۇقارقى ئايەتلەردىن بولغان 2-ئايەتكە قاراڭ .
②(سۈرە رەئد 29-ئايەت) . سۇئلەبى ئۆزىنىڭ ‹‹ئەلكەبىير››ناملىق تەپسىرىدە بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى توغىرسىدا پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) گە بولغان ئىسنادى بىلەن ئۇنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى بايان قىلدى : { تۇبا - جەننەتتىكى بىر دەرەخ بولۇپ ، ئۇنىڭ يىلتىزى ئەلى (ئەلەيھىسسالام) نىڭ ئۆيىدە ۋە ئۇنىڭ شىخى جەننەت ئەھلىنىڭ ئۈستىدىدۇر }.ئاندىن ئۇلارنىڭ بەزىسى مۇنداق دىدى : ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ! بىز ئۆزلىرىدىن ئۇ توغۇرلۇق سورىغان ئىدۇق ۋە سىلە : ئۇ دەرەخنىڭ يىلتىزى مىنىڭ ئۆيۈمدە ۋە ئۇنىڭ شىخى جەننەت ئەھلىنىڭ ئۈستىدىدۇر ، دىگەن ئىدىلە ؟ ، ئاندىن پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالىھى ۋەسەللەم) مۇنداق دىدى : ‹‹ مىنىڭ ئۆيۈم ۋە ئەلىنىڭ ئۆيى بىر ئەمەسمۇ ؟ ››

شۇڭلاشقا ... ئۇلارغا خۇشاللىق ۋە گۈزەل قارارگاھ باردۇر  ، ھەمدە ئۇلارغا ئىشكلىرى ئىچىلغان ‹‹ ئەدن ›› دىگەن جەننەتلەر باردۇر ، ئۇلار بىلەن كىممۇ رىقابەتلىشەلىسۇن ؟ ھالبۇكى ، قۇياشتا ئۇنىڭ بىلەن رىقابەتلەشكەن كىشىگە چارچاتقۇچى مەنا باردۇر . ①
ئۇلار بولسا ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىنىڭ تاللانغانلىرى ، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ياخشى ئىشلارغا ئالدىرغۇچىلار ۋە ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ ۋارىسلىرىدۇر ، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دىدى : ئاندىن بىز كىتابنى بەندىلىرىمىزدىن بىز تاللىغان كىشىلەرگە مىراس قىلىپ بەردۇق ، ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىدۇر ( ئۇ ئۆزىنىڭ ئىمامىنى تونۇمىغان كىشىدۇر ) ، ئۇلارنىڭ بەزىسى ئوتتۇرھالدۇر (ئۇ ئىماملارنى دوست تۇتقۇچى كىشىدۇر ) ۋە ئۇلارنىڭ بەزىسى ئاللاھنىڭ ئىزنى بويىچە ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرغۇچىدۇر (ئۇ ئىمامنىڭ ئۆزىدۇر) ئەنە شۇ كاتتا مەرھەمەتتۇر .②

① سۈرە ساد 50-ئايەت .
② سۈرە فاتىر 32-ئايەت . سىقەتۇل ئىسلام ( مۇھەممەد ئىبنى يەئقۇب ) كۇلەينى ئۆزىنىڭ سالىمدىن بولغان سەھى رىۋايىتىدە ئۇنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى بايان قىلدى : مەن ئىمام ئابا جەئفەر مۇھەممەد باقىر (ئەلەيھىسسالام)دىن ئالللاھ تائالانىڭ : {ئاندىن بىز كىتابنى بەندىلىرىمىزدىن بىز تاللىغانكىشىلەرگە مىراس قىلىپ بەردۇق ...ئۇلارنىڭ بەزىسى ئوتتۇرھالدۇر (ئۇ ئىمامنى دوست تۇتقۇچىكىشىدۇر ) ۋە ئۇلارنىڭ بەزىسى ئاللاھنىڭ ئىزنى بويىچە }دىگەن سۆزى توغىرسىدا سۇئال قىلدىم ، ئاندىن ئىمام مۇنداق دىدى : ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرغۇچى بولسا ئىمامدۇر ، ئوتتۇرھال كىشى بولسا ئىمامنى تونۇغۇچىدۇر ۋە ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچى بولسا ئۆزىنىڭ ئىمامىنى تونۇمىغان كىشىدۇر . بۇنىڭ ئوخشىشىنى ئىمام ئابا ئابدىللا جەئفىر سادىق (ئەلەيھىسسالام) ، ئىمام ئەبىل ھەسەن مۇسا كازىم (ئەلەيھىسسالام) ، ۋە ئىمام ئەبىل ھەسەن ئەلى ئىبنى مۇسا رىزا (ئەلەيھىسسالام) لاردىنمۇ بايان قىلدى . ئىبنى مەردۇۋەيھ ئىمام ئەلى (كەررەمەللاھۇ ۋەجھۇ) دىن بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرى توغىرسىدا ئۇنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلدى : ‹‹ ئۇلار بولسا بىزدۇرمىز ››
\

ئۇلارنىڭ پەزىلىتى توغىرسىدىكى ئايەتلەردىن مۇشۇنچىلىك بولسا كۇپايىدۇر . ئىبنى ئابباس مۇنداق دىدى : تەنھا ئەلى (كەررەمەللاھۇ ۋەجھۇ) توغىرسىدا ئۈچ يۈز ( 300 ) ئايەت نازىل بولدى①
ۋە ئىبنى ئابباستىن باشقىلار : ئۇلار ھەققىدە قۇرئاننىڭ تۆتتىن بىرى نازىل بولدى ، دىدى  . بۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەستۇر ، چۈنكى ئۇلار ۋە قۇرئان كەرىم بولسا ، بىر نەرسىنىڭ ئايرىلمايدىغان ئىككى پارچىسىدۇر .

① بۇنى ئىبنى ئەساكىر ئىبنى ئابباستىن رىۋايەت قىلدى . سەۋائىق 9-باب 3-بۆلەك 76-بەتتىكىدەك .

Add comment


Security code
Refresh

پايدىلانغۇچىلارنىڭ سانى

2.png3.png1.png7.png5.png4.png
بۈگۈنكى20
تۈنۈگۈنكى275
بۇ ھەپتىدىكى 2041
بۇ ئايدىكى7725
ئومۇمى231754

2018 يىل ماي-27 يەكشەنبە 00:46

تور بېكىتىمىزدە خاتا بۇلۇپ قالغان مەزمۇن بولسا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋاقتىدا بىزگە ئۇچۇر قىلىپ قۇيۇشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز .  ئىنسان خاتالىقتىن مۇستەسنا ئەمەس،
اللە ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر . تور بېتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ. بېكىتىمىز ،سېرىق ھەم دۆلەت قانۇنىغا زىت بولغان ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر   يەتكۈزدىغان ئۇچۇر ۋە يازمىلارنى قەتئىي  چەكلەيدۇ. ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ .