ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قۇرئان ۋە ئىترەت ئسلام تورىغا خۇش كەپسىز

ھەزرەتى ئايەتۇللاھ بەھجەتنىڭ قىسقىچە تارىخى.
ھەزرەتى ئايەتۇللاھ بەھجەت 1334-يىلى ھىجىريە قەمەرى يىلى ئىران دۆلىتى گيلان ئۆلكىسىنىڭ فۇمىن شەھردە بىر دىندار ، تەقۋدار ۋە سالىھ  ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن . ھەزرەتى ئايەتۇللاھ مۇھەممەد  بەھجەت تۇغۈلۇپ 16 ئايلىق بۇلغاندا مىھربان ۋە كۇيۇمچان ئانىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايىتىدۇ .
ئەنە شۇ چاغدىن باشلاپ يەتىملىكنىڭ دەردىنى يەتكۇچە تارتىپ دادىسىنىڭ يىتەكلىشى ۋە تەربىلىشى ئاستىدا چۇڭ بۇلىدۇ.
ھەزرەتى ئايەتۇللاھ بەھجەتنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى مەھمۇد بەھجەت كەربەلايى بۇلۇپ شۇ زاماندا فۇمىن شەھرىدىكى كىشلەرنىڭ ئارىسىدا راسچىل ،سەمىمى ، ئىشەنچىلك ۋە تەقۋادار دەپ تۇنۇلغان ئىدى.


ئۇنىڭدىن باشقا قۇلىدىن كەلسىلا كىشلەرگە ياردەم قىلاتتى . ئۇ ھەمىشە مىنىڭ مانا مۇشۇنداق ياخشى تۇرمۇشقا ۋە ھۇرمەتكە ئىرىشىشىم بۇلسا ئاللاھنىڭ ماڭا قىلغان چوڭ مەرھىمىتى ۋە مىنڭ ئەھلىبەيتكە بۇلغان ئىمان ۋە ئىتىقادىم نىڭ سەۋەبىدىندۇر دەيتتى.
ئۇ يەنە ھەر يىلى مۇھەررەم ئىيدا ھەزرەتى ئابا ئابدىللاھى ھۇسەيين ئەلەيھىسسالامنىڭ ماتىمىنى تۇتۇپ ئۆزى قاتناشقانكى سۇرۇندا مەرسىيە ۋە مۇسىبەت شىئرلىرىنى بەكلا مۇڭلۇق ئاۋازدا ئۇقۇيىتتى.
ھەزرەتى ئايەتۇللاھ بەھجەتنىڭ دادىسى مەھمۇد بەھجەت كەربەلايى ئالەمدىن ئۆتكىلى شۇنچە يىل بۇلغان بۇلسىمۇ تا ھازىرغىچە ئۇ ئۇقۇغان مەرسىيەلەرنى ھازىرقى ياش قارىلار ۋە مەرسىيە ئۇقۇغۇچىلار ئۇقۇپ كىلۋاتىدۇ .
ھەزرەتى ئايەتۇللاھ بەھجەتنىڭ ئۇگۇنۈش ھاياتى:
دەسلەپكى باسقۇچتىكى دىننى ئىلىملىرىنى فۇمىن شەھرىدە تاماملىغان . ئۆز يۇرتىدا ئەرەپ تىلى ئەدەبىياتىنى ئۇقۇپ تۇگەتكەندىن كىيىن ھىجىريە قەمەرى يىلىنىڭ 1348-يىلى  14يىشىدا دىننى ئىلىملارنى تىخمۇ ۋايىغا يەتكۇزۇپ ئۇگۇنۈش ئۇچۇن ئىراققا سەپەر قىلغان ۋە ئىراقنىڭ كەربەلادا 4يىل تۇرۇپ قالغان دىىننى ئىلىملارنى بىر مەزگىل مەرھۇم ھاج ئەبۇل قاسىم خۇيىنىڭ قۇل ئاستىدا ئۇگەنگەن . ئۇ يەنە 1352-يىلى ئۇگۇنىشىنى داۋاملاشتۇرىشى ئۇچۇن ئىراقنىڭ نەجەفگە سەپەر قىلغان ۋە شۇ زاماندىكى مەشھۇر ئۆلىمالاردىن ئىلىم تەھسىل قىلغان .
ھەزرەتى ئايەتۇللاھ بەھجەت پەقەت ئىلىم ئۇگۇنۈش بىلەنلا تۇختاپ قالماستن  بەلكى ئۆزىنى مەنىۋى ئىبادەتلەر بىلەن قاتتق تاۋلىغان كىچىلىرى دۇئا – مۇناجات ۋە ناماز شەپ ئۇقۇشقا مەشغۇل بۇلغان.
 ھاياتىدا نۇرغۇلىغان ياخشى شاگىردلارنى تەربيلەپ قاتارغا قۇشقان ئۇ ھەزرەتنىڭ شاگىردلىرى ھازىر دۇنيانىڭ ھەر-قايسى جايلىرىغا تارقاپ قۇرئان ۋە ئەھلى بەيتنىڭ مەنىسىنى ۋە پەزىلىتىنى بايان قىلماقتا.
ھەزرەتى ئايەتۇللاھ بەھجەت 1386 يىلى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتقان .
جانابى ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا سەبىر تەھەممۇل ۋە مەرھۇمگە كاتتا مەرتىبە ۋە رھمەت ئاتا قىلغاي .
مەرھۇم ھەزرەتى ئايەتۇللاھ بەھجەتنىڭ بەزى ئەسەرلىرى:
1.    رساله توضيح المسائل
2.    مناسک حجّ،
3.    وسيله النجاه،
4.    جامع المسائل.
داۋامى يەنە بار............... داۋاملىق يۇللىنىدۇ..






 

Add comment


Security code
Refresh

پايدىلانغۇچىلارنىڭ سانى

2.png3.png0.png7.png2.png6.png
بۈگۈنكى68
تۈنۈگۈنكى298
بۇ ھەپتىدىكى 1013
بۇ ئايدىكى6697
ئومۇمى230726

2018 يىل ماي-23 چارشەنبە 06:53

تور بېكىتىمىزدە خاتا بۇلۇپ قالغان مەزمۇن بولسا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋاقتىدا بىزگە ئۇچۇر قىلىپ قۇيۇشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز .  ئىنسان خاتالىقتىن مۇستەسنا ئەمەس،
اللە ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر . تور بېتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ. بېكىتىمىز ،سېرىق ھەم دۆلەت قانۇنىغا زىت بولغان ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر   يەتكۈزدىغان ئۇچۇر ۋە يازمىلارنى قەتئىي  چەكلەيدۇ. ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ .