ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قۇرئان ۋە ئىترەت ئسلام تورىغا خۇش كەپسىز

مۇئمىن  ھەققىدە ھەقىقى سۆز
∗ مۇئمىن داۋاملىق راست گەپ قىلىدۇ، داۋاملىق خەير – ئېھسان قىلىپ تۇرىدۇ.
∗ مۇئمىن ياخشى كۈنلەردە شۈكۈر قىلىپ، يامان كۈنلەردە سەۋر قىلىپ، باياشات كۈنلەردىمۇ ﷲتىن قورقۇپ تۇرغان كىشىدۇر.
∗ مۇئمىن كىشى غۇرۇرلۇق، سېخىيدۇر، ھەر كىشى ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن خاتىرجەم ھالدا ياشايدۇ، لېكىن مۇئمىن كىشى داۋاملىق ئېھتىيات بىلەن ياشايدۇ.
∗ مۇئمىن داۋاملىق ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدۇ ، داۋاملىق ئىبادەتگە مەشغۇل بۇلۇپ تۇرىدۇ.
∗ مۇئمىن باشقىلارنىڭ تەلىپىنى ئاشۇرۇپ ئورۇندايدۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ ئېھتىياجلىرىغا بەك كۈچەپ كەتمەيدۇ.


∗ مۇئمىن كىشى ئىمانىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىدىن، ئېتىقادسىزلىقتىن قورقىدۇ، ﷲ تائالانىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
∗ مۇئمىن كىشى مۇسىبەتكە يېقىن بۇلىدۇ ،  ئورۇنسىز گەپ قىلمايدۇ، ئەمەل – ئىبادەتنى خالىس ئاللاھ ئۇچۇن قىلىدىغان كىشىدۇر .
∗ ئىرادىسى پولاتتىن قاتتىق، ئىنتايىن كەمتەر بولغان كىشى ھەقىقىي مۇئمىن ھېسابلىنىدۇ.
∗ ھەقىقىي مۇئمىن ئەتراپقا قارىغاندا ئىبرەت كۆزى بىلەن قارايدۇ، سۈكۈتتا تۇرغىنىدا تەپەككۇر قىلىدۇ، گەپ قىلغىنىدا ﷲنى زىكىر قىلىدۇ، نېمەتكە ئېرىشكەندە شۈكۈر قىلىدۇ، مۇسىبەتكە يولۇققاندا سەۋر قىلىدۇ.
∗ ھەقىقىي مۇئمىن نەسىھەت ئاڭلىغاندا گۇناھلىرىدىن قول يىغىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇلغاندا ئېھتىيات قىلىدۇ، ئىبرەتلىك بىرەر ۋەقە ئاڭلىغاندا ئىبرەت ئالىدۇ، ھەق ئەسلىتىلسە قوبۇل قىلىدۇ، قېرىنداشلىرىدىن ئەزىيەت يەتسە كەچۈرۈم قىلىدۇ.
∗ ھەقىقىي مۇئمىن كىشىلەرنىڭ ئەزىيەتلىرىنى ئەپۇ قىلىپ، باشقىلارغا ئەزىيەت بەرمەيدۇ.
∗ ھەقىقىي مۇئمىن كىشىلەر ئاللاھنىڭ دۇستىغا دۇست ۋە دۇشمىنىگە دۇشمەنلىك ئىزھار قىلىدۇ .
∗ مۇئمىننىڭ خۇشاللىقى چىرايىدا، كۈچى دىنىنى قوغداشتا، قايغۇسى يۈرىكىدە ئىپادىلىنىدۇ.
∗ ھەقىقىي مۇئمىن كىشى پەيغەمبەر ئەلەيسسالام ۋە ئۇ ھەزرەتنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى خۇشال بۇلغاندا خۇشال بۇلىدۇ ، خاپا بۇلغاندا خاپا بۇلىدۇ.
∗ مۇئمىن كىشى ئەقلىنى كۈچەيتىش، شەھۋەتلىرىنى يوقىتىش، ﷲقا بويسۇنۇش ۋە خاھىشىغا قارشى چىقىشقا بارلىق كۈچى بىلەن تېرىشىشى كېرەك.
∗ باياشادلىقنى سىناق، بالا – مۇسىبەتنى ئاگاھلاندۇرۇش دەپ بىلمىگۈچە مۇئمىننىڭ ئىمانى كامىل بولمايدۇ.
∗ ئالتۇن ئوت بىلەن تاۋلانغاندەك، مۇئمىنمۇ بالا – قازا بىلەن تاۋلىنىدۇ.
∗ مۇئمىننىڭ ئۈچ تۈرلۈك ئالاھىدىكىلى بار: راستچىللىق، ئېشەنچ ۋە خىياللارغا بېرىلىپ كەتمەسلىك.
∗ ھەقىقىي مۇئمىن غەم – ئەندىشىسىنى ئاخىرىتىگە مەركەزلەشتۈرىدۇ، بارلىق تىرىشچانلىقلىرىنى ئۆزىنىڭ كېلەچىكىگە بېغىشلايدۇ.
∗ مۇئمىن قېرىندىشى ئاچ قالغان ۋاقىتلاردا قەتئىي توق تۇرماسلىقى، بەلكى قېرىندىشىغا ياردەم قىلىشى كېرەك.
∗ مۇئمىننىڭ تەبىتى باشقىلارغا خەيرخاھلىق قىلىش، خىسلىتى ئەپۇ قىلىش.
∗ مۇئمىننى ياخشىلىق قىلىدۇ دەپ ئويلايدۇ، يامانلىق قىلىدۇ دەپ ئويلىمايدۇ.
∗ ھەقىقىي مۇئمىننىڭ تەقۋادارلىقى قەلبىدە ئورۇن ئالىدۇ، پەزىلىتى گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلىشتا نامايان بولىدۇ.
∗ مۇئمىن پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلغانلىقىدىن خۇرسەن بولىدۇ، گۇناھلىرىدىن قايغۇرىدۇ.
∗ مۇئمىن مۇلايىم، سىلىق – سىپايە، ئوچۇق – يورۇق، ئېشەنچىلىك بولىدۇ.
∗ مۇئمىننىڭ يېتەرسىزلىكى ئاز، ياخشى ئىشلىرى كۆپ بولىدۇ.
∗ مۇئمىن قولى ئۇچۇق  بۇلىدۇ ، بىخىل بۇلمايدۇ ، سەميمىلىكنى ئۆزىگە دۇست تۇتىدۇ.
∗ مۇئمىن كۆڭلىگە كەچكەن بولمىغۇر خىياللىرىغا قايغۇرىدۇ، دوستلىرىغا كۆيۈمچان بولىدۇ.
∗ مۇئمىن نائىنساپ كىشىلەرگىمۇ ئىنساپ بىلەن مۇئاملىە قىلىدۇ، ئتپاقلىقنى ياخشى كۇرىدۇ ۋە قۇلىدىن كىلىشچە باشقىلارغا ياردەم قىلىدۇ .
     ھەزرىتى ئىمام ئـەلىنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى تاللانما.....

Add comment


Security code
Refresh

پايدىلانغۇچىلارنىڭ سانى

2.png3.png1.png7.png5.png8.png
بۈگۈنكى24
تۈنۈگۈنكى275
بۇ ھەپتىدىكى 2045
بۇ ئايدىكى7729
ئومۇمى231758

2018 يىل ماي-27 يەكشەنبە 01:08

تور بېكىتىمىزدە خاتا بۇلۇپ قالغان مەزمۇن بولسا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋاقتىدا بىزگە ئۇچۇر قىلىپ قۇيۇشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز .  ئىنسان خاتالىقتىن مۇستەسنا ئەمەس،
اللە ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر . تور بېتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ. بېكىتىمىز ،سېرىق ھەم دۆلەت قانۇنىغا زىت بولغان ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر   يەتكۈزدىغان ئۇچۇر ۋە يازمىلارنى قەتئىي  چەكلەيدۇ. ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ .