ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قۇرئان ۋە ئىترەت ئسلام تورىغا خۇش كەپسىز

 

ئۇيغۇرلاردا ئانا تەربىيەسى ۋە ئانىلارنىڭ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ

ئاللاھ سۈپەتلىك ئىنسانلاردىن تاللاپ، بىزلەرگە پەيغەمبەر، پادىشاھ، ئەۋلىيا، ئالىم، ھۆكۈما، مۇنەججىم، پەيلاسوپ، سەركەردە، ئۇستاز ھەم داھىي قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئانىلار تۇغقان. مەيلى قانداق ئېرىق، قايسى دىن، قىتئە، قەبىلە، مىللەتتىن بولسۇن، قايسى ئىنساننىڭ سۈپىتى-ساپاسى يۇقىرى بولسا، شۇ ئاشۇ بۈيۈك ئىنسانلىق مەرتىۋىسىگە كۆتۈرۈلۈپ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﻰ.ھەرقايسى مىللەتتىن بۇنداق كىشىلەر كۆپلەپ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗچىقتى.بۇ يەردە مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىلغا ئېلىپ ساناپ بولالمايمەن. قىسقىسى بىلمەيمەن. بىلىدىغىنىم ناھايىتى ئاددىي ھەم ئاز بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ بىز. بىزدىن پادىشاھ، ئەۋلىيا، ئالىم، داھىي ئەڭ ئاز چىقتى.قانچە يۈز يىللار بولدىكىن، بىزدە بۇنداق ئىنسانلار تۇغۇلمىدى. ئۇيغۇر ئانىلار بىزلەرنى، بىزدەكلەرنى مىليونلاپ تۇغدى. ھاراقكەش، بەڭگى، بىكارچى، لاپچى، يېتىمچى، غەيۋەتخور، قەلەندەر، قىمارۋاز، ساراڭ، غالچا، ﺧﯘﻣﺴﻰ، چېقىمچى، ساتقىن، مۇساپىر، ئىلگىرى باسماس تىجارەتچى، ياللانما ئەتكەسچى، ئوغرى، رەممال دېگەندەكلەر ئەڭ كۆپ، ئەڭ مول ھوسۇللۇق تۇغۇلدۇق. ۋەتەننى بىر ئۆي دېسەك، بۇ ئۆي بۇنداقلار بىلەن لىق قاپلاندى.



    ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ كىتاب ھەققىدە ئېيتقانلىرى

    -كىتاب - خۇددى قولۋاققا ئوخشاش بىزنى تار دائىردىن، بىپايان تۇرمۇش دېڭىزىغا باشلايدۇ.

    -كىتاب - بىزگە بىلىم ۋە كۈچ - قۇدرەت ئاتا قىلىدىغان دوستىمىز.

    -كىتاب - بارلىق قۇلۇپلارنىڭ ئاچقۇچى، ئەقىلنىڭ نۇرلۇق چىرىغى.

    -كىتاب - ئۇ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن مىللەتنىڭ مەدەنىيەت، ئەخلاق ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ. كىتابنى پەقەت بىلىمگە ئىنتىلىدىغان كىشىلەرلا قەدىرلەيدۇ.

    -كىتاب - ھەر بىر شەخسنىڭ مەنىۋى فوندى ۋە ئۇنىڭ كامالەت گۇۋاھنامىسى.


پەرزەنت خۇشاللىقى ھەر قانداق ئاتا-ئانا ئۈچۈن چەكسىزدۇر. ئادەتتە كىشىلەر غەم قايغۇسىنى كۆز ياشلىرى بىلەن ئىپادىلىسە، خوشاللىقىنى كۈلكە بىلەن ئىپادىلەيدۇ. بىراق، دەرىجىدىن تاشقىرى خوشاللىقنىمۇ كۆز ياشلىرى بىلەن ئىپادىلەپ،ئاللاھقا تەشەككۈر ئېيتىدۇ. پەرزەنت خوشاللىقى مۇشۇلار قاتارىدىن بولۇپ، ھەرقانداق رەھىمسىز،تاش يۈرەك ئاتا-ئانىمۇ بۇنداق خوشاللىقنىڭ سىرتىدا ئەمەس. چۈنكى ئاتا-ئانىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى- ئۆزلىرىنىڭ ئىز باسارى بار بولسا، ئۆزلىرى ئاچ-زار، يىلىڭ بولسىمۇ پەرزەنتىنىڭ غېمىنى يەپ مەڭگۈ مىننەتسىز قۇلدەك ئىشلەپ پەرزەنتىلىرىنى تەربىيلەش، قاتارغا قوشۇش ۋە جەميەت ئۈچۈن ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيلەش ئۈچۈن تىرىشىدۇ، ھەمدە چەكلىك ئۆمرىدە ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئۆزىنىڭ مىراسخورى بولغان، پەرزەنتىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ئۇنى ياراملىق ئەۋلاتلاردىن قىلىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدۇ.

پايدىلانغۇچىلارنىڭ سانى

2.png3.png1.png7.png5.png5.png
بۈگۈنكى21
تۈنۈگۈنكى275
بۇ ھەپتىدىكى 2042
بۇ ئايدىكى7726
ئومۇمى231755

2018 يىل ماي-27 يەكشەنبە 00:57

تور بېكىتىمىزدە خاتا بۇلۇپ قالغان مەزمۇن بولسا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋاقتىدا بىزگە ئۇچۇر قىلىپ قۇيۇشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز .  ئىنسان خاتالىقتىن مۇستەسنا ئەمەس،
اللە ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر . تور بېتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ. بېكىتىمىز ،سېرىق ھەم دۆلەت قانۇنىغا زىت بولغان ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر   يەتكۈزدىغان ئۇچۇر ۋە يازمىلارنى قەتئىي  چەكلەيدۇ. ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ .