ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قۇرئان ۋە ئىترەت ئسلام تورىغا خۇش كەپسىز

«نەھجۇل بەلاغە»:  بۇ كىتاپ جانابى ئىمام ئەلى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) نىڭ ھەر-خىل سورۇنلاردا سۆزلىگەن خۇتبىلىرى، ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلىرىغا ۋە باشقا كىشىلەرگە يازغان مەكتۇپلىرى ۋە ھەر-خىل مەزمۇنلاردىكى قىسقىچە ھىكمەتلىك سۆزلىرىنىڭ توپلانمىسى بولغان «نەھجۇل بەلاغە» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بولۇپ، بۇ توپلانما ئاپتۇر ئەللامە سەييىد شەرىيف رەزى دېگەن كىشى تەرپىدىن جەملەنگەن. جانابى ئىمامنىڭ بۇ توپلانمىسىنىڭ بىردىن-بىر ئالاھىدىلىگى شۇكى ھەر-قانداق ئاقىل ۋە ئىنساپلىق ئوقۇرمەن ئۇنى تۇنجى قېتىم ئوقۇغاندىلائۇنىڭغا ئىختىيارسىز ھالدا جەلىپ بولۇپ قالىدۇ،

چۈنكى ئۇنىڭدا ناھايتى چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، تەپسىلى ۋە ئىنىچكە باياناتلار ۋە نۇتۇقلار گۈزەل ئەرەپ تىلى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلىرى ئارقىلىق بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ئەرەپ تىلى پاساھەت ۋە بالاغىتىدە ئەڭ چېكىگە يەتكەندۇر. ئۇنىڭ نۇتۇقلىرىنىڭ سۆز-ئىبارىسى ناھايتى قىسقا ۋە مەزمۇنى مول ۋە چوڭقۇر مەنىلىك بولۇپ، ئۇ ئىنسانىيەت ھاياتىدىكى بارلىق ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ھەتتاكى ئۇ ئىنسانلارنىڭ روھى-كەيپىياتىغا ئائىت ئەھۋاللارنىمۇ، خۇددى كامالەتكە يەتكەن پىسخلوگىيە ئالىمىدەك ئىنىچكە ۋە تەپسىلى بايان قىلغاندۇر. شۇڭلاشقا تارىختىن بۇيان نۇرغۇنلىغان ئەدىبىيات ئالىملىرى ۋە پاساھەت-بالاغەت چولپانلىرى بۇ كىتاپنىڭ سۆز-ئىبارىلىرىدىن ۋە بايان قىلىش ئۇسلۇبلىرىدىن ھەمدە ئۇنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنلىرىدىن ھەيران قېلىپ، ئۇلار بۇ كىتاپتىكى مەزمۇنلارنىڭ ئادەتتىكى بىر شەخىسنىڭ سۆزى ئەمەسلىكىگە ئاشكارا ئېتىراپ قىلغان. تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى مەشھۇر دانىشمەنلەرنىڭ سۆزلىرىدىن ئۈلگە سۈپىتىدە بىر ئىككىسى بايان قىلىنىدۇ:
شەيىخ بەھائى ئۆزىنىڭ «كېشكۇل» ناملىق كىتاۋىنىڭ «ئەلجەۋاھىر» دېگەن بابىدا ئەبۇ ئوبەيدىدىن نەقىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «جانابى ئىمام ئەلى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) توققۇز جۈملىنى بايان قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئەرەپ تىلى بالاغەت ئالىملىرىنى ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىرەر جۈملىنى كەلتۈرۈشتىن نائۈمىت قىلدى. ئۇ توققۇز جۈملىنىڭ ئۈچى مۇناجات توغرىسىدا، ئۈچى ئىلىم-پەن توغرىسىدا ۋە يەنە ئۈچى بولسا، ئەدەپ-ئەخلاق توغرىسىدىدۇر» .
«نەھجۇل بەلاغە» نىڭ مەشھۇر شەرھىلىگۈچىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئبنى ئەبىل ھەدىيد ئەلمۇئتەزىلى دېگەن كىشى مۇنداق دېگەن: «بارلىق ئۈممەتلەر ئۇنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىدىغان زات بىلەن قەسەمكى، مەن بۇ خۇتبە (ئەلھاكۇمۇت تەكاسۇر خۇتبىسى ياكى 221- خۇتبە) نى ئەللىك يىلدىن بۇيان ھازىرغا قەدەر مىڭ قېتىمدىن كۆپرەك ئوقۇدۇم، ھەر-قېتىم ئۇنى ئوقۇغان ۋاقتىمدا قورقۇنچ، ۋەھشەت ۋە ئۇيقۇسىزلىق پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى قاپلىدى. ئۇ قەلبىمدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇپ بەدىنىمنى تىتىرەتتى ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنىغا دىققەت قىلغان چېغىمدا، ئۇرۇق-تۇققانلىرىمنىڭ، دوستلىرىمنىڭ ۋە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ئارىسىدىن ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەر يادىمغا كەلدى، ھەتتاكى مەن ئۆزەمنى جانابى ئىمام بۇ خۇتبىدە سۈپەتلەۋاتقان شەخىسنىڭ ئۆزىدەك ھىس قىلدىم. قانچىلىغان ۋەز-نەسىھەت قىلغۇچىلار، خۇتبە سۆزلىگۈچىلەر ۋە پاساھەت ئالىملىرى بۇ ھەقتە نۇتۇق سۆزلىدى ۋە مەن ناھايتى كۆپ قېتىم ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرىنى تەكرار-تەكرار ئاڭلىدىم، ئەمما ئۇلارنىڭ ھىچبىرىنىڭ مېنىڭ دىلىمغا ۋە ھال-ئەھۋالىمغا (روھى كەيپىياتىمغا) بۇ خۇتبىدەك تەسىر قىلغانلىقىنى كۆرمىدىم» .
يۇقارقى مەزمۇنلارغا ئاساسەن شۇنداق خۇلاسە قىلىشقا بولىدۇكى بۇنداق زور بىر توپلانمىنىڭ، قەلبى ئىلاھى سىرلار خەزىنىسى بىلەن تولغان، روھى چەكسىز ئىلىم دېڭىزى بولغان ھەمدە ئاللاھ-تائالانىڭ ئەڭ مەھبۇب بەندىسى ۋە ئەلچىسىنىڭ رىسالەت ئېتىكىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن جانابى ئىمام ئەلى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دىن باشقا بىر كىشىنىڭ سۆزى بولىشى ئېھتىمالدىن تولىمۇ يىراقتۇر.

ئاپتۇر سەييىد شەرىيف رەزى كىم؟ بۇ كىشىنىڭ ئىسىمى ئەبۇ ھەسەن مۇھەممەد ئىبنى ئەبى ئەھمەد بولۇپ، ئۇنىڭ ھۆرمەت نامى رەزىدۇر ۋە ئۇ سەييىد رەزى دېگەن نام بىلەن تونۇلغاندۇر. ئۇ چوڭ شىيئە ئالىملىرىنىڭ ۋە ئۆز زامانىدىكى ئاتاقلىق شائىرلارنىڭ بىرىدۇر. شۇنداقلا ئۇ زاھىدلىق، تەقۋالىق، گۈزەل ئەخلاق ۋە ئۆز نەپسىنى كامالەتكە يەتكۈزۈش بىلەن خەلقىنىڭ ئارىسىدا مەشھۇر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئومۇمى ۋە خاس ھۆرمەتلەشلىرىگە سازاۋەر بولغان ئىدى.
    ئۇ ھىجرىيە قەمەرىنىڭ 359- يىلى دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، 404- يىلى باغدادتا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ قەبرىسى باغدادنىڭ كەرخ مەھەللىسىدە بولۇپ، شىيئە خەلقىنىڭ زىيارەت قىلىش ئورنىدۇر. ئۇنىڭ جانابى ئىمامنىڭ سۆزلىرىنى جەملىگەن بۇ داڭلىق ئەسىرى «نەھجۇل بەلاغە» ۋە «شىئر دىۋانى» دىن باشقا يەنە ئون ئۈچ مەشھۇر ئەسىرى ھازىرغىچە ساقلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى بولغان «تەلخيسۇل بەيان ئەن مەجازاتىل قۇرئان» دۇر ۋە بۇ كىتاپ ئىران دۆلىتىنىڭ پايتەختى تېھراندا ئىككى قېتىم بېسىپ تارقىتىلغان.  داۋامى  بار........

Add comment


Security code
Refresh

پايدىلانغۇچىلارنىڭ سانى

2.png3.png1.png7.png5.png5.png
بۈگۈنكى21
تۈنۈگۈنكى275
بۇ ھەپتىدىكى 2042
بۇ ئايدىكى7726
ئومۇمى231755

2018 يىل ماي-27 يەكشەنبە 00:50

تور بېكىتىمىزدە خاتا بۇلۇپ قالغان مەزمۇن بولسا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋاقتىدا بىزگە ئۇچۇر قىلىپ قۇيۇشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز .  ئىنسان خاتالىقتىن مۇستەسنا ئەمەس،
اللە ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر . تور بېتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ. بېكىتىمىز ،سېرىق ھەم دۆلەت قانۇنىغا زىت بولغان ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر   يەتكۈزدىغان ئۇچۇر ۋە يازمىلارنى قەتئىي  چەكلەيدۇ. ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ .