ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قۇرئان ۋە ئىترەت ئسلام تورىغا خۇش كەپسىز


 12-ئىمام ھەزرىتى مەھدى ساھىبى زامان  ئەلەيھىسسالام
1)    ئىسم:مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ئەلەيھىسسالام
2)    مەشھۇر لەقەبلىرى : مەھدى، مۇنتەزەر، قائىم، ھۇججەت، ساھىبى زامان .
3)    ئۇنۋانى :  12-ئىمام
4)    تۇغۇلغان ۋاقتى : ھىجىريەنىڭ 255-يىلى شەئبان ئاينىڭ 15-كۈنى .
5)    تۇغۇلغان جاي : ئىراقنىڭ سامىرا شەھرىدە تۇغۇلغان .
6)    ئىمامەتلىك مۇددىتى :  ئىنتايىن ئۇزۇن ( ۋاللاھۇ ئەئلەم ) .



مەئسۇم پشۋالىرىمىزنىڭ  ئون ئىككىنجىسى ھەزرەتى ھۆججەت ئبنىل ھەسەن ئەلئەسكەرى، ئىمام مەھدى ئە¬لەيھىسسالام ‹‹ ھىجرىيەنىڭ 255-يىلى شابان ئينىڭ 15-كۇنى›› ئىراقنڭ سامرا دىگەن يىرىدە تۇغۇلغان . ئۇ كشنىڭ ئسىمى پەيغەمبەر ( سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ئالھى ۋەسەللەم)نىڭ ئسمىغا ئوخشاش (مۇھەممەد) ئىدى، ئول زاتنىڭ كۇنىيىسى رەسولۇللاھنىڭ كۇنىيىسىگە ئوخشاش ( ئەبۇل قاسىم ) ئىدى.لىكىن مەئسۇمىيىن ئەلەيھىسسالام ئول زاتنىڭ ئەسلى ئسمىنى ئىغىزغا ئىلىشتىن چەكلىگەندۇر .
 ھەزرەتى ئىمام زامان ئەلەيھىسسالامنىڭ لەقەبلىرى ھۆججەت ، قائىم، خەلەفۇس ، سالىھ ، ساھىبى زامان، بەقىيەتۇللاھ ۋە مەھدىدىن ئبارەت بۇلۇپ بۇ مەھدى لەقىبى ھەممدىن مەشھۇردۇر.
بۇ 12-ئىمامىمزنىڭ ئاتىلرى 11-ئىمام ھەزرەتى ئىمام ھەسەنىل ئەسكەرى ئەلەيھىسسالام ۋە ئانىلىرى نەرجىس بۇلۇپ بۇ ناھايتى فەزىلەتلىك ئايال ئىدى .
 ئۇنىڭ ئسمى رەيھانە، سەۋسەن ۋە سەقىل دەپمۇ ئاتالغاندۇر . بۇ ئايالنىڭ فەزىلتى ۋە تەقۋادارلىقى شۇنچىلىك يۇقىرى ئىدىكى ھەزرەتى ئىمام ئەلىيۇننەقى ئەلەيھسالامنىڭ سڭىللىرى ھەزرەتى ھەكمە دىگەن كشى مەن نەرجسنڭ خزمەتچىسى دىدى . ۋەھالەنكى ھەزرەتى ھەكمە سەلامۇللاھى ئەلەيھا ناھايتىمۇ ئۇستۇن مەرتىۋىيلىك كىشى ئىدى.
ھەزرەتى ئىمام مەھدى ئەلەيھىسسالام 2 قىتىم غايىپ بولغان ئىدى.
1- قىتىملىق غائىبلىقنىڭ مۇددىتى قىسقا بۇلۇپ بۇ ‹‹ غەيبەتى سۇغرا ›› دەپ ئاتىلىدۇ .
بۇ غائىبلىق ھەزرەتى ئىمام زامان ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان ۋاختىدىن تارتىپ ئول زاتنىڭ مەخسۇس نامايەندىلىرىنى تۇرغۇزۇش مۇددتنىڭ ئاخىرغىچە داۋاملاشقان.
2-قىتىملىق غەيبەت : ‹‹غەيبەتى كۇبرا ››دەپ ئاتىلىدۇ . بۇنىڭ مۇددىتى ناھايىتى ئۇزۇن -
بۇلۇپ‹‹ غەيبەتى سۇغرا››نىڭ ئاخىردىن تارتىپ ئۇ زاتنىڭ يەنە ئاشكارە بۇلۇپ چىققۇچە داۋاملىشدۇ.

Add comment


Security code
Refresh

پايدىلانغۇچىلارنىڭ سانى

2.png3.png1.png7.png5.png5.png
بۈگۈنكى21
تۈنۈگۈنكى275
بۇ ھەپتىدىكى 2042
بۇ ئايدىكى7726
ئومۇمى231755

2018 يىل ماي-27 يەكشەنبە 00:51

تور بېكىتىمىزدە خاتا بۇلۇپ قالغان مەزمۇن بولسا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋاقتىدا بىزگە ئۇچۇر قىلىپ قۇيۇشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز .  ئىنسان خاتالىقتىن مۇستەسنا ئەمەس،
اللە ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر . تور بېتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ. بېكىتىمىز ،سېرىق ھەم دۆلەت قانۇنىغا زىت بولغان ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر   يەتكۈزدىغان ئۇچۇر ۋە يازمىلارنى قەتئىي  چەكلەيدۇ. ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ .